< يەرەمىيا 37 >

بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زەدەكىيانى يەھۇدانىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيانىڭ ئورنىغا ھۆكۈم سۈرىدى. 1
ئۇ، ياكى خىزمەتكارلىرى، ياكى زېمىندىكى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىگە ھېچ قۇلاق سالمىدى. 2
پادىشاھ زەدەكىيا شەلەمىيانىڭ ئوغلى يەھۇكالنى ھەم كاھىن مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن» ــ دېگۈزدى 3
(شۇ چاغدا يەرەمىيا زىنداندا قاماقلىق ئەمەس ئىدى؛ ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ-كىرىشكە ئەركىن ئىدى. 4
پىرەۋننىڭ قوشۇنى مىسىردىن چىققانىدى؛ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان كالدىيلەر بۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ كەتكەنىدى). 5
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېيىلىدى: ــ 6
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى ماڭا ئىلتىجا قىلدۇرۇپ ئىزدەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدا پادىشاھىغا مۇنداق دەڭلار: ــ مانا، سىلەرگە ياردەم بېرىمىز دەپ چىقىپ كەلگەن پىرەۋننىڭ قوشۇنى بولسا، ئۆز زېمىنىغا، يەنى مىسىرغا قايتىپ كېتىدۇ. 7
ئاندىن كالدىيلەر بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ، ئۇنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 8
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ: «كالدىيلەر بىزدىن چېكىنىپ كەتكەن» ــ دېمەڭلار؛ ئۇلار كەتكەن ئەمەس! 9
چۈنكى گەرچە سىلەر ئۆزۈڭلارغا جەڭ قىلىدىغان كالدىيلەرنىڭ تولۇق قوشۇنىنى ئۇرۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ ۋە ئۇلارنىڭكىدىن پەقەت يارىلانغانلارلا قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى يەنىلا ئۆز چېدىرىدىن تۇرۇپ بۇ شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن بولاتتى. 10
پىرەۋننىڭ قوشۇنى تۈپەيلىدىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا، شۇ ۋەقە يۈز بەردى: ــ 11
يەرەمىيا بىنيامىندىكى زېمىنغا يول ئېلىپ، شۇ يەردىكى يۇرتداشلىرى ئارىسىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىن چىققاندا، 12
ئۇ «بىنيامىن دەرۋازىسى»غا يەتكەندە، ھانانىيانىڭ نەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئوغلى كۆزەت بېگى ئىرىيا شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇ: «سەن كالدىيلەرگە چېكىنىپ تەسلىم بولماقچىسەن!» دەپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. 13
يەرەمىيا: «يالغان! مەن كالدىيلەر تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولماقچى ئەمەسمەن!» ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئىرىيا يەرەمىيانى قولغا ئېلىپ ئۇنى ئەمىرلەر ئالدىغا ئاپاردى. 14
ئەمىرلەر بولسا يەرەمىيادىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغۇزۇپ، ئۇنى دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى قاماقخانىغا سولىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ ئۆينى زىندانغا ئايلاندۇرغانىدى. 15
يەرەمىيا زىنداندىكى بىر گۇندىخانىغا قامىلىپ، شۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر ياتقاندىن كېيىن، 16
زەدەكىيا پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شۇ يەردىن ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاستىرتىن ئۇنىڭدىن: «پەرۋەردىگاردىن سۆز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. يەرەمىيا: «بار؛ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن» ــ دېدى. 17
يەرەمىيا زەدەكىيا پادىشاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ «مەن ساڭا ياكى خىزمەتكارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە گۇناھ قىلغىنىمغا، بۇ زىندانغا قاماپ قويدۇڭلار؟ 18
سىلەرگە بېشارەت بېرىپ: «بابىل پادىشاھى ساڭا ياكى بۇ زېمىنغا جەڭ قىلىشقا چىقمايدۇ!» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار قېنى؟» ــ دېدى 19
ــ «ئەمدى ئى پادىشاھ تەقسىر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن؛ ئىلتىجايىم ئالدىڭدا ئىجابەت بولسۇن، دەپ ئۆتۈنىمەن؛ دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىگە مېنى قايتقۇزمىغايسەن؛ سەن ئۇنداق قىلساڭ، شۇ يەردە ئۆلىمەن». 20
زەدەكىيا پادىشاھ پەرمان چۈشۈرۈپ، يەرەمىيانى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇرغۇزۇشنى، شۇنىڭدەك شەھەردىكى ھەممە نان تۈگەپ كەتمىسىلا، ئۇنىڭغا ھەركۈنى «ناۋاي كوچىسى»دىن بىر نان بېرىلىشنى تاپىلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. 21

< يەرەمىيا 37 >