< يەرەمىيا 4 >

ــ «بۇ يوللىرىمدىن بۇرۇلاي!» دېسەڭ، ئى ئىسرائىل ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئەمدى مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل! ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ، 1
אם תשוב ישראל נאם יהוה אלי תשוב ואם תסיר שקוציך מפני ולא תנוד׃
ــ ئەگەر سەن: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكىنىڭدە، ئۇ قەسەم ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن بولسا، ئۇنداقتا يات ئەللەرمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئۆزلىرىگە بەخت تىلىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى قىلىدۇ. 2
ונשבעת חי יהוה באמת במשפט ובצדקה והתברכו בו גוים ובו יתהללו׃
چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار! 3
כי כה אמר יהוה לאיש יהודה ולירושלם נירו לכם ניר ואל תזרעו אל קוצים׃
ئۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا سۈننەت قىلىڭلار؛ قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار، ئى يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار! ــ بولمىسا، مېنىڭ قەھرىم پارتلاپ ئوت بولۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. 4
המלו ליהוה והסרו ערלות לבבכם איש יהודה וישבי ירושלם פן תצא כאש חמתי ובערה ואין מכבה מפני רע מעלליכם׃
ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛ «يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار! 5
הגידו ביהודה ובירושלם השמיעו ואמרו ותקעו שופר בארץ קראו מלאו ואמרו האספו ונבואה אל ערי המבצר׃
زىئوننى كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى تىكلەڭلار؛ دەرھال قېچىڭلار، كېچىكىپ قالماڭلار! چۈنكى مەن كۈلپەت، يەنى زور بىر ھالاكەتنى شىمالدىن ئېلىپ كېلىمەن. 6
שאו נס ציונה העיזו אל תעמדו כי רעה אנכי מביא מצפון ושבר גדול׃
شىر ئۆز چاتقاللىقىدىن چىقتى، «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» يولغا چىقتى؛ ئۇ ئۆز جايىدىن چىقىپ زېمىنىڭنى ۋەيران قىلىشقا كېلىدۇ؛ شەھەرلىرىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئادەمزاتسىز بولىدۇ. 7
עלה אריה מסבכו ומשחית גוים נסע יצא ממקמו לשום ארצך לשמה עריך תצינה מאין יושב׃
بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىڭلارغا بۆز كىيىم ئوراڭلار، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىزدىن يانمىدى! 8
על זאת חגרו שקים ספדו והילילו כי לא שב חרון אף יהוה ממנו׃
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ پادىشاھنىڭ يۈرىكى، ئەمىرلەرنىڭ يۈرىكىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كاھىنلار ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر تەئەججۈپلىنىدۇ. 9
והיה ביום ההוא נאם יהוה יאבד לב המלך ולב השרים ונשמו הכהנים והנביאים יתמהו׃
ــ ئاندىن مەن: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! بەرھەق سەن بۇ خەلقنى، جۈملىدىن يېرۇسالېمنى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دەپ ئالدىدىڭ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا قىلىچ جانغا يېتىپ كەلدى، دېدىم. 10
ואמר אהה אדני יהוה אכן השא השאת לעם הזה ולירושלם לאמר שלום יהיה לכם ונגעה חרב עד הנפש׃
ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ! 11
בעת ההיא יאמר לעם הזה ולירושלם רוח צח שפיים במדבר דרך בת עמי לוא לזרות ולוא להבר׃
ــ بۇنىڭدىن ئەشەددىي بىر شامال مەندىن چىقىدۇ؛ مانا، مەن ھازىر ئۇلارغا جازا ھۆكۈملىرىنى جاكارلايمەن. 12
רוח מלא מאלה יבוא לי עתה גם אני אדבר משפטים אותם׃
مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر! ــ «ھالىمىزغا ۋاي! چۈنكى بىز نابۇت بولدۇق!» 13
הנה כעננים יעלה וכסופה מרכבותיו קלו מנשרים סוסיו אוי לנו כי שדדנו׃
ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟ 14
כבסי מרעה לבך ירושלם למען תושעי עד מתי תלין בקרבך מחשבות אונך׃
چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ 15
