< يەرەمىيا 49 >

ئاممونىيلار توغرۇلۇق. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ پەرزەنتلىرى يوقمىكەن؟ ئۇنىڭ مىراسخورلىرى يوقمىدۇ؟ ئەمدى نېمىشقا مىلكوم گادنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلدى، مىلكومغا تەۋە بولغان خەلق نېمىشقا گادنىڭ شەھەرلىرىدە تۇرىدۇ؟ 1
לבני עמון כה אמר יהוה הבנים אין לישראל אם יורש אין לו מדוע ירש מלכם את גד ועמו בעריו ישב׃
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە جەڭ سادالىرىنى ئاڭلىتىمەن؛ ئۇ خارابىلىك دۆڭ بولىدۇ؛ تەۋە شەھەرلىرى ئوت قويۇپ كۈيدۈرۈلىدۇ؛ ئىسرائىل قايتىدىن ئۆزلىرىنى ئىگىلىۋالغانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 2
לכן הנה ימים באים נאם יהוה והשמעתי אל רבת בני עמון תרועת מלחמה והיתה לתל שממה ובנתיה באש תצתנה וירש ישראל את ירשיו אמר יהוה׃
ــ زارلاڭلار، ئى ھەشبون! چۈنكى ئايى شەھىرى خارابە قىلىنغان! رابباھ قىزلىرى، ئۆزۈڭلارغا بۆز رەختنى باغلاپ ماتەم تۇتۇڭلار؛ سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار؛ چۈنكى مىلكوم ۋە ئۇنىڭ كاھىنلىرى، ئۇنىڭغا تەۋەلىك ئەمىرلىرى سۈرگۈن بولىدۇ. 3
הילילי חשבון כי שדדה עי צעקנה בנות רבה חגרנה שקים ספדנה והתשוטטנה בגדרות כי מלכם בגולה ילך כהניו ושריו יחדיו׃
نېمىشقا كۈچ-ھەيۋىتىڭنى داڭلايسەن؟ سېنىڭ كۈچۈڭ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئى: «كىم ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالىسۇن؟» دەپ ئۆز بايلىقلىرىڭغا تايانغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى قىز! 4
מה תתהללי בעמקים זב עמקך הבת השובבה הבטחה באצרתיה מי יבוא אלי׃
مانا، مەن بارلىق ئەتراپىڭدىكىلەردىن ۋەھشەت چىقىرىپ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىرىڭلار ھەيدىۋېتىلىسىلەر، ئالدى-كەيبىڭگە قارىماي قاچىسىلەر؛ قاچقانلارنى يەنە يىغغۇچى ھېچكىم بولمايدۇ. 5
הנני מביא עליך פחד נאם אדני יהוה צבאות מכל סביביך ונדחתם איש לפניו ואין מקבץ לנדד׃
لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئاممونىيلارنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 6
ואחרי כן אשיב את שבות בני עמון נאם יהוה׃
ئېدوم توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟! 7
לאדום כה אמר יהוה צבאות האין עוד חכמה בתימן אבדה עצה מבנים נסרחה חכמתם׃
بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى دېداندا تۇرۇۋاتقانلار! چۈنكى مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن. 8
נסו הפנו העמיקו לשבת ישבי דדן כי איד עשו הבאתי עליו עת פקדתיו׃
ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا بۇزۇپ، ئوغرىلايدۇ ئەمەسمۇ؟ 9
אם בצרים באו לך לא ישארו עוללות אם גנבים בלילה השחיתו דים׃
مەن ئەساۋنى يالىڭاچلىۋېتىمەن، ئۇ يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمىغۇچە دالدا جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ ئۇنىڭ نەسلى، قېرىنداشلىرى ھەم قوشنىلىرى يوقايدۇ؛ ئۇ ئۆزى يوق بولىدۇ. 10
כי אני חשפתי את עשו גליתי את מסתריו ונחבה לא יוכל שדד זרעו ואחיו ושכניו ואיננו׃
لېكىن يېتىم-يېسىرلىرىڭنى قالدۇر، مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايمەن؛ تۇل خوتۇنىڭلار ماڭا تايانسۇن. 11
עזבה יתמיך אני אחיה ואלמנתיך עלי תבטחו׃
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، [غەزىپىمنىڭ] قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچمەي قالمايدىغان يەردە، سەن جازالانماي قالامسەن؟ سەن جازالانماي قالمايسەن؛ سەن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچىسەن. 12
כי כה אמר יהוה הנה אשר אין משפטם לשתות הכוס שתו ישתו ואתה הוא נקה תנקה לא תנקה כי שתה תשתה׃
چۈنكى ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بوزراھ دەھشەت باسىدىغان ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكتى، خارابىلىك ۋە لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى دائىملىق خارابىلىك بولىدۇ. 13
