< يەرەمىيا 42 >

بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى، جۈملىدىن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ھەم ھوشايانىڭ ئوغلى يەزانىيا ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلق 1
يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: «تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلغايسەن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا خەلقنىڭ قالدىسى بولغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەنكى (كۆزۈڭ كۆرگىنىدەك بۇرۇن كۆپ بولغان بىزلەر ھازىر ئىنتايىن ئاز قالدۇق)، 2
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بىزگە ماڭىدىغان يول، قىلىدىغان ئىشنى كۆرسەتكەي» ــ دەپ ئىلتىجا قىلدى. 3
يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: «ماقۇل! مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۆزلىرىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە قانداق جاۋاب بەرسە، مەن ئۇنى سىلەرگە ھېچنېمىسىنى قالدۇرماي تولۇقى بىلەن بايان قىلىمەن» ــ دېدى. 4
ئۇلار يەرەمىياغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئەۋەتىپ بىزگە يەتكۈزىدىغان سۆزنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەقىقىي، گېپىدە تۇرۇدىغان گۇۋاھچى بولۇپ ئەيىبلىسۇن!» ــ دېدى. 5
«بىز سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا ئەۋەتىمىز؛ جاۋاب ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن، ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلىمىز؛ بىز خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغاندا، بىزگە ياخشى بولىدۇ». 6
شۇنداق بولدىكى، ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كەلدى. 7
ئۇ كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە بارلىق خەلقنى چاقىرىپ 8
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر مېنى تەلىپىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنسىلەر. ئۇ مۇنداق دېدى: ــ 9
«سىلەر يەنىلا مۇشۇ زېمىندا تۇرىۋەرسەڭلارلا، مەن سىلەرنى قۇرۇپ چىقىمەن؛ سىلەرنى غۇلاتمايمەن؛ مەن سىلەرنى تىكىپ ئۆستۈرىمەن، سىلەرنى يۇلمايمەن؛ چۈنكى مەن بېشىڭلارغا چۈشۈرگەن بالايىئاپەتكە ئۆكۈنىمەن. 10
سىلەر قورقىدىغان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار؛ ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. 11
مەن سىلەرگە شۇنداق رەھىمدىللىقنى كۆرسىتىمەنكى، ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىشقا يول قويىدۇ. 12
بىراق سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي «بۇ زېمىندا قەتئىي تۇرمايمىز» ــ دېسەڭلار 13
ۋە: «ياق، بىز مىسىر زېمىنىغا بارايلى؛ شۇ يەردە نە ئۇرۇشنى كۆرمەيمىز، نە كاناي-ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىمايمىز، نە نانغا زار بولمايمىز؛ شۇ يەردە ياشايمىز» ــ دېسەڭلار، 14
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ بۇ قالدىسى بولغان سىلەر: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مىسىرغا كىرىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بولساڭلار، 15
ئەمدى شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر قورقىدىغان قىلىچ مىسىردا سىلەرگە يېتىشىۋالىدۇ، سىلەر قورقىدىغان قەھەتچىلىك مىسىردا سىلەرگە ئەگىشىپ قوغلاپ بارىدۇ؛ شۇ يەردە سىلەر ئۆلىسىلەر. 16
شۇنداق بولىدۇكى، مىسىرغا كىرىپ شۇ يەردە تۇرايلى دەپ قەتئىي نىيەت قىلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تىرىك قالمايدۇ ۋە ياكى مەن بېشىغا چۈشۈرىدىغان بالايىئاپەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. 17
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ غەزىپىم ۋە قەھرىم يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلگەندەك، سىلەر مىسىرغا كىرگىنىڭلاردا، قەھرىم بېشىڭلارغا چۈشۈرۈلىدۇ؛ سىلەر لەنەتكە قالىدىغان ۋە دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت، لەنەت سۆزى ھەم رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى بولىسىلەر ۋە سىلەر بۇ زېمىننى قايتىدىن ھېچ كۆرمەيسىلەر. 18
پەرۋەردىگار سىلەر، يەنى يەھۇدانىڭ قالدىسى توغرۇلۇق: «مىسىرغا بارماڭلار!» ــ دېگەن. ــ ئەمدى شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بۈگۈنكى كۈنىدە سىلەرنى ئاگاھلاندۇردۇم!». 19
ــ سىلەرنىڭ مېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتكىنىڭلار «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزگە نېمە دېسە، بىزگە يەتكۈزۈپ بەرسەڭ بىز شۇنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىمىز» دېگۈزگىنىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالداپ جېنىڭلارغا زامىن بولۇشتىن ئىبارەت بولدى، خالاس. 20
مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە ئۇنىڭ دېگىنىنى ئېيتىپ بەردىم؛ لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا ۋە ياكى ئۇنىڭ مېنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتكەن ھېچقايسى ئىشتا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. 21
ئەمدى ھازىر شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئولتۇراقلىشايلى دەپ بارىدىغان جايدا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىسىلەر». 22

< يەرەمىيا 42 >