< يەرەمىيا 8 >

شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، كاھىنلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى گۆرلىرىدىن ئېلىپ چىقىرىدۇ؛ 1
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى قۇياش، ئاي ۋە ئاسمانلاردىكى بارلىق جىسىملار ئاستىدا يايىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنى سۆيگەن، بۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، بۇلارغا ئەگەشكەن، بۇلارنى ئىزدىگەن، بۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بىر يەرگە ھېچ يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار زېمىن يۈزىدە ئوغۇت بولۇپ ياتىدۇ. 2
مەن بۇلاردىن قالغانلىرىنى ھەيدىگەن جايلاردا، بۇ رەزىل جەمەتتىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھاياتنىڭ ئورنىغا ماماتنى تاللايدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 3
ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر يىقىلسا قايتىدىن تۇرمامدۇ؟ بىرسى يولدىن چىقىپ كەتسە قايتىپ كەلمەمدۇ؟ 4
نېمىشقا يېرۇسالېمدىكى بۇ خەلق ھەمىشە يولدىن چىقىش بىلەنلا يېنىمدىن يىراقلاپ كېتىدۇ؟ ئۇلار ئالدامچىلىقنى چىڭ تۇتىدۇ، يېنىمغا قايتىپ كېلىشنى رەت قىلىدۇ. 5
مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم؛ لېكىن ئۇلار دۇرۇسلۇقنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن: «مەن زادى نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟!» دەپ توۋا قىلىدىغان ھېچكىم يوق؛ ئات جەڭگە بۇرۇلۇپ ئېتىلغاندەك ھەربىرسى ئۆز يولىغا بۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ. 6
ھەتتا ئاسماندىكى لەيلەكمۇ ئۆزىگە بېكىتىلگەن ۋاقتىلىرىنى بىلىدۇ؛ پاختەك، قارلىغاچ ۋە تۇرنىلارمۇ كۆچۈپ كېلىدىغان ۋاقتىلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ؛ لېكىم مېنىڭ خەلقىم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا بېكىتكەنلىرىمنى ھېچ بىلمەيدۇ. 7
سىلەر قانداقمۇ: «بىز دانادۇرمىز، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى بىزدە باردۇر!» دەيسىلەر؟ مانا، بەرھەق، ئۆلىما-كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ يالغانچى قەلىمى ئۇنى بۇرمىلىغان. 8
دانىشمەنلەر خىجىل بولىدۇ، ئۇلار يەرگە قاراپ قالدى؛ مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئۇلاردا زادى نېمە دانالىق قالىدۇ؟ 9
شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقىلارغا، ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ساختا ئىش كۆرىدۇ. 10
ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! 11
ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 12
مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۈزۈم تېلىدا ئۈزۈملەر، ئەنجۈر دەرىخىدە ئەنجۈرلەر ھېچ قالمىدى؛ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارغا نېمە بېغىشلىغان بولسام، ئەمدى شۇلار ئۇلاردىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. 13
«بىز نېمىشقا مۇشۇ يەردە بىكار ئولتۇرۇۋېرىمىز؟ يىغىلايلى، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە كىرىپ شۇ يەرلەردە [كۈرەش قىلىپ] تۈگىشەيلى! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى تۈگەشتۈرۈپ، بىزگە ئۆت سۈيىنى بەردى؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 14
ئامان-تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىپ كۈتۈپ كەلدۇق، لېكىن ھېچ ياخشىلىق بولمىدى؛ شىپا ۋاقتىنى كۈتتۇق، لېكىن مانا، ۋەھىمە باستى! 15
دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ خارتىلداشلىرى دان زېمىنىدىن تارتىپ ئاڭلانماقتا؛ ئايغىرلىرىنىڭ كىشنەشلىرى پۈتكۈل زېمىننى قورقىتىپ تەۋرەتمەكتە. ئۇلار زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممىنى، شەھەرنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشقا كېلىدۇ!». 16
ــ مانا، مەن ئاراڭلارغا يىلانلارنى، يەنى ھېچكىم سېھىرلىيەلمەيدىغان زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار سىلەرنى چاقىدۇ» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 17
[مەن]: «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم داۋالىغۇسىز! يۈرىكىم زەيىپلىشىپ كەتتى!» ــ [دېدىم]. 18
«مانا، خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى! [ئۇلار] ــ «پەرۋەردىگار زىئوندا ئەمەسمۇ؟ زىئوننىڭ پادىشاھى ئۇ يەردە تۇرمامدۇ؟!» ــ [دەيدۇ]. نېمىشقا ئەمدى ئۇلار مېنى ئويما مەبۇدلىرى بىلەن، ئەرزىمەس يات نەرسىلەر بىلەن غەزەپلەندۈرىدۇ؟!» 19
ــ «ئورما ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ياز تۈگىدى، لېكىن بىز بولساق يەنىلا قۇتقۇزۇلمىدۇق!» 20
«خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ سۇنۇق يارىسى تۈپەيلىدىن ئۆزۈم سۇنۇقمەن؛ ماتەم تۇتىمەن؛ دەككە-دۈككە مېنى بېسىۋالدى، ــ 21
گىلېئادتا تۇتىيا تېپىلمامدىكەن؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمىكەن؟ نېمىشقا ئەمدى مېنىڭ خەلقىمنىڭ قىزىغا داۋا تېپىلمايدۇ؟!». 22

< يەرەمىيا 8 >