< ئايۇپ 26 >

ئايۇپ [بىلدادقا] جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
«ماغدۇرسىز كىشىگە قالتىس ياردەملەرنى بېرىۋەتتىڭ! بىلەكلىرى كۈچسىز ئادەمنى كارامەت قۇتقۇزۇۋەتتىڭ! 2
ئەقلى يوق كىشىگە قالتىس نەسىھەتلەرنى قىلىۋەتتىڭ! ۋە ئۇنىڭغا ئالامەت بىلىملەرنى نامايان قىلىۋەتتىڭ! 3
سەن زادى كىمنىڭ مەدىتى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلدىڭ؟ سەندىن چىقىۋاتقىنى كىمنىڭ روھى؟ 4
ــ «ئەرۋاھلار، يەنى سۇ ئاستىدىكىلەر، شۇنداقلا ئۇ يەردە بارلىق تۇرۇۋاتقانلار تولغىنىپ كېتىدۇ؛ 5
بەرھەق، [خۇدانىڭ] ئالدىدا تەھتىسارامۇ يېپىنچىسىز كۆرۈنىدۇ، ھالاكەتنىڭمۇ ياپقۇچى يوقتۇر. (Sheol h7585) 6
ئۇ [يەرنىڭ] شىمالىي [قۇتۇپىنى] ئالەم بوشلۇقىغا سوزغان، ئۇ يەر [شارىنى] بوشلۇق ئىچىدە مۇئەللەق قىلغان؛ 7
ئۇ سۇلارنى قويۇق بۇلۇتلىرى ئىچىگە يىغىدۇ، بۇلۇت ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەنمۇ يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. 8
ئۇ ئاينىڭ يۈزىنى ياپىدۇ، ئۇ بۇلۇتلىرى بىلەن ئۇنى توسىدۇ. 9
ئۇ سۇلارنىڭ ئۈستىگە چەمبەر سىزىپ قويغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق ھەم قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى بېكىتكەن. 10
ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكلىرى تەۋرەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاڭلاپلا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. 11
ئۇ دېڭىزنى قۇدرىتى بىلەن تىنچلاندۇرىدۇ؛ ئۆز ھېكمىتى بىلەن راھابنى پارە-پارە قىلىپ يانجىۋېتىدۇ. 12
ئۇنىڭ روھى بىلەن ئاسمانلار بېزەلگەن، ئۇنىڭ قولى تېز قاچقان ئەجدىھانى سانجىيدۇ. 13
مانا، بۇ ئىشلار پەقەت ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدۇر، خالاس؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامىدىن ئاڭلاۋاتقىنىمىز ناھايىتى پەس بىر شىۋىرلاش، خالاس! ئۇنىڭ پۈتكۈل زور قۇدرىتىنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى بولسا كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟!». 14

< ئايۇپ 26 >