< ئايۇپ 23 >

ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
«بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر؛ ئۇنىڭ مېنى باسقان قولى ئاھ-زارلىرىمدىنمۇ ئېغىردۇر! 2
ئاھ، ئۇنى نەدىن تاپالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسامئىدى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا بارار ئىدىم! 3
شۇندا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەۋايىمنى بايان قىلاتتىم، ئاغزىمنى مۇنازىرىلەر بىلەن تولدۇراتتىم، 4
مەن ئۇنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغان جاۋابىنى بىلەلەيتتىم، ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىم. 5
ئۇ ماڭا قارشى تۇرۇپ زور كۈچى بىلەن مېنىڭ بىلەن تالىشامتى؟ ياق! ئۇ چوقۇم ماڭا قۇلاق سالاتتى. 6
ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەققانىي بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشالايتتى؛ شۇنداق بولسا، مەن ئۆز سوتچىم ئالدىدا مەڭگۈگىچە ئاقلانغان بولاتتىم. 7
ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن. 8
ئۇ سول تەرەپتە ئىش قىلىۋاتقاندا، مەن ئۇنى بايقىيالمايمەن؛ ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛ 9
بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن. 10
مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛ ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم. 11
مەن يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتمىدىم؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ قەدىرلەپ كەلدىم. 12
بىراق ئۇنىڭ بولسا بىرلا مۇددىئاسى باردۇر، كىممۇ ئۇنى يولىدىن بۇرۇيالىسۇن؟ ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى قىلىدۇ. 13
چۈنكى ئۇ ماڭا نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا، شۇنى بەرھەق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؛ مانا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇندۇر. 14
شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشىمەن؛ بۇلارنى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن. 15
چۈنكى تەڭرى كۆڭلۈمنى ئاجىز قىلغان، ھەممىگە قادىر مېنى ساراسىمىگە سالىدۇ. 16
ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم، ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم. 17

< ئايۇپ 23 >