< يەرەمىيا 36 >

يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى سۆز كەلدى: ــ 1
ئۆزۈڭگە ئورام قەغەز ئالغىن؛ ئۇنىڭغا يوسىيانىڭ كۈنلىرىدە ساڭا سۆز قىلغىنىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەن ئىسرائىلنى ئەيىبلىگەن، يەھۇدانى ئەيىبلىگەن ھەم بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن، ساڭا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يازغىن. 2
يەھۇدانىڭ جەمەتى بەلكىم مەن بېشىغا چۈشۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتنى ئاڭلاپ، ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىمەن. 3
شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى چاقىردى؛ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئورام قەغەزگە يېزىپ بەردى. 4
يەرەمىيا بارۇققا تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ــ ئۆزۈم قاماپ قويۇلغانمەن؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمگە رۇخسەت يوق؛ لېكىن ئۆزۈڭ بېرىپ كىرگىن؛ 5
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە روزا تۇتقان بىر كۈنىدە، سەن ئاغزىمدىن چىققانلىرىنى ئاڭلاپ يازغان، پەرۋەردىگارنىڭ بۇ ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن سۆزلىرىنى خەلقنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزگىن؛ ھەممە شەھەرلەردىن كەلگەن يەھۇدادىكىلەرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يەتكۈزگىن. 6
ئۇلار بەلكىم پەرۋەردىگار ئالدىغا دۇئا-تىلاۋىتىنى قىلىپ ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يولىدىن يانارمىكىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ خەلققە ئاگاھلاندۇرغان غەزىپى ۋە قەھرى دەھشەتلىكتۇر. 7
نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا تاپىلىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ جاكارلىدى. 8
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان بەشىنچى يىلى توققۇزىنچى ئايدا شۇنداق بولدىكى، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ھەمدە يەھۇدا شەھەرلىرىدىن چىقىپ يېرۇسالېمغا كەلگەن بارلىق خەلق ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئالدىدا بىر مەزگىل روزا تۇتۇشىمىز كېرەك دەپ ئېلان قىلىندى. 9
شۇ ۋاقىت بارۇق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى؛ بۇ ئۆي پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ يۇقىرىقى ھويلىسىدىكى «يېڭى دەرۋازا»غا جايلاشقانىدى. 10
شافاننىڭ نەۋرىسى، گەمارىيانىڭ ئوغلى مىكاھ بولسا يازمىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالدى. 11
ئاندىن ئۇ پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ پۈتۈكچىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋىدى، مانا، ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئولتۇراتتى؛ پۈتۈكچى ئەلىشاما، شېمايانىڭ ئوغلى دېلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گەمارىيا ۋە ھانانىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيا قاتارلىق بارلىق ئەمىرلەر شۇ يەردە ئولتۇراتتى. 12
شۇنىڭ بىلەن مىكاھ بارۇقنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغاندا ئۆزى ئاڭلىغان بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارغا بايان قىلدى. 13
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەمىرلەر كۇشىنىڭ چەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئەۋرىسى، نەتانىيانىڭ ئوغلى يەھۇدىينى بارۇقنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «سەن خەلقنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇغان ئورام يازمىنى قولۇڭغا ئېلىپ يېنىمىزغا كەل» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق ئورام يازمىنى قولىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. 14
ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئولتۇر، ئۇنى قۇلىقىمىزغا يەتكۈزۈپ ئوقۇپ بەر» ــ دېدى. بارۇق ئۇنى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ ئوقۇدى. 15
شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئالاقزادە بولۇپ بىر-بىرىگە قارىشىپ: «بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزمىسەك بولمايدۇ» ــ دېدى. 16
ئاندىن بارۇقتىن: «بىزگە دېگىن ئەمدى، سەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قانداق يازدىڭ؟ ئۇلارنى يەرەمىيانىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. 17
بارۇق ئۇلارغا: «ئۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا ئېيتتى، مەن ئورام قەغەزگە سىياھ بىلەن يازدىم» ــ دېدى. 18
ئەمىرلەر بارۇققا: «بارغىن، سەن ۋە يەرەمىيا مۆكۈۋېلىڭلار. قەيەردە بولساڭلار ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار» ــ دېدى. 19
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئورام يازمىنى پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ ئۆيىگە تىقىپ قويۇپ، ئوردىغا كىرىپ پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. 20
پادىشاھ يەھۇدىينى يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى، ئۇ ئۇنى ئەلىشامانىڭ ئۆيىدىن ئېپكەلدى. يەھۇدىي ئۇنى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا ۋە پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغان بارلىق ئەمىرلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇدى. 21
شۇ چاغ توققۇزىنچى ئاي بولۇپ، پادىشاھ «قىشلىق ئۆي»ىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت قالاقلىق ئىدى. 22
شۇنداق بولدىكى، يەھۇدىي ئۇنىڭدىن ئۈچ-تۆت سەھىپىنى ئوقۇغاندا، پادىشاھ قەلەمتىراشى بىلەن بۇ قىسمىنى كېسىپ، يازمىنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ ئوتتا كۆيۈپ يوقىغۇچە ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىدى. 23
لېكىن بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ ياكى خىزمەتكارلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قورقمىدى، ئۇلاردىن كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتقانلار يوق ئىدى. 24
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلناتان، دېلايا ۋە گەمارىيالار پادىشاھتىن ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكىنى ئۆتۈنگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 25
پادىشاھ بولسا شاھزادە يېراھمەئەل، ئازرىئەلنىڭ ئوغلى سېرايا ۋە ئابدەئەلنىڭ ئوغلى شەلەمىيانى پۈتۈكچى بارۇقنى ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قولغا ئېلىشقا ئەۋەتتى؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ ساقلىدى. 26
پادىشاھ بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ يازغان سۆزلەرنى خاتىرىلىگەن ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 27
يەنە بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم كۆيدۈرۈۋەتكەن بىرىنچى ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن بارلىق سۆزلەرنى يازغىن. 28
ۋە يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن بۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ ۋە مېنىڭ توغرۇلۇق: سەن بۇنىڭغا: «بابىل پادىشاھى چوقۇم كېلىپ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەم ئىنساننى ھەم ھايۋاننى يوقىتىدۇ» ــ دەپ يېزىشقا قانداقمۇ پېتىندىڭ؟» ــ دېدىڭ. 29
شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ھېچ ئادەم بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ جەسىتى سىرتقا تاشلىۋېتىلىپ كۈندۈزدە ئىسسىقتا، كېچىدە قىراۋدا ئوچۇق ياتىدۇ. 30
مەن ئۇنىڭ ۋە نەسلىنىڭ بېشىغا، خىزمەتكارلىرىنىڭ بېشىغا قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە ھەم يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئۈستىگە مەن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغان بارلىق كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان. 31
شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا باشقا بىر ئورام قەغەزنى ئېلىپ نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇققا بەردى؛ ئۇ يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن ھەممە سۆزلەرنى يازدى؛ ئۇلار بۇ سۆزلەرگە ئوخشايدىغان باشقا كۆپ سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ يازدى. 32

< يەرەمىيا 36 >