< ئايۇپ 27 >

ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ 1
«مېنىڭ ھەققىمنى تارتىۋالغان تەڭرىنىڭ ھاياتى بىلەن، جېنىمنى ئاغرىتقان ھەممىگە قادىرنىڭ ھەققى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 2
تېنىمدە نەپەس بولسىلا، تەڭرىنىڭ بەرگەن روھى دىمىغىمدا تۇرسىلا، 3
لەۋلىرىمدىن ھەققانىيسىز سۆزلەر چىقمايدۇ، تىلىم ئالدامچىلىق بىلەن ھېچ شىۋىرلىمايدۇ! 4
سىلەرنىڭكىنى توغرا دېيىش مەندىن يىراق تۇرسۇن! جېنىم چىققانغا قەدەر دۇرۇسلۇقۇمنى ئۆزۈمدىن ئايرىمايمەن! 5
ئادىللىقىمنى چىڭ تۇتۇۋېرىمەن، ئۇنى قويۇپ بەرمەيمەن، ۋىجدانىم ياشىغان ھېچبىر كۈنۈمدە مېنى ئەيىبلىمىسۇن! 6
مېنىڭ دۈشمىنىم رەزىللەرگە ئوخشاش بولسۇن، ماڭا قارشى چىققانلار ھەققانىيسىز دەپ قارالسۇن. 7
چۈنكى تەڭرى ئىپلاس ئادەمنى ئۈزۈپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا، ئۇنىڭ يەنە نېمە ئۈمىدى قالار؟ 8
بالايىئاپەت ئۇنى بېسىپ چۈشكەندە، تەڭرى ئۇنىڭ نالە-پەريادىنى ئاڭلامدۇ؟ 9
ئۇ ھەممىگە قادىردىن سۆيۈنەمدۇ؟ ئۇ ھەردائىم تەڭرىگە ئىلتىجا قىلالامدۇ؟ 10
مەن تەڭرىنىڭ قولىنىڭ قىلغانلىرى توغرىسىدا سىلەرگە مەلۇمات بېرەي؛ ھەممىگە قادىردا نېمە بارلىقىنى يوشۇرۇپ يۈرمەيمەن. 11
مانا سىلەر ئاللىبۇرۇن بۇلارنى كۆرۈپ چىقتىڭلار؛ سىلەر نېمىشقا ئاشۇنداق پۈتۈنلەي قۇرۇق خىياللىق بولۇپ قالدىڭلار؟ 12
رەزىل ئادەملەرنىڭ تەڭرى بېكىتكەن ئاقىۋىتى شۇنداقكى، زوراۋانلارنىڭ ھەممىگە قادىردىن ئالىدىغان نېسىۋىسى شۇنداقكى: ــ 13
ئۇنىڭ بالىلىرى كۆپەيسە، قىلىچلىنىش ئۈچۈنلا كۆپىيىدۇ؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېنى يېتىشمەيدۇ. 14
ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېيىن قالغان ئادەملىرى ئۆلۈم بىلەن بىۋاسىتە دەپنە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قالغان تۇل خوتۇنلىرى ماتەم تۇتمايدۇ. 15
ئۇ كۈمۈشلەرنى توپا-چاڭدەك يىغىپ دۆۋىلىسىمۇ، كىيىم-كېچەكلەرنى لايدەك كۆپ يىغسىمۇ، 16
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەييارلىسىمۇ، بىراق كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ؛ بىگۇناھلارمۇ كۈمۈشلەرنى بۆلۈشىدۇ. 17
ئۇنىڭ ياسىغان ئۆيى پەرۋانىنىڭ غوزىسىدەك، ئۈزۈمزارنىڭ كۆزەتچىسى ئۆزىگە سالغان كەپىدەك بوش بولىدۇ. 18
ئۇ باي بولۇپ يېتىپ دەم ئالغىنى بىلەن، بىراق ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كېلىدۇكى، كۆزىنى ئاچقاندا، ئەمدى تۈگەشتىم دەيدۇ. 19
ۋەھىمىلەر كەلكۈندەك بېشىغا كېلىدۇ؛ كەچتە قارا قۇيۇن ئۇنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ. 20
شەرق شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ؛ شىددەت بىلەن ئۇنى ئورنىدىن ئېلىپ يىراققا ئېتىپ تاشلايدۇ. 21
بوران ئۇنى ھېچ ئايىماي، بېشىغا ئۇرۇلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھە دەپ ئۇرۇنىدۇ؛ 22
بىراق [شامال] ئۇنىڭغا قاراپ چاۋاك چالىدۇ، ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ». 23

< ئايۇپ 27 >