< يەرەمىيا 7 >

پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق بىر سۆز كەلدى: ــ 1
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى دەرۋازىدا تۇرۇپ مۇشۇ سۆزنى جاكارلاپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىۋاتقان بارلىق يەھۇدالار!» ــ دېگىن. 2
ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ يوللىرىڭلار ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە مۇقىم تۇرغۇزىمەن. 3
«پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!» دەپ ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتمەڭلار. 4
ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يوللىرىڭ ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ــ ئەگەر كىشىلەر ۋە قوشناڭلار ئارىسىدا ئادالەت يۈرگۈزسەڭلار، 5
ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، ــ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ 6
شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن. 7
لېكىن مانا، سىلەر ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتكەنسىلەر. 8
ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟! ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىپ، ساختا قەسەم ئىچىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ ۋە سىلەر ھېچ تونۇمىغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، 9
ئاندىن مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ: «بىز قۇتقۇزۇلغان!» دەمسىلەر؟! مۇشۇ لەنەتلىك ئىشلاردا تۇرۇۋېرىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇلغانمۇسىلەر؟! 10
مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 11
شۇڭا، مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار! 12
ئەمدى ھازىر، سىلەر مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ مەن سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭلار ــ 13
ئەمدى مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن؛ 14
مەن سىلەرنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىڭلار، يەنى ئەفرائىمنىڭ بارلىق نەسلىنى ھەيدىۋەتكىنىمدەك سىلەرنىمۇ كۆزۈمدىن يىراق ھەيدەيمەن. 15
ئەمدى سەن، [يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرمە ياكى تىلەك تىلىمە، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ [گۇناھلىرىنى] ھېچ تىلىمە، چۈنكى مەن ساڭا قۇلاق سالمايمەن. 16
ئۇلارنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا نېمە قىلغانلىرىنى كۆرۈۋاتمامسەن؟ 17
بالىلار ئوتۇن تېرىدۇ، ئاتىلار ئوت قالايدۇ، ئاياللار قەستەن مېنى رەنجىتىشكە «ئاسماننىڭ خانىشى» ئۈچۈن پوشكاللارنى سېلىشقا خېمىرنى يۇغۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيىدۇ. 18
ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟ 19
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلىدۇ؛ ئىنسان ئۈستىگە، ھايۋان ئۈستىگە، دالادىكى دەرەخلەر ئۈستىگە، تۇپراقتىكى مېۋىلەر ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئۇ ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ. 20
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار! 21
چۈنكى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ياكى باشقا قۇربانلىقلار توغرىسىدا گەپ قىلمىغان ۋە ياكى ئەمر بەرمىگەنىدىم؛ 22
بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» ــ دەپ بۇيرۇغانىدىم. 23
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان. 24
ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەن قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىپ كەلدىم؛ مەن ھەركۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلدىم. 25
لېكىن خەلقىم ئاڭلىمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ رەزىللىكتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. 26
سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتىسەن؛ لېكىن ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى [توۋا قىلىشقا] چاقىرىسەن، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمەيدۇ. 27
ــ سەن ئۇلارغا: ــ «پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان ۋە ھېچ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلمىغان خەلق دەل مۇشۇ!» ــ دەيسەن. ئۇلاردىن ھەقىقەت-ۋاپالىق يوقاپ كەتتى؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى. 28
چېچىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇنى تاشلىۋەت؛ يۇقىرى جايلاردا بىر مەرسىيە ئوقۇغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىنى چۈشۈرمەكچى بولغان بۇ دەۋرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. 29
چۈنكى يەھۇدادىكىلەر كۆز ئالدىمدا رەزىللىك قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان ئۆيگە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ 30
ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلى»نىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىڭ يۇقىرىدىكى جايلارنى قۇرغان؛ بۇنداق ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ئۇ ئويۇمغا ھېچ كىرىپ باقمىغاندۇر. 31
شۇڭا، مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «توفەت» ياكى «ئىبن-ھىننومنىڭ جىلغىسى» ئەمدى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار توفەتتە جەسەتلەرنى يەر قالمىغۇچە كۆمىدۇ. 32
بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ۋە زېمىندىكى جانىۋارلارنىڭ تائامى بولىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆلۈكلەردىن قورقۇتۇپ ھەيدەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. 33
مەن يەھۇدا شەھەرلىرىدىن ھەم يېرۇسالېم شەھەرلىرىدىن ئويۇن-تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ چۈنكى زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ. 34

< يەرەمىيا 7 >