כי קול מגיד מדן ומשמיע און מהר אפרים׃
ئۇلار: ئەللەرگە ئېلان قىلىڭلار، يېرۇسالېمغىمۇ ئاڭلىتىڭلار: ــ مانا، قورشاۋغا ئالغۇچىلار يىراق ييۇرتتىن كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۇدا شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈشكە تەييار! ــ دەيدۇ. 16
הזכירו לגוים הנה השמיעו על ירושלם נצרים באים מארץ המרחק ויתנו על ערי יהודה קולם׃
ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 17
כשמרי שדי היו עליה מסביב כי אתי מרתה נאם יהוה׃
سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!». 18
דרכך ומעלליך עשו אלה לך זאת רעתך כי מר כי נגע עד לבך׃
ــ [مەن]: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى. 19
מעי מעי אחולה קירות לבי המה לי לבי לא אחריש כי קול שופר שמעתי נפשי תרועת מלחמה׃
ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت چۈشتى! پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولدى؛ چېدىرلىرىم دەقىقىدە بەربات قىلىندى، پەردىلىرىم ھايت-ھۇيتنىڭ ئىچىدە يىرتىپ تاشلاندى! 20
שבר על שבר נקרא כי שדדה כל הארץ פתאם שדדו אהלי רגע יריעתי׃
قاچانغىچە تۇغقا قاراپ تۇرۇشۇم، جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك؟» ــ [دېدىم]. 21
עד מתי אראה נס אשמעה קול שופר׃
ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر». 22
כי אויל עמי אותי לא ידעו בנים סכלים המה ולא נבונים המה חכמים המה להרע ולהיטיב לא ידעו׃
ــ «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى؛ 23
ראיתי את הארץ והנה תהו ובהו ואל השמים ואין אורם׃
تاغلارغا قارىدىم، مانا، ئۇلار زىلزىلىگە كەلدى، بارلىق دۆڭلەر ئەشەددىي سىلكىنىپ كەتتى. 24
ראיתי ההרים והנה רעשים וכל הגבעות התקלקלו׃
قاراپ تۇرۇۋەردىم، ۋە مانا، ئىنسان يوق ئىدى، ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارمۇ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى. 25
ראיתי והנה אין האדם וכל עוף השמים נדדו׃
مەن قارىدىم، مانا، باغ-ئېتىزلار چۆل-باياۋانغا ئايلاندى، بارلىق شەھەرلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا، يەنى ئۇنىڭ قاتتىق غەزىپى ئالدىدا ۋەيران بولدى. 26
ראיתי והנה הכרמל המדבר וכל עריו נתצו מפני יהוה מפני חרון אפו׃
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولىدۇ؛ ئەمما مەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمايمەن. 27
כי כה אמר יהוה שממה תהיה כל הארץ וכלה לא אעשה׃
بۇنىڭ تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، يۇقىرىدا ئاسمان قارىلىق بىلەن قاپلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، مەن شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايمەن؛ 28
על זאת תאבל הארץ וקדרו השמים ממעל על כי דברתי זמתי ולא נחמתי ולא אשוב ממנה׃
ئاتلىقلار ۋە ئوقيالىقلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنى بىلەن ھەربىر شەھەردىكىلەر قېچىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار چاتقاللىقلارغا كىرىپ مۆكۈۋالىدۇ، تاشلار ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ؛ بارلىق شەھەرلەر تاشلىنىپ ئادەمزاتسىز قالىدۇ. 29
מקול פרש ורמה קשת ברחת כל העיר באו בעבים ובכפים עלו כל העיר עזובה ואין יושב בהן איש׃
ــ سەن، ئى ھالاك بولغۇچى، نېمە قىلماقچىسەن؟ گەرچە سەن پەرەڭ كىيىملەرنى كىيگەن بولساڭمۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان بولساڭمۇ، كۆز-قاشلىرىڭنى ئوسما بىلەن پەردازلىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ بىكاردۇر؛ سېنىڭ ئاشىقلىرىڭ سېنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇلار جېنىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ. 30
ואתי שדוד מה תעשי כי תלבשי שני כי תעדי עדי זהב כי תקרעי בפוך עיניך לשוא תתיפי מאסו בך עגבים נפשך יבקשו׃
چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا. 31
כי קול כחולה שמעתי צרה כמבכירה קול בת ציון תתיפח תפרש כפיה אוי נא לי כי עיפה נפשי להרגים׃

< يەرەمىيا 4 >