< يەرەمىيا 44 >

مىسىردا تۇرغان، يەنى مىگدولدا، تاھپانەستە، نوفتا ۋە [مىسىرنىڭ جەنۇبىي تەرىپى] پاتروس زېمىنىدا تۇرغان بارلىق يەھۇدىيلار توغرۇلۇق بۇ سۆز يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يېرۇسالېم ھەم يەھۇدادىكى ھەممە شەھەرلەر ئۈستىگە چۈشۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتنى كۆرگەنسىلەر؛ مانا، ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار خارابىلىك بولۇپ، ئادەمزاتسىز قالدى؛ چۈنكى ئۇلار نە ئۆزلىرى، نە سىلەر، نە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلمەيدىغان يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا، خۇشبۇي يېقىشقا بېرىپ، مېنى غەزەپلەندۈرگەن. 2
3
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى سىلەرگە ئەۋەتىپ: «مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ يىرگىنشلىك ئىشنى قىلغۇچى بولماڭلار!» ــ دەپ ئاگاھلاندۇرغانمەن. 4
لېكىن ئۇلار ئىتائەت قىلمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار رەزىللىكىدىن، يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىشتىن قولىنى زادى ئۈزمىگەن. 5
شۇنىڭ بىلەن قەھرىم ھەم غەزىپىم [ئۇلارغا] تۆكۈلگەن، يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا يېقىلغان، كۆيگەن؛ ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ۋەيرانە ۋە خارابىلىك بولۇپ قالدى. 6
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر نېمىشقا ئۆز-ئۆزۈڭلارغا زور كۈلپەت كەلتۈرمەكچىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق قالدى قالدۇرماي ئۆزۈڭلاردىن، يەنى يەھۇدانىڭ ئىچىدىن ئەر-ئايال، بالا-بوۋاقلارنى ئۈزمەكچىسىلەر!؟ 7
نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭلارنىڭ ياسىغىنى بىلەن، سىلەر ئولتۇراقلاشقان مىسىر زېمىنىدا يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي يېقىپ مېنى غەزەپلەندۈرىسىلەر؟ شۇنداق قىلىپ سىلەر ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئارىسىدا لەنەت سۆزى ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىسىلەر. 8
سىلەر يەھۇدا زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا سادىر قىلىنغان رەزىللىكنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى، يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ رەزىللىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ رەزىللىكىنى، سىلەرنىڭ ئۆز رەزىللىكىڭلارنى ھەم ئاياللىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ 9
بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر خەلقىڭلار ئۆزىنى ھېچ تۆۋەن تۇتمىدى، مەندىن ھېچ قورقمىدى، ئۇلار مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ياكى بەلگىلىمىلىرىمدە ھېچ ماڭغان ئەمەس. 10
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بېشىڭلارغا كۈلپەت چۈشۈرۈپ، بارلىق يەھۇدانى ھالاك قىلغۇچە سىلەرگە يۈزۈمنى قارىتىمەن؛ 11
مەن مىسىر زېمىنىغا شۇ يەردە ئولتۇراقلىشايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان يەھۇدانىڭ قالدىسىغا قول سالىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر زېمىنىدا تۈگىشىدۇ؛ مىسىر زېمىنىدا يىقىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار قىلىچ بىلەن ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ، ئۇلار لەنەت ئوقۇلىدىغان ۋە دەھشەت باسقۇچى ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت بولىدۇ. 12
مەن مىسىر زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلارنى يېرۇسالېمنى جازالىغاندەك قىلىچ بىلەن، قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن؛ 13
شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىدا ئولتۇراقلىشايلى دەپ شۇ يەرگە كىرگەن يەھۇدانىڭ قالدىسىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىشقا ھېچقايسىسى قاچالمايدۇ ياكى ھېچكىم قالمايدۇ؛ شۇ يەرگە قايتىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىنتىزار بولسىمۇ، قاچالىغان ئاز بىر قىسمىدىن باشقىلىرى ھېچقايسىسى قايتمايدۇ». 14
ئاندىن ئۆز ئاياللىرىنىڭ يات ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياقىدىغانلىقىنى بىلگەن بارلىق ئەرلەر، ۋە يېنىدا تۇرغان بارلىق ئاياللار، ــ زور بىر توپ ئادەملەر، يەنى مىسىرنىڭ [شىمالىي تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرىپى] پاتروستىن كەلگەن بارلىق خەلق يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ 15
«سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بىزگە ئېيتقان سۆزگە كەلسەك، بىز ساڭا ھېچ قۇلاق سالمايمىز! 16
