< يەرەمىيا 52 >

زەدەكىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە بىر يېشىدا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭ ئانىسى لىبناھلىق يەرەمىيانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى ھامۇتال ئىدى. 1
ئۇ [پادىشاھ] يەھوئاكىمنىڭ قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئىشلارنى قىلدى. 2
پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمغا ھەم يەھۇداغا قاراتقان غەزىپى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن ھەيدىۋەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى ئىشلار يۈز بەردى. بىرىنچىدىن، زەدەكىيا بابىل پادىشاھىغا ئىسيان كۆتۈردى. 3
شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە بابىل پادىشاھى نېبوقەدنەسار پۈتكۈل قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا كەلدى؛ ئۇلار ئۇنى قورشىۋېلىپ بارگاھ قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاشا-پوتەيلەرنى قۇرۇشتى. 4
شۇنىڭ بىلەن شەھەر زەدەكىيانىڭ ئون بىرىنچى يىلىغىچە مۇھاسىرىدە تۇردى. 5
شۇ يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى شەھەردە ئېغىر قەھەتچىلىك ھەممىنى باسقان ۋە زېمىندىكىلەر ئۈچۈنمۇ ھېچ ئاش-ئوزۇق قالمىغانىدى. 6
شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە شەھەردىن بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى). ئۇلار [ئىئوردان جىلغىسىدىكى] «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى. 7
لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى. 8
ۋە ئۇلار پادىشاھنى تۇتۇپ، خامات زېمىنىدىكى رىبلاھ شەھىرىگە، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ [شۇ يەردە] ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 9
بابىل پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قەتل قىلدى؛ ئۇ يەھۇدانىڭ بارلىق ئەمىرلىرىنىمۇ رىبلاھ شەھىرىدە قەتل قىلدى؛ 10
ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆلگۈچە زىندانغا قاماپ قويدى. 11
بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە (بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئون توققۇزىنچى يىلى ئىدى) بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىدە بولغان، پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى. 12
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى، پادىشاھنىڭ ئوردىسىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق ئۆيلەرنى كۆيدۈرىۋەتتى؛ بارلىق بەھەيۋەت ئىمارەتلەرگە ئۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى. 13
ۋە پاسىبان بېگى يېتەكچىلىكىدىكى كالدىيلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل سېپىلىنى ئۆرۈۋەتتى. 14
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامرات كىشىلەردىن بىر قىسمىنى، شەھەردە قالغان باشقا كىشىلەرنى، بابىل پادىشاھى تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولغانلارنى ۋە قالغان ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر قىلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى. 15
لېكىن پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان زېمىندىكى ئەڭ نامراتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۈزۈمزارلىقلارنى پەرۋىش قىلىشقا ۋە تېرىقچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. 16
كالدىيلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان ئىككى تۈۋرۈكنى، داس تەگلىكلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مىستىن ياسالغان «دېڭىز»نى چېقىپ، بارلىق مىسلىرىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 17
ئۇلار يەنە [ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان] ئىدىشلار، گۈرجەك-بەلگۈرجەكلەر، لاخشىگىرلار، قاچىلار، پىيالە-تەخسىلەر ھەم مىستىن ياسالغان بارلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەتتى؛ 18
داسلار، خۇشبۇيدانلار، قاچىلار، كۈلدانلار، چىراغدانلار، پىيالىلەر ۋە جام-قەدەھلەرنى بولسا، ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ، كۈمۈشتىن ياسالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پاسىبان بېگى ئېلىپ كەتتى. 19
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن مىستىن ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك ۋە «دېڭىز»، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەگىلىكى بولغان ئون ئىككى بۇقىنى ئۇ ئېلىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ مىس سايمانلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 20
ئىككى تۈۋرۈك بولسا، ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون سەككىز گەز، ئايلانمىسى ئون ئىككى گەز كېلەتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، مىسنىڭ قېلىنلىقى تۆت بارماق ئىدى. 21
تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى بېشى بولسا مىس بولۇپ، ئېگىزلىكى بەش گەز ئىدى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى تور شەكلىدە ھەم ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى، ھەممىسى مىستىن ئىدى؛ ئىككىنچى تۈۋرۈكمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ئانار نۇسخىسى بىلەن بېزەلگەنىدى. 22
ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ بېشىنىڭ يانلىرىدا توقسان ئالتە ئانار نۇسخىسى بار ئىدى؛ توردا جەمئىي بولۇپ يۈز ئانار نۇسخىسى بار ئىدى. 23
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى. 24
ئۇ شەھەردىن لەشكەرلەرنى باشقۇرىدىغان بىر ئاغۋات ئەمەلدارنى، شەھەردىن تاپقان ئوردا مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتىنى، يەرلىك خەلقنى لەشكەرلىككە تىزىملىغۇچى، يەنى قوشۇننىڭ سەردارىنىڭ كاتىپىنى ۋە شەھەردىن ئاتمىش نەپەر يەرلىك كىشىنى تۇتتى. 25
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بۇلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا، رىبلاھغا ئېلىپ باردى. 26
بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى. 27
نېبوقادنەسار سۈرگۈن قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى مۇنداق ئىدى: ــ يەتتىنچى يىلى ئۈچ مىڭ يىگىرمە ئۈچ يەھۇدىي؛ 28
نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئۇ يېرۇسالېمدىن سەككىز يۈز ئوتتۇز ئىككى كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ 29
نېبوقادنەسارنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى يىلى پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان يەھۇدىيلاردىن يەتتە يۈز قىرىق بەش كىشىنى سۈرگۈن قىلدى؛ جەمئىي بولۇپ سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ سانى تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى ئىدى. 30
شۇنداق بولدىكى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىن سۈرگۈن بولغان ئوتتۇز يەتتىنچى يىلى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى شۇ ئىش يۈز بەردى: ئەۋىل-مېروداق بابىلغا پادىشاھ بولغان بىرىنچى يىلى، ئۇ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىننىڭ قەددىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى زىنداندىن چىقاردى؛ 31
ئۇ ئۇنىڭغا مۇلايىم سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بابىلدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان باشقا پادىشاھلارنىڭ ئورنىدىن يۇقىرى قىلدى؛ 32
شۇنىڭ بىلەن يەھوئاكىن زىنداندىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۆمرىنىڭ قالغان ھەربىر كۈنىدە ھەردائىم پادىشاھ بىلەن بىللە ھەمداستىخان بولۇشقا مۇيەسسەر بولدى. 33
ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولسا، بابىل پادىشاھىنىڭ ئۇنىڭغا بېغىشلىغان دائىملىق ئىلتىپاتى ئىدى؛ بۇ ئىلتىپات كۈندىلىك ئىدى، يەنى ئۇ ئۇنىڭغا تاكى ئالەمدىن ئۆتكىچە ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنى مۇيەسسەر قىلىنغان. 34

< يەرەمىيا 52 >