כי בי נשבעתי נאם יהוה כי לשמה לחרפה לחרב ולקללה תהיה בצרה וכל עריה תהיינה לחרבות עולם׃
مەن پەرۋەردىگاردىن شۇ بىر خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ــ ۋە بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى ــ ئۇ: «ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىڭلار! ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ. 14
שמועה שמעתי מאת יהוה וציר בגוים שלוח התקבצו ובאו עליה וקומו למלחמה׃
مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك، ئىنسانلار ئارىسىدا كەمسىتىلگەن قىلىمەن. 15
כי הנה קטן נתתיך בגוים בזוי באדם׃
سېنىڭ ئۆزگىلەرگە دەھشەت سالىدىغانلىقىڭ، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇقۇڭ ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى؛ ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇڭ ئېگىزلىكنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بولغۇچى، گەرچە سەن چاڭگاڭنى بۈركۈتنىڭكىدەك يۇقىرى ياسىساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرىۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 16
תפלצתך השיא אתך זדון לבך שכני בחגוי הסלע תפשי מרום גבעה כי תגביה כנשר קנך משם אורידך נאם יהוה׃
ــ ۋە ئېدوم تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدۇ؛ ئېدومدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئۇش-ئۇش قىلىدۇ. 17
והיתה אדום לשמה כל עבר עליה ישם וישרק על כל מכותה׃
سودوم، گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىرگە ئۆرۈۋېتىلگەندەك ئېدوممۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. 18
כמהפכת סדם ועמרה ושכניה אמר יהוה לא ישב שם איש ולא יגור בה בן אדם׃
مانا، ئىئوردان دەرياسىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى [قويلارنى] تارقاتقان بىر شىردەك مەن [ئېدومدىكىلەرنى] بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئېدومنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ 19
הנה כאריה יעלה מגאון הירדן אל נוה איתן כי ארגיעה אריצנו מעליה ומי בחור אליה אפקד כי מי כמוני ומי יעידני ומי זה רעה אשר יעמד לפני׃
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېدومنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك تېماندىكىلەرنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. 20
לכן שמעו עצת יהוה אשר יעץ אל אדום ומחשבותיו אשר חשב אל ישבי תימן אם לא יסחבום צעירי הצאן אם לא ישים עליהם נוהם׃
ئۇلارنىڭ يىقىلىپ كەتكەن ساداسىنى ئاڭلاپ يەر يۈزىدىكىلەر تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ نالە-پەريادلىرى «قىزىل دېڭىز»غىچە ئاڭلىنىدۇ. 21
מקול נפלם רעשה הארץ צעקה בים סוף נשמע קולה׃
مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قانات يېيىپ پەرۋاز قىلىپ، بوزراھ ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. شۇ كۈنى ئېدومدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ. 22
הנה כנשר יעלה וידאה ויפרש כנפיו על בצרה והיה לב גבורי אדום ביום ההוא כלב אשה מצרה׃
دەمەشق توغرۇلۇق: ــ خامات، ئارپاد شەھىرىدىكىلەر خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار شۇم خەۋەر ئاڭلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ كېتىدۇ؛ داۋۇلغۇپ كەتكەن دېڭىزدەك ئۇلار ھېچ تىنچلىنالمايدۇ. 23
לדמשק בושה חמת וארפד כי שמעה רעה שמעו נמגו בים דאגה השקט לא יוכל׃
دەمەشق زەئىپلەشتى، قېچىشقا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئازابلار تولغاققا چۈشكەن ئايالنى تۇتقاندەك، ئازاب ۋە دەرد-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ. 24
רפתה דמשק הפנתה לנוס ורטט החזיקה צרה וחבלים אחזתה כיולדה׃
نام-داڭقى چىققان يۇرت، مەن ھۇزۇر ئالغان شەھەر شۇ دەرىجىدە تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ! 25
איך לא עזבה עיר תהלה קרית משושי׃
شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ، جەڭگىۋار پالۋانلار شۇ كۈنى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ 26
לכן יפלו בחוריה ברחבתיה וכל אנשי המלחמה ידמו ביום ההוא נאם יהוה צבאות׃
ــ ھەم مەن دەمەشقنىڭ سېپىلىگە بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. 27
והצתי אש בחומת דמשק ואכלה ארמנות בן הדד׃
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەڭگەن كېدار توغرۇلۇق ھەم ھازورنىڭ پادىشاھلىقلىرى تۇغۇلۇق سۆز: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، كېدارغا ھۇجۇم قىلىپ، شەرقتىكى ئادەملەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىل!» ــ دېيىلىدۇ؛ 28
לקדר ולממלכות חצור אשר הכה נבוכדראצור מלך בבל כה אמר יהוה קומו עלו אל קדר ושדדו את בני קדם׃
ھۇجۇم قىلغانلار ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ھەم پادىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىر پەردىلىرى، بارلىق قاچا-قۇچا، تۆگىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ؛ خەق ئۇلارغا: «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ. 29
אהליהם וצאנם יקחו יריעותיהם וכל כליהם וגמליהם ישאו להם וקראו עליהם מגור מסביב׃
قېچىپ كېتىڭلار، بەدەر تىكىپ پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى ھازوردىكىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار سىلەرگە جەڭ قىلىشقا قەست قىلغان، سىلەرگە قاراپ نىيىتى بۇزۇلغان. 30
נסו נדו מאד העמיקו לשבת ישבי חצור נאם יהוה כי יעץ עליכם נבוכדראצר מלך בבל עצה וחשב עליהם מחשבה׃
ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 31
קומו עלו אל גוי שליו יושב לבטח נאם יהוה לא דלתים ולא בריח לו בדד ישכנו׃
ــ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ئولجا، توپ-توپ مال-ۋارانلىرى غەنىيمەت بولىدۇ؛ مەن چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەرنى تۆت شامالغا تارقىتىمەن، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر ئەتراپىدىن كۈلپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 32
והיו גמליהם לבז והמון מקניהם לשלל וזרתים לכל רוח קצוצי פאה ומכל עבריו אביא את אידם נאם יהוה׃
ــ ھازور بولسا چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى، مەڭگۈگە ۋەيرانە بولىدۇ. ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. 33
והיתה חצור למעון תנים שממה עד עולם לא ישב שם איש ולא יגור בה בן אדם׃
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى: ــ 34
אשר היה דבר יהוה אל ירמיהו הנביא אל עילם בראשית מלכות צדקיה מלך יהודה לאמר׃
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسىنى سۇندۇرىمەن. 35
כה אמר יהוה צבאות הנני שבר את קשת עילם ראשית גבורתם׃
ئاسمانلارنىڭ تۆت چېتىدىن تۆت شامالنى چىقىرىپ ئېلامنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنى بۇ تۆت شامالغا تارقىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېلامدىن ھەيدەلگەنلەرنىڭ بارمايدىغان ئەل-مەملىكەتلەر قالمايدۇ. 36
והבאתי אל עילם ארבע רוחות מארבע קצות השמים וזרתים לכל הרחות האלה ולא יהיה הגוי אשר לא יבוא שם נדחי עולם׃
مەن ئېلامنى دۈشمەنلىرى ئالدىدا ھەم جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشۈرىمەن؛ دەھشەتلىك غەزىپىمنى بېشىغا تۆكۈپ، كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ ئۇلارنى بەربات قىلغۇچە مەن قىلىچنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتىمەن. 37
והחתתי את עילם לפני איביהם ולפני מבקשי נפשם והבאתי עליהם רעה את חרון אפי נאם יהוה ושלחתי אחריהם את החרב עד כלותי אותם׃
مەن ئۆز تەختىمنى ئېلامدا تىكلەيمەن، شۇ يەردىن پادىشاھى ۋە شاھزادىلىرىنى يوق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 38
ושמתי כסאי בעילם והאבדתי משם מלך ושרים נאם יהוה׃
ــ لېكىن ئاخىرقى زامانلاردا، مەن ئېلامنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 39
והיה באחרית הימים אשוב את שבית עילם נאם יהוה׃

< يەرەمىيا 49 >