ئەكسىچە بىز چوقۇم ئۆز ئاغزىمىزدىن چىققان بارلىق سۆزلەرگە ئەمەل قىلىمىز؛ ئۆزىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمىرلىرىمىز يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا قىلغىنىدەك بىزلەر «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىۋېرىمىز ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇۋېرىمىز؛ چۈنكى ئەينى چاغدا بىزنىڭ نېنىمىز پۈتۈن بولۇپ، توققۇزىمىز تەل، ھېچ كۈلپەتنى كۆرمەي ئۆتكەن. 17
ئەمما «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىشنى ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشنى توختاتقىنىمىزدىن باشلاپ، بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز كەم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ھەم قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولۇپ كەلدۇق. 18
بىز ئاياللار «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي ياققىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغىنىمىزدا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ پوشكاللارنى ئېتىشىمىزنى ھەم ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشىمىزنى ئەرلىرىمىز قوللىمىغانمۇ؟». 19
يەرەمىيا بارلىق خەلققە، ھەم ئەرلەر ھەم ئاياللارغا، مۇشۇنداق جاۋابنى بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ 20
ــ «پەرۋەردىگارنىڭ ئېسىدە قېلىپ كۆڭلىگە تەگكەن ئىش دەل سىلەر، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار، ئەمىرلىرىڭلار شۇنداقلا زېمىندىكى خەلقنىڭ يەھۇدادىكى شەھەرلەردە ھەم يېرۇسالېمدىكى رەستە-كوچىلاردا ياققان خۇشبۇيى ئەمەسمۇ؟ 21
ئاخىرىدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنىڭ رەزىللىكىگە ھەم سادىر قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىغان؛ شۇڭا زېمىنىڭلار بۈگۈنكى كۈندىكىدەك خارابىلىك، ئادەمنى دەھشەت باسقۇچى، لەنەت ئوبيېكتى ۋە ئادەمزاتسىز بولغان. 22
سەۋەبى، سىلەر خۇشبۇي ياققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ نە تەۋرات-قانۇنىدا، نە بەلگىلىمىلىرىدە نە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا ھېچ ماڭمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشتى». 23
يەرەمىيا بارلىق خەلققە، بولۇپمۇ بارلىق ئاياللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 24
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ئاياللار ئۆز ئاغزىڭلار بىلەن: «بىز «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي يېقىش، ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىچكەن قەسەملىرىمىزگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز» دېگەنسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئەمەل قىلغانسىلەر. ئەمدى قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرىۋېرىڭلار! قەسىمىڭلارغا تولۇق ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! 25
لېكىن شۇنداق بولغاندا، ئى مىسىردا تۇرغان بارلىق يەھۇدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! مانا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇلۇغ نامىم بىلەن قەسەم قىلغانمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مىسىرنىڭ بارلىق زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالىق ھېچقايسى كىشى مېنىڭ نامىمنى تىلغا ئېلىپ: «رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قايتىدىن قەسەم ئىچمەيدۇ. 26
مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزلەۋاتىمەن؛ شۇڭا مىسىردا تۇرۇۋاتقان يەھۇدادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىگۈچە قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن ھالاك بولىدۇ. 27
قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قاچقانلار بولسا ئىنتايىن ئاز بىر توپ ئادەملەر بولۇپ، مىسىر زېمىنىدىن يەھۇدا زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مىسىر زېمىنىغا ئولتۇراقلىشايلى دەپ كەلگەن يەھۇدانىڭ قالدىسى كىمنىڭ سۆزىنىڭ، مېنىڭكى ياكى ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىلىپ يېتىدۇ. 28
مېنىڭ سىلەرنى بۇ يەردە جازالايدىغانلىقىمغا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم سىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرمەي قويمايدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە شۇ ئالدىنئالا بېشارەت بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 29
ــ مانا، مېنىڭ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى ئۇنىڭ دۈشمىنى، جېنىنى قوغلاپ ئىزدىگەن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمدەك مەن ئوخشاشلا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن خوفرانى ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ھەمدە جېنىنى ئىزدىگەن كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار». 30

< يەرەمىيا 44 >