< يەرەمىيا 35 >

يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ كۈنلىرىدە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا سۆز كېلىپ: ــ 1
«رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇنىڭ كىچىك ئۆيلىرىنىڭ بىرىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا شاراب تۇتقىن» ــ دېيىلدى. 2
شۇنىڭ بىلەن مەن خاباززىنىيانىڭ نەۋرىسى، يەرەمىيانىڭ ئوغلى جائازانىيانى، ئۇنىڭ ئۇكىلىرىنى ۋە بارلىق بالا-چاقىلىرىنى، شۇنىڭدەك رەكابنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئېلىپ كېلىشكە چىقتىم؛ 3
مەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، ئىگدالىيانىڭ ئوغلى، خۇدانىڭ ئادىمى بولغان ھاناننىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەلىك ئۆيگە ئاپاردىم؛ بۇ ئۆي ئەمىرلەرنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، ئىشىكباقار مائاسېياھنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدە ئىدى؛ 4
مەن رەكابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا شارابقا لىق تولغان پىيالىلەر ۋە قەدەھلەرنى قويۇپ ئۇلارغا: «شارابقا ئېغىز تېگىڭلار!» ــ دېدىم. 5
ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: «بىز شارابنى ئىچمەيمىز؛ چۈنكى ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يوناداب بىزگە: «سىلەر ۋە ئوغۇل-ئەۋلادلىرىڭلار زادى شاراب ئىچمەڭلار؛ 6
يەنە كېلىپ ئۆيلەرنى قۇرماڭلار، نە ئۇرۇق تېرىماڭلار، نە ئۈزۈمزارلارنى تىكمەڭلار، نە بۇلاردىن ھېچقايسىسىغا زادى ئىگە بولماڭلار؛ بارلىق كۈنلىرىڭلاردا چېدىرلاردا تۇرۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندا ئۇزۇن كۈنلەرنى كۆرىسىلەر» ــ دەپ ئەمر قالدۇرغان. 7
شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەجدادىمىز رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ: «بارلىق كۈنۈڭلەردە زادى شاراب ئىچمەڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ھەم ئوغۇل-قىزلىرىمىز ئۇنىڭ ئەمرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ كەلگەنمىز؛ 8
بىز يەنە تۇرغۇدەك ئۆيلەرنى سالمىغان؛ بىزدە ھېچ ئۈزۈمزار، ئېتىز، ئۇرۇق دېگەنلەر يوق؛ 9
بەلكى بىز چېدىرلاردا تۇرۇپ كەلدۇق، ئەجدادىمىز يونادابنىڭ بىزگە بارلىق ئەمر قىلغانلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلدۇق. 10
لېكىن بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زېمىنغا بېسىپ كىرگەندە، شۇنداق ئىش بولدىكى، بىز: «بارايلى، كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى ھەم سۇرىيەنىڭ قوشۇنىدىن قېچىپ يېرۇسالېم شەھىرىگە كىرەيلى» ــ دېدۇق. مانا شۇ سەۋەبتىن يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتىمىز». 11
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 12
«ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ بۇنىڭدىن تەربىيە ئالمامسىلەر، شۇنىڭدەك مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 13
ــ مانا، رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ ئوغۇل-پەرزەنتلىرىگە «شاراب ئىچمەڭلار» دەپ تاپىلىغان سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن؛ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار ھېچ شاراب ئىچىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان. لېكىن مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىلەرگە سۆز قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، سىلەر ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر. 14
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىرىڭلار ھازىر ئۆز رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىپ، قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ چوقۇنماڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر» دەپ كەلگەنمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىغانسىلەر. 15
بەرھەق، رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تاپىلىغان ئەمرىگە ئەمەل قىلغان؛ لېكىن بۇ خەلق ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغاندۇر. 16
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھەم يېرۇسالېمنىڭ ئۈستىگە مەن ئالدىنئالا ئېيتقان بارلىق بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارغا سۆز قىلغان، لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىغان؛ مەن ئۇلارنى چاقىرغان، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىگەن». 17
ئاندىن يەرەمىيا رەكاب جەمەتىگە مۇنداق دېدى: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئاتاڭلار يونادابنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، بارلىق يوليورۇقلىرىنى تۇتۇپ، سىلەرگە تاپىلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ كەلگەنسىلەر، ــ 18
ئەمدى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ رەكابنىڭ ئوغلى يونادابنىڭ نەسلىدىن ئالدىمدا خىزمەت قىلغۇچى ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. 19

< يەرەمىيا 35 >