< يەرەمىيا 45 >

يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى ئورام قەغەزگە يازغىنىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى ئېيتقان: ــ 1
«ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سەن بارۇق توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ 2
سەن: «ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا دەرد-ئەلەم قوشۇپ قويدى؛ مەن ئاھ-زارلار قىلىشتىن چارچىدىم، زادىلا ئارام تاپالمىدىم!» ــ دېدىڭ. 3
ــ [يەرەمىيا]، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قۇرۇپ چىققانلىرىمنى ھازىر غۇلىتىمەن، مەن تىككەنلىرىمنى، يەنى بۇ پۈتكۈل جاھاننى ھازىر يۇلۇپ تاشلايمەن. 4
مەن بۇنداق قىلغان يەردە سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىزدىشىڭگە توغرا كېلەمدۇ؟ بۇلارنى ئىزدىمە؛ چۈنكى مانا، مەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن جېنىڭنى سەن بارىدىغان بارلىق يەرلەردە ئۆزۈڭگە ئولجا قىلىپ بېرىمەن». 5

< يەرەمىيا 45 >