< يەرەمىيا 34 >

بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، پۈتۈن قوشۇنى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنغان بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە جەڭ قىلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ 1
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زەدەكىيانىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 2
سەن بولساڭ، ئۇنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ بەلكى سەن تۇتۇلۇپ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ كۆزلىرىگە قارايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىسەن ۋە سەن بابىلغا سۈرگۈن بولۇپ كېتىسەن. 3
لېكىن، ئى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ تۇغراڭدا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن؛ 4
سەن ئامان-تىنچلىقتا ئۆلىسەن؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئۆزۈڭدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ خۇشبۇي ياققاندەك ئۇلار ئوخشاشلا سەن ئۈچۈنمۇ [خۇشبۇي] ياقىدۇ؛ ئۇلار سەن ئۈچۈن: «ئاھ، شاھىم!» دەپ ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق ۋەدە قىلغانمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 5
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغا يېرۇسالېمدا ئېيتتى. 6
شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدا ۋە يەھۇدادىكى قالغان شەھەرلەردە، يەنى لاقىشتا ۋە ئازىكاھتا جەڭ قىلىۋاتاتتى؛ چۈنكى يەھۇدادىكى مۇستەھكەم شەھەرلەر ئارىسىدىن پەقەت بۇلارلا ئىشغال بولمىغانىدى. 7
پادىشاھ زەدەكىيا [قۇللىرىمىزغا] ئازادلىق جاكارلايلى دەپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەھدىنى كېسىپ تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى بۇ سۆز يەرەمىياغا كەلدى 8
(ئەھدە بويىچە ھەربىرى ئۆز ئىبرانىي قۇللىرىنى، ئەر بولسۇن، قىز-ئايال بولسۇن، قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى؛ ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىينى قۇللۇقتا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى. 9
ئەھدىگە قوشۇلغان بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق شۇنىڭغا، يەنى ھەرقايسىمىز ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنى قويۇۋېتەيلى، ئۇلارنى قۇللۇقتا قالدۇرۇۋەرمەيلى دېگەن سۆزىگە بويسۇندى. ئۇلار بويسۇنۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتتى. 10
لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يولدىن يېنىپ قويۇۋەتكەن قۇل-دېدەكلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالدى. ئۇلار بۇلارنى قايتىدىن مەجبۇرىي قۇل-دېدەك قىلىۋالدى). 11
ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 12
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ئۆيى»دىن چىقارغىنىمدا، ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدىم؛ 13
[شۇ ئەھدە بويىچە] ھەربىرىڭلار يەتتىنچى يىلىدا سىلەرگە ئۆزىنى ساتقان ھەرقايسى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىبرانىي كىشىلىرىنى قويۇۋېتىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاندىن كېيىن، سەن ئۇنى ئازادلىققا قويۇۋېتىشىڭ كېرەك، دېگەنىدىم. لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بۇنى ئاڭلىماي ھېچ قۇلاق سالمىغان. 14
لېكىن سىلەر بولساڭلار، [شۇ يامان يولدىن] يېنىپ، كۆز ئالدىمدا دۇرۇس ئىشنى كۆرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىغا «ئازاد بول» دەپ جاكارلىدىڭلار، شۇنىڭدەك ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە ئەھدە تۈزۈدىڭلار؛ 15
لېكىن سىلەر يەنە يېنىپ مېنىڭ نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز رايىغا قويۇۋەتكەن قۇلنى ھەم ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن دېدەكنى قايتۇرۇۋېلىپ قايتىدىن ئۆزۈڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار. 16
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىڭلارغا، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ئازاد بولۇڭلار دەپ ھېچ جاكارلىمىدىڭلار؛ مانا، مەن سىلەرگە بىر خىل ئازادلىقنى ــ يەنى قىلىچقا، ۋاباغا ۋە قەھەتچىلىككە بولغان بىر ئازادلىقنى جاكارلايمەن؛ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا بىر ۋەھشەت باسقۇچى قىلىمەن. 17
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەھدەمنى بۇزغان، كۆز ئالدىمدا كېسىپ تۈزگەن ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرى سويۇپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن ھېلىقى موزايدەك قىلىمەن؛ 18
يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمىرلىرى، ئوردىدىكى ئەلەمدارلار، كاھىنلار، شۇنىڭدەك موزاينىڭ ئىككى پارچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن بارلىق خەلقنى بولسا، 19
مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق بولىدۇ؛ 20
يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا، شۇنداقلا سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن چىكىنىپ تۇرغان بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. 21
مانا، مەن ئەمر قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ۋە ئۇلار بۇ شەھەر ئالدىغا يەنە كېلىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ۋە مەن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيرانە، ھېچ ئادەمزاتسىز قىلىمەن. 22

< يەرەمىيا 34 >