< يەرەمىيا 38 >

ماتتاننىڭ ئوغلى سەفاتىيا، پاشخۇرنىڭ ئوغلى گەدالىيا، شەمەلىيانىڭ ئوغلى جۇكال ۋە مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرلار بولسا يەرەمىيانىڭ خەلققە: ــ 1
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ شەھەردە قېلىپ قالغان ئادەملەر بولسا قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىمكى چىقىپ كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا ھايات قالىدۇ؛ جېنى ئۆزىگە ئولجىدەك قالىدۇ؛ ئۇ ھايات قالىدۇ. 2
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ» ــ دەۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. 3
ئەمىرلەر پادىشاھقا: «سىلىدىن ئۆتۈنىمىز، بۇ ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن؛ چۈنكى نېمىشقا ئۇنىڭ بۇ شەھەردە قېلىپ قالغان جەڭگىۋار لەشكەرلەرنىڭ قوللىرىنى ۋە خەلقنىڭ قوللىرىنى ئاجىز قىلىشىغا يول قويۇلسۇن؟ چۈنكى بۇ ئادەم خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى زىيىنىنى ئىزدەيدۇ» ــ دېدى. 4
زەدەكىيا پادىشاھ: «مانا، ئۇ سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارغا تاپشۇرۇلدى؛ سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى توسقۇدەك مەن پادىشاھ قانچىلىك بىر ئادەم ئىدىم؟» ــ دېدى. 5
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدىكى شاھزادە مالكىيانىڭ سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتتى؛ ئۇلار يەرەمىيانى ئارغامچىلار بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەردى؛ ئازگالدا بولسا سۇ بولماي، پەقەت پاتقاقلا بار ئىدى؛ يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ كەتتى. 6
ئەمما پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى بىر ئاغۋات ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەك يەرەمىيانىڭ سۇ ئازگىلىغا قاماپ قويۇلغانلىقىنى ئاڭلىدى (شۇ چاغدا پادىشاھ بولسا «بىنيامىن دەرۋازىسى»دا ئولتۇراتتى). 7
ئەبەد-مەلەك ئوردىدىن چىقىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: 8
«ئى پادىشاھىئالەم، بۇ ئادەملەرنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە بارلىق قىلغىنى، ئۇنى سۇ ئازگىلىغا تاشلىۋەتكىنى ئىنتايىن ئەسەبىي رەزىللىكتۇر؛ ئۇ ئاشۇ يەردە قەھەتچىلىكتىن ئۆلۈپ قالىدۇ؛ چۈنكى شەھەردە ئوزۇق-تۈلۈك قالمىدى» ــ دېدى. 9
پادىشاھ ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە بۇيرۇق بېرىپ: «مۇشۇ يەردىن ئوتتۇز ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ بېرىپ، يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سۇ ئازگىلىدىن ئېلىپ چىقارغىن» ــ دېدى. 10
شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى ئېلىپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى خەزىنىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىرىپ شۇ يەردىن لاتا-پۇتا ۋە جۇل-جۇل كىيىملەرنى ئېلىپ، شۇلارنى تانىلار بىلەن ئازگالغا، يەرەمىيانىڭ يېنىغا چۈشۈرۈپ بەردى. 11
ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا: ــ بۇ لاتا-پۇتا ۋە جونداق كىيىملەرنى قولتۇقلىرىڭ ھەم تانىلار ئارىسىغا تىقىپ قويغىن ــ دېدى. يەرەمىيا شۇنداق قىلدى. 12
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تانىلار بىلەن تارتىپ، سۇ ئازگىلىدىن چىقاردى؛ يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. 13
پادىشاھ زەدەكىيا ئادەم ئەۋەتىپ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچىنچى كىرىش ئىشىكىگە، ئۆز يېنىغا ئاپارغۇزدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: ــ مەن سەندىن بىر ئىشنى سورىماقچىمەن؛ ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن ــ دېدى. 14
يەرەمىيا زەدەكىياغا: «مەن ئۇنى ساڭا ئايان قىلسام، سەن مېنى جەزمەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمامسەن؟ مەن ساڭا مەسلىھەت بەرسەم، سەن ئاڭلىمايسەن!» ــ دېدى. 15
پادىشاھ زەدەكىيا يەرەمىياغا ئاستىرتىن قەسەم ئىچىپ ئۇنىڭغا: «بىزگە جان-تىنىق ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، مەن سېنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمەن، ياكى سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچى كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرمايمەن» ــ دېدى. 16
يەرەمىيا زەدەكىياغا: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ئىختىيارەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ تەسلىم بولساڭ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ ۋە بۇ شەھەر ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلمەيدۇ؛ سەن ۋە ئۆيدىكىلىرىڭ ھايات قالىسىلەر. 17
لېكىن سەن چىقىپ بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىگە تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن ــ دېدى. 18
پادىشاھ زەدەكىيا يەرەمىياغا: «مەن كالدىيلەرگە چىقىپ تەسلىم بولغان يەھۇدىيلاردىن قورقىمەن؛ كالدىيلەر بەلكىم مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى، ئۇلار مېنى قىيىن-قىستاق قىلىشى مۇمكىن» ــ دېدى. 19
يەرەمىيا مۇنداق دېدى: ــ ئۇلار سېنى تاپشۇرمايدۇ. سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، گېپىمگە كىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا ئىتائەت قىلغايسەن؛ شۇنداق قىلساڭ ساڭا ياخشى بولىدۇ، جېنىڭ ھايات قالىدۇ. 20
لېكىن سەن چىقىپ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ئىش مۇنداق: ــ 21
مانا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق قىز-ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ [قىز-ئاياللار] ساڭا [تەنە قىلىپ]: «سېنىڭ جان دوستلىرىڭ سېنى ئېزىقتۇردى؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلدى؛ ئەمدى ھازىر پۇتلىرىڭ پاتقاققا پىتىپ كەتكەندە، ئۇلار يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئارقىسىنى قىلدى!» ــ دەيدۇ. 22
سېنىڭ بارلىق ئاياللىرىڭ ھەم بالىلىرىڭ كالدىيلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ. سەن ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ چۈنكى سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن تۇتۇۋېلىنىسەن، شۇنداقلا سەن بۇ شەھەرنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلىشىگە سەۋەبچى بولىسەن. 23
زەدەكىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بۇ سۆھبىتىمىزنى باشقا ھېچكىمگە چاندۇرمىغىن، شۇندىلا سەن ئۆلمەيسەن. 24
ئەمىرلەر مېنىڭ سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمنى ئاڭلاپ يېنىڭغا كېلىپ سەندىن: «سېنىڭ پادىشاھقا نېمە دېگەنلىرىڭنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ساڭا قانداق سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىزگە ئېيت؛ ئۇنى بىزدىن يوشۇرما؛ شۇنداق قىلساڭ بىز سېنى ئۆلتۈرمەيمىز» دېسە، 25
ئۇنداقتا سەن ئۇلارغا: «مەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا: «مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتقۇزمىغايسەن، بولمىسا، مەن شۇ يەردە ئۆلىمەن» ــ دېگەن ئىلتىجايىمنى قويغانمەن» ــ دەيسەن. 26
دەرۋەقە ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى يەرەمىيانىڭ يېنىغا كېلىپ شۇنى سورىدى؛ ئۇ ئۇلارغا پادىشاھ بۇيرۇغان بۇ بارلىق سۆزلەر بويىچە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىمىپ كېتىپ ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى؛ چۈنكى بۇ ئىش ھېچكىمگە چاندۇرۇلمىغانىدى. 27
شۇنداق قىلىپ يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە يەرەمىيا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. 28

< يەرەمىيا 38 >