< يەرەمىيا 29 >

يەرەمىيانىڭ يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن بولغانلار ئارىسىدىكى ھايات قالغان ئاقساقاللارغا، كاھىنلارغا، پەيغەمبەرلەرگە ۋە نېبوقادنەسار ئەسىر قىلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن بارلىق خەلققە يېرۇسالېمدىن يوللىغان خېتى: ــ 1
ואלה דברי הספר אשר שלח ירמיה הנביא מירושלם אל יתר זקני הגולה ואל הכהנים ואל הנביאים ואל כל העם אשר הגלה נבוכדנאצר מירושלם בבלה׃
(خەت پادىشاھ يەكونىياھ، خانىش، ۋەزىرلەر، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكى شاھزادە-ئەمىرلەر ۋە ھۈنەرۋەنلەر يېرۇسالېمدىن كەتكەندىن كېيىن، 2
אחרי צאת יכניה המלך והגבירה והסריסים שרי יהודה וירושלם והחרש והמסגר מירושלם׃
شافاننىڭ ئوغلى ئەلاساھنىڭ ۋە ھىلقىيانىڭ ئوغلى گەمارىيانىڭ قولى بىلەن يوللانغان ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا بۇ كىشىلەرنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا يوللىغان). يوللىغان خەت مۇنداق: ــ 3
ביד אלעשה בן שפן וגמריה בן חלקיה אשר שלח צדקיה מלך יהודה אל נבוכדנאצר מלך בבל בבלה לאמר׃
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈنگە ئەۋەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ 4
כה אמר יהוה צבאות אלהי ישראל לכל הגולה אשר הגליתי מירושלם בבלה׃
ئۆيلەرنى قۇرۇڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار؛ باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار؛ 5
בנו בתים ושבו ונטעו גנות ואכלו את פרין׃
ئۆيلىنىڭلار، ئوغۇل-قىزلىق بولۇڭلار؛ ئوغۇللىرىڭلار ئۈچۈن قىزلارنى ئېلىپ بېرىڭلار، قىزلىرىڭلارنى ئەرلەرگە ياتلىق قىلىڭلار؛ ئۇلارمۇ ئوغۇل-قىزلىق بولسۇن؛ شۇ يەردە كۆپىيىڭلاركى، ئازىيىپ كەتمەڭلار؛ 6
קחו נשים והולידו בנים ובנות וקחו לבניכם נשים ואת בנותיכם תנו לאנשים ותלדנה בנים ובנות ורבו שם ואל תמעטו׃
مەن سىلەرنى سۈرگۈنگە ئەۋەتكەن شەھەرنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ تىنچ-ئاۋاتلىقى بولسا، سىلەرمۇ تىنچ-ئاۋات بولىسىلەر. 7
ודרשו את שלום העיר אשר הגליתי אתכם שמה והתפללו בעדה אל יהוה כי בשלומה יהיה לכם שלום׃
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەرلەر ۋە سىلەرنىڭ پالچىلىرىڭلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن؛ سىلەر ئۇلارغا كۆرگۈزگەن چۈشلەرگە قۇلاق سالماڭلار؛ 8
כי כה אמר יהוה צבאות אלהי ישראל אל ישיאו לכם נביאיכם אשר בקרבכם וקסמיכם ואל תשמעו אל חלמתיכם אשר אתם מחלמים׃
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەسمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 9
כי בשקר הם נבאים לכם בשמי לא שלחתים נאם יהוה׃
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلغا بېكىتىلگەن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ سىلەرگە ئىلتىپات كۆرسىتىمەنكى، سىلەرنى مۇشۇ يۇرتقا قايتۇرۇشۇم بىلەن سىلەرگە قىلغان شاپائەتلىك ۋەدەمنى ئادا قىلىمەن؛ 10
כי כה אמר יהוה כי לפי מלאת לבבל שבעים שנה אפקד אתכם והקמתי עליכם את דברי הטוב להשיב אתכם אל המקום הזה׃
چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلەر توغرۇلۇق پىلانلىرىمنى، ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەس، تىنچ-ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىردا سىلەرگە ئۈمىدۋار كېلەچەكنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئوبدان بىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 11
כי אנכי ידעתי את המחשבת אשר אנכי חשב עליכם נאם יהוה מחשבות שלום ולא לרעה לתת לכם אחרית ותקוה׃
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ماڭا نىدا قىلىپ، يېنىمغا كېلىپ ماڭا دۇئا قىلىسىلەر ۋە مەن سىلەرنى ئاڭلايمەن. 12
וקראתם אתי והלכתם והתפללתם אלי ושמעתי אליכם׃
سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر ۋە مېنى تاپىسىلەر، چۈنكى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ماڭا ئىنتىلىدىغان بولىسىلەر. 13
ובקשתם אתי ומצאתם כי תדרשני בכל לבבכם׃
مەن ئۆزۈمنى سىلەرگە تاپقۇزىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن سىلەرنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، مەن سىلەرنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق ئەللەردىن ۋە ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردىن يىغىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنى ئېلىپ، ئەسلى سۈرگۈن قىلىپ ئايرىغان يۇرتقا قايتۇرىمەن. 14
ונמצאתי לכם נאם יהוה ושבתי את שביתכם וקבצתי אתכם מכל הגוים ומכל המקומות אשר הדחתי אתכם שם נאם יהוה והשבתי אתכם אל המקום אשר הגליתי אתכם משם׃
سىلەر: «پەرۋەردىگار بىزگە بابىلدا پەيغەمبەرلەرنى تىكلىدى» دېسەڭلار، 15
