< ئايۇپ 13 >

مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛ مېنىڭ قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن. 1
سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛ مېنىڭ سىلەردىن قېلىشقۇچىلىكىم يوق. 2
بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر، مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ. 3
سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر. 4
سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلارئىدى! بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى! 5
مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار، لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. 6
سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟ 7
ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ [خۇشامەت] قىلماقچىمۇسىلەر؟! ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟ 8
ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟ ئىنسان بالىسىنى ئالدىغاندەك ئۇنى ئالدىماقچىمۇسىلەر؟ 9
سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ. 10
بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى، ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ سىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ؟ 11
پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛ سىلەر [ئىشەنچ باغلىغان] ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، خالاس. 12
مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار. بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە كەلسۇن! 13
قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن، مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن! 14
ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛ 15
بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛ چۈنكى ئىپلاس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ. 16
سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار، بايانلىرىمغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار. 17
مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. 18
مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم! 19
[ئاھ خۇدا]! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛ شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرمايمەن: 20
ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن. 21
ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛ ياكى مەن ساڭا [دەۋايىمدىن] سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن. 22
مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟ ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر! 23
نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟ 24
ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟ قۇرۇپ كەتكەن پاخالنى قوغلىماقچىمۇسەن؟ 25
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن، سەن ياشلىقىمدىكى قەبىھلىكلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇۋاتىسەن. 26
مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە، مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن، لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛ تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن. 27

< ئايۇپ 13 >