< ئايۇپ 14 >

ئانىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ كۈنلىرى ئازدۇر، پالاكەت ئۇنىڭغا ياردۇر. 1
ئۇ گۈلدەك دۇنياغا كېلىپ ئاندىن توزۇيدۇ، ئۇ [قۇياش ئالدىدىن] سايىگە ئوخشاش قېچىپ كېتىدۇ. 2
بىراق سەن تېخى شۇنداق بىر ئاجىز بولغۇچىغا كۆزۈڭنى تىكىپ، مېنى ئۆز ئالدىڭغا سوراققا تارتىۋاتامسەن؟ 3
كىم ناپاك نەرسىلەردىن پاك نەرسىنى چىقىرالايدۇ؟ ــ ھېچكىم! 4
[ئىنساننىڭ] كۈنلىرى بېكىتىلگەندىكىن، ئۇنىڭ ئايلىرىنىڭ سانى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغاندىكىن، سەن ئۇنىڭ ئۆتسە بولمايدىغان چەكلىرىنى بېكىتكەندىكىن، 5
ئۇنىڭ بىرئاز دەم ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كۆزۈڭنى ئېلىپ قاچقىن، شۇنىڭ بىلەن مەدىكاردەك ئۇنىڭغا ئۆز كۈنلىرىدىن سۆيۈنۈش نېسىپ بولسۇن! 6
چۈنكى دەرەخ كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئۆسۈشتىن ئۈمىد بار؛ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ يۇمران بىخلىرى تۈگەپ كەتمەيدۇ؛ 7
ئۇنىڭ يىلتىزى يەردە قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆتىكى توپىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، 8
بىراق سۇنىڭ پۇرىقى بىلەنلا ئۇ يەنە كۆكىرىدۇ، يۇمران ئوت-چۆپتەك يېڭى بىخلارنى چىقىرىدۇ. 9
بىراق ئادەم بولسا ئۆلىدۇ، ئىلاجسىز ئوڭدا ياتىدۇ، بەرھەق، ئىنسان نەپەستىن قالىدۇ، ئاندىن نەدە بولىدۇ؟ 10
دېڭىزدىكى سۇلار پارغا ئايلىنىپ تۈگەپ كەتكەندەك، دەريالار قاغجىراپ قۇرۇپ كەتكەندەك، 11
ئوخشاشلا ئادەم يېتىپ قالسىلا قايتىدىن تۇرمايدۇ؛ ئاسمانلار يوقىمىغۇچە، ئۇلار ئويغانمايدۇ، ئۇيقۇدىن تۇرمايدۇ. 12
ئاھ، تەھتىساراغا مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ ئىدى، غەزىپىڭ ئۆتۈپ كەتكۈچە مېنى مەخپىي ساقلاپ قويساڭ ئىدى، مېنى ئېسىڭگە ئالىدىغان بىر ۋاقىت-سائەتنى ماڭا بېكىتىپ بەرسەڭ ئىدى! (Sheol h7585) 13
ئادەم ئۆلسە، قايتا ياشامدۇ؟ شۇنداق بولسا ماڭا شۇنداق ئۆزگىرىش ۋاقتى كەلگۈچە، مۇشۇ جاپاغا تولغان كۈنلىرىم ئۆتكۈچە، سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەتتىم! 14
شۇنداق بولسا سەن مېنى چاقىرساڭ، جاۋاب بېرەتتىم؛ سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭغا ئۈمىد-ئارزۇيۇڭ بولاتتى. 15
بىراق سەن ھازىر ھەربىر دەسسىگەن قەدەملىرىمنى ساناپ، گۇناھىمنى كۆزىتىۋاتىسەنغۇ! 16
ئىتائەتسىزلىكىم خالتىغا سېلىنىپ پېچەتلەندى، گۇناھلىرىمنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ ساقلاپ قويدۇڭ. 17
دەرۋەقە تاغمۇ يىمىرىلىپ يوقالغاندەك، تاش ئۆز ئورنىدىن تەۋرىنىپ كەتكەندەك، 18
سۇلار تاش-شېغىللارنى ئۇپرىتىپ يوقاتقاندەك، توپانلار زېمىندىكى توپىنى سۈپۈرۈپ كەتكەندەك، سەن ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يوق قىلىسەن. 19
سەن مەڭگۈگە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن، شۇڭا ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ چىرايىنى تۇتۇلدۇرىسەن، ئۇنى ئۆز يېنىڭدىن يىراق قىلىسەن. 20
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ، بىراق ئۇ بۇنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلار پەس قىلىنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇلاردىنمۇ خەۋىرى بولمايدۇ. 21
ئۇ [پەقەت] ئۆز تېنىدىكى ئاغرىقىدىنلا ئازابلىنىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە ئۆزى ئۈچۈنلا ھەسرەت-نادامەت چېكىدۇ. 22

< ئايۇپ 14 >