< ئايۇپ 11 >

ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ 1
«گەپ مۇنداق كۆپ تۇرسا، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرغىلى بولماس؟ سۆزمەن كىشى ئۆزىنى ئاقلىسا بولامدۇ؟ 2
سېنىڭ سەپسەتەلىرىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىسا بولامدۇ؟ سەن مازاق قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن، ھېچكىم بۇ ئىشنى يۈزۈڭگە سالمىسۇنمۇ؟ 3
چۈنكى سەن: «مېنىڭ ئەقىدىلىرىم ساپتۇر، مەن سەن [خۇدانىڭ] ئالدىدا پاكمەن» ــ دېدىڭ. 4
ئاھ، تەڭرى گەپ قىلسىدى! ئاغزىنى ئېچىپ سېنى ئەيىبلىسىدى! 5
شۇنداق قىلىپ ئۇ دانالىقنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېچىپ بەرسىدى! چۈنكى دانالىق ئىككى تەرەپلىكتۇر! تەڭرىنىڭ گۇناھىڭنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆتۈرىۋېتىپ، ئۇلاردىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىپ قوي! 6
سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟ 7
[بۇنداق دانالىق] ئاسماندىن ئېگىزدۇر، [ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە] نېمە ئامالىڭ بار؟ ئۇ تەھتىسارادىن چوڭقۇردۇر، سەن نېمىنى بىلەلەيسەن؟ (Sheol h7585) 8
ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەر-زېمىندىن ئۇزۇندۇر، كەڭلىكى دېڭىز-ئوكيانلاردىن كەڭدۇر. 9
ئۇ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئادەمنى قامىسا، ئۇنى سوراققا چاقىرسا، كىممۇ ئۇنى توسالىسۇن؟ 10
چۈنكى ئۇ ساختا ئادەملەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ تەكشۈرمەي تۇرۇپلا ئالدامچىلىقنى ئاللىقاچان كۆرۈپ بولغان. 11
«ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، نادان ئادەم دانا بولۇر!». 12
بىراق سەن بولساڭ، ئەگەر قەلبىڭنى توغرىلاتساڭ، قولۇڭنى خۇداغا قاراپ سوزساڭ، 13
قولۇڭدىكى قەبىھلىكنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىلساڭ، چېدىرلىرىڭدا ھېچ يامانلىقنى تۇرغۇزمىساڭلا، 14
سەن ئۇ چاغدا يۈزۈڭنى قۇسۇرسىز كۆتۈرۈپ يۈرىسەن، تەۋرەنمەس، قورقۇنچسىز بولىسەن؛ 15
جاپايىڭنى ئۇنتۇيسەن، ھەتتا ئېقىپ ئۆتۈپ كەتكەن سۇنى ئويلىغاندەك ئۇلارنى ئەسلەيسەن؛ 16
كۈنلىرىڭ چۈشتىكى نۇردىن يورۇق بولىدۇ، سېنى ھازىر قاراڭغۇلۇق باسقىنى بىلەن، تاڭدەك پارلاق بولىسەن. 17
ئۈمىدىڭ بار بولغاچقا، سەن ھىمايىگە ئىگە بولىسەن، سەن ئەتراپىڭغا خاتىرجەم قاراپ ئارام ئېلىپ ئولتۇرىسەن. 18
راست، سەن ياتقىنىڭدا، ھېچكىمنىڭ ۋەسۋەسىسى بولمايدۇ، ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېنىڭ ھىممىتىڭنى ئىزدەپ كېلىدۇ. 19
بىراق رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرىدىن كېتىدۇ، ئۇلارغا قېچىشقا ھېچ يول قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدى نەپىسى توختاشتىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس». 20

< ئايۇپ 11 >