< يەرەمىيا 33 >

يەرەمىيا تېخى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ئىشنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار، ئىشنى شەكىللەندۈرگۈچى ھەم ئۇنى بېكىتكۈچى مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نامىمدۇر ــ 2
ماڭا ئىلتىجا قىل، مەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن، شۇنداقلا سەن بىلمەيدىغان، بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا ئايان قىلىمەن. 3
چۈنكى [دۈشمەننىڭ] دۆڭ-پوتەيلىرىگە ھەم قىلىچىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىستىھكاملار قىلىش ئۈچۈن چېقىلغان بۇ شەھەردىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىلىرى توغرۇلۇق ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 4
«كالدىيلەر بىلەن قارشىلىشىمەن» دەپ شەھەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، پەقەت مەن غەزىپىم ۋە قەھرىمدە ئۇرىۋەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر، خالاس. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن يۈزۈمنى بۇ شەھەردىن ئۆرۈپ يوشۇرغانمەن. 5
ھالبۇكى مانا، مەن بۇ شەھەرگە شىپا قىلىپ دەردىگە دەرمان بولىمەن؛ مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن، ئۇلارغا چەكسىز ئارامبەخش ھەم ھەقىقەتنى يېشىپ ئايان قىلىمەن. 6
مەن يەھۇدانى ھەم ئىسرائىلنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەك قۇرۇپ چىقىمەن. 7
مەن ئۇلارنى مەن بىلەن قارشىلىشىپ گۇناھقا پېتىپ سادىر قىلغان بارلىق قەبىھلىكىدىن پاكلاندۇرىمەن، مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھقا پېتىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرىمەن؛ 8
يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپاتنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ [شەھەر] كىشىنى شادلاندۇرۇپ، ئۆزۈمگە مەدھىيەلەرنى قوزغاپ، شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ نام-شۆھرەت ھاسىل قىلىدۇ؛ ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپات ۋە ئارامبەخشلىكتىن [مەندىن] قورقۇپ تىترەيدىغان بولىدۇ. 9
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مۇشۇ يەر توغرۇلۇق: «ئۇ بىر خارابىلىك، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولدى!» دەيسىلەر ــ دۇرۇس. لېكىن خارابە بولغان، ئادەمزاتسىز، ئاھالىسىز، ھايۋاناتسىز بولغان يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا 10
يەنە تاماشىنىڭ ساداسى، شاد-خۇراملىق ساداسى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى»نى ئاپارغانلارنىڭ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەيدىغان ئاۋازلىرى قايتىدىن ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ زېمىندىكى ئاۋاتلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 11
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خارابە بولغان ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولغان بۇ يەردە ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە قوي باققۇچىلارنىڭ ئۆز پادىلىرىنى ياتقۇزىدىغان قوتانلىرى قايتىدىن بار بولىدۇ. 12
[جەنۇبىي] تاغلىقتىكى شەھەرلەردە، [غەربتىكى] يەھۇدانىڭ «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، جەنۇبىي باياۋانلاردىكى شەھەرلەردە، بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدىمۇ قوي پادىلىرى ئۇلارنى سانىغۇچىنىڭ قولى ئاستىدىن قايتىدىن ئۆتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 13
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ھەم يەھۇدا جەمەتىگە ئېيتقان شەپقەتلىك ۋەدەمگە ئەمەل قىلىمەن. 14
شۇ كۈنلەر ۋە ئۇ چاغدا مەن داۋۇت نەسلىدىن «ھەققانىي شاخ»نى زېمىندا ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن؛ ئۇ زېمىندا توغرا ھۆكۈم ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. 15
شۇ كۈنلەردە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، يېرۇسالېم ئارامبەخشتە تۇرىدۇ؛ [شۇ چاغدا] يېرۇسالېم: «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزدۇر» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. 16
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ داۋۇتنىڭ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا لايىق نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، 17
ياكى لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلاردىن، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئاشلىق ھەدىيە» ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى مېنىڭ ئالدىمدا دائىم سۇنىدىغان ئادەم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. 18
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 19
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مېنىڭ كۈندۈز بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ۋە كېچە بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزۇپ، كۈندۈز ۋە كېچىنى ئۆز ۋاقتىدا كەلمەيدىغان قىلىپ قويساڭلار، 20
شۇ چاغدا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا: «ئۆز تەختىڭگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر ئوغلۇڭ دائىم بولىدۇ» دېگىنىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ ۋە خىزمەتكارلىرىم، كاھىنلار بولغان لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلغان بولىدۇ. 21
ئاسمانلاردىكى قوشۇنلار بولغان يۇلتۇزلارنى ساناپ بولغىلى بولمىغاندەك، دېڭىزدىكى قۇملارنى ئۆلچەپ بولغىلى بولمىغاندەك، مەن قۇلۇم داۋۇتنىڭ نەسلىنى ۋە ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنى كۆپەيتىمەن. 22
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 23
بۇ خەلقنىڭ: «پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان بۇ ئىككى جەمەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تاشلىدى» دېگىنىنى بايقىمىدىڭمۇ؟ شۇڭا ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى: «كەلگۈسىدە ھېچ بىر ئەل-دۆلەت بولمايدۇ» دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ. 24
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ كۈندۈز ۋە كېچىنى بېكىتكەن ئەھدەم ئۆزگىرىپ كەتسە، ياكى ئاسمان-زېمىندىكى قانۇنىيەتلەرنى بېكىتمىگەن بولسام، 25
مەن ياقۇپنىڭ نەسلىدىن ۋە داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى تاشلايدىغان بولىمەن، شۇنىڭدەك ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ نەسلى ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرۈش ئۈچۈن [داۋۇتنىڭ] نەسلىدىن ئادەم تاللىمايدىغان بولىمەن! چۈنكى بەرھەق، مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىمەن. 26

< يەرەمىيا 33 >