< ئايۇپ 1 >

«ئۇز» دېگەن يۇرتتا، ئايۇپ ئىسىملىك بىر ئادەم ياشىغانىدى. بۇ ئادەم بولسا قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان، يامانلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان ئادەم ئىدى. 1
ئۇنىڭدىن يەتتە ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز تۇغۇلدى. 2
ئۇنىڭ يەتتە مىڭ قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ كالا، بەش يۈز مادا ئېشەك قاتارلىق مال-مۈلكى بار ئىدى. ئۇنىڭ مالايلىرى بەك كۆپ ئىدى؛ ئۇ شەرقلىقلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىدى. 3
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بويىچە بېكىتكەن كۈندە ئۆز ئۆيىدە باشقىلار ئۈچۈن داستىخان سېلىپ زىياپەت قىلاتتى. بۇ كۈنلەردە ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئۈچ سىڭلىسىنى ئۇلار بىلەن بىللە تاماقلىنىشقا چاقىرىتاتتى. 4
ئۇلارنىڭ شۇ زىياپەت كۈنلىرى ئاياغلىشى بىلەن ئايۇپ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى خۇدا ئالدىدا پاكلىنىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى. ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سانىغا ئاساسەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلاتتى. چۈنكى ئايۇپ: «بالىلىرىم گۇناھ قىلىپ قويۇپ، كۆڭلىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويامدىكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ ھەردائىم ئەنە شۇنداق قىلىپ تۇراتتى. 5
بىر كۈنى، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. 6
پەرۋەردىگار شەيتاندىن: ــ نەدىن كەلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ يەر يۈزىنى كېزىپ پايلاپ، ئۇياق-بۇياقلارنى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ كەلدىم، دېدى. 7
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق، ــ دېدى. 8
شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ئايۇپ خۇدادىن بىكاردىن بىكار قورقمىغاندۇ؟ 9
ئۆزۈڭ ئۇنىڭ ئۆزى، ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ئەتراپىغا قاشا قويغان ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇنىڭ قولىغا بەرىكەت ئاتا قىلدىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەئەللۇقاتى تەرەپ-تەرەپتىن گۈللىنىپ ئاۋۇماقتا. 10
ئەگەر سەن قولۇڭنى سوزۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە تېگىپ قويساڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ، سېنى تىللىمىسا [شەيتان بولماي كېتەي]! ــ دېدى. 11
پەرۋەردىگار شەيتانغا: ــ مانا، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تۇتقۇزدۇم! بىراق ئۇنىڭ ئۆزىگە تەگكۈچى بولما! ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى. 12
بىر كۈنى، ئايۇپنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇراتتى. 13
بىر خەۋەرچى ئايۇپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ كالىلار بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر ئەتراپتا ئوتلاۋاتاتتى؛ 14
شېبالىقلار ھۇجۇم قىلىپ كالا-ئېشەكلەرنى بۇلاپ كەتتى. ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرىۋەتتى. يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قېلىپ، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. 15
بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ قويلار ۋە ئىشلەۋاتقان ياشلارنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. 16
بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ كالدىيلەر ئۈچ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تۆگىلەرنى بۇلاپ ئېلىپ كەتتى، ئىشلەۋاتقان ياشلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. 17
بۇ ئادەمنىڭ گېپى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يەنە بىرسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايۇپقا: ــ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى چوڭ ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇرغىنىدا، 18
تۇيۇقسىز، چۆلدىن قاتتىق بىر بوران چىقىپ ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىنى قاتتىق سوقۇپ، ئۆي غۇلاپ چۈشۈپ ياشلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ يالغۇز مەنلا قۇتۇلۇپ قالدىم، سىلىگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە نېسىپ بولدۇم، ــ دېدى. 19
ئايۇپ بولسا بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تونىنى يىرتىپ، چېچىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ خۇداغا ئىبادەت قىلدى: ــ 20
مەن ئاپامنىڭ قورسىقىدىن يالىڭاچ چۈشكەن، ئۇ يەرگىمۇ يالىڭاچ قايتىمەن؛ ھەممىنى پەرۋەردىگار [ماڭا] بەرگەن، ئەمدى پەرۋەردىگار [مەندىن] ئېلىپ كەتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! ــ دېدى. 21
بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئايۇپ گۇناھ قىلمىدى ۋە ياكى خۇدانى ھېچقانداق نالايىقلىق بىلەن ئەيىبلىمىدى. ئەرشتىكى ئىككىنچى قېتىملىق كېڭەش؛ شەيتان يەنە سوقۇنۇپ كىرىدۇ؛ ئىككىنچى سىناق 22

< ئايۇپ 1 >