כי אמרתם הקים לנו יהוה נבאים בבלה׃
ئەمدى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھ ۋە بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق خەلق، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان قېرىنداشلىرىڭلار توغرۇلۇق شۇنى دەيدۇ: ــ 16
כי כה אמר יהוה אל המלך היושב אל כסא דוד ואל כל העם היושב בעיר הזאת אחיכם אשר לא יצאו אתכם בגולה׃
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئازابلايدىغان قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئەۋەتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خۇددى سېسىغان، يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەردەك قىلىمەن؛ 17
כה אמר יהוה צבאות הנני משלח בם את החרב את הרעב ואת הדבר ונתתי אותם כתאנים השערים אשר לא תאכלנה מרע׃
ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن قوغلايمەن، ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدەپ ئاپىرىمەن؛ ئۇلارنى شۇ ئەللەرگە ۋەھىمە، لەنەت، دەھشەت، ئۇش-ئۇش قىلىنىدىغان ۋە رەسۋا قىلىنىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن. 18
ורדפתי אחריהם בחרב ברעב ובדבר ונתתים לזועה לכל ממלכות הארץ לאלה ולשמה ולשרקה ולחרפה בכל הגוים אשר הדחתים שם׃
چۈنكى مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا ئېيتقىنىم بىلەن، ئۇلار قۇلاق سالمىغان؛ سىلەر [سۈرگۈن بولغانلارمۇ] ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 19
תחת אשר לא שמעו אל דברי נאם יהוה אשר שלחתי אליהם את עבדי הנבאים השכם ושלח ולא שמעתם נאם יהוה׃
لېكىن ئى سىلەر سۈرگۈن بولغانلار، مەن يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئەۋەتكەنلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ 20
ואתם שמעו דבר יהוה כל הגולה אשר שלחתי מירושלם בבלה׃
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە يالغاندىن بېشارەت بېرىدىغان كولايانىڭ ئوغلى ئاھاب توغرۇلۇق ۋە مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىدۇ؛ 21
כה אמר יהוה צבאות אלהי ישראל אל אחאב בן קוליה ואל צדקיהו בן מעשיה הנבאים לכם בשמי שקר הנני נתן אתם ביד נבוכדראצר מלך בבל והכם לעיניכם׃
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسال قىلىنىپ بابىلدا تۇرغان يەھۇدادىكى بارلىق سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئاغزىدا: «پەرۋەردىگار سېنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئوتتا كاۋاب قىلغان زەدەكىيا ۋە ئاھابدەك قىلسۇن!» دېگەن لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ 22
ולקח מהם קללה לכל גלות יהודה אשר בבבל לאמר ישמך יהוה כצדקיהו וכאחב אשר קלם מלך בבל באש׃
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل ئىچىدە ئىپلاسلىق قىلغان، قوشنىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلغان ۋە مېنىڭ نامىمدا يالغان سۆزلەرنى، مەن ئۇلارغا ھېچ تاپىلمىغان سۆزلەرنى قىلغان؛ مەن بۇلارنى بىلگۈچى ۋە گۇۋاھ بولغۇچىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 23
יען אשר עשו נבלה בישראל וינאפו את נשי רעיהם וידברו דבר בשמי שקר אשר לוא צויתם ואנכי הוידע ועד נאם יהוה׃
«سەن يەرەمىيا نەھەلەملىك شېماياغا مۇنداق دېگىن: ــ 24
ואל שמעיהו הנחלמי תאמר לאמר׃
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئۆز نامىڭدا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلققە، كاھىن بولغان مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىياغا ۋە بارلىق كاھىنلارغا خەتلەر يوللىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، ــ 25
כה אמר יהוה צבאות אלהי ישראל לאמר יען אשר אתה שלחת בשמכה ספרים אל כל העם אשר בירושלם ואל צפניה בן מעשיה הכהן ואל כל הכהנים לאמר׃
([سەن زەفانىياغا مۇنداق يازغان]: «پەرۋەردىگار سېنى كاھىن يەھۇيادانىڭ ئورنىغا كاھىن تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە شۇنىڭغا نازارەتچى قىلغانكى، بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەر بولۇۋالغان ھەربىر تەلۋىنى بېسىش ئۈچۈن پۇتى ۋە بوينىغا تاقاق سېلىشىڭ كېرەك. 26
יהוה נתנך כהן תחת יהוידע הכהן להיות פקדים בית יהוה לכל איש משגע ומתנבא ונתתה אתו אל המהפכת ואל הצינק׃
ئەمدى سەن نېمىشقا سىلەرگە ئۆزىنى پەيغەمبەر قىلىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى ئەيىبلىمىدىڭ؟ 27
ועתה למה לא גערת בירמיהו הענתתי המתנבא לכם׃
چۈنكى ئۇ ھەتتا بابىلدا تۇرۇۋاتقان بىزلەرگىمۇ: «شۇ يەردە بولغان ۋاقتىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ؛ شۇڭا ئۆيلەرنى سېلىڭلار، ئۇلاردا تۇرۇڭلار، باغلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەڭلار» دەپ خەت يوللىدى!») 28
כי על כן שלח אלינו בבל לאמר ארכה היא בנו בתים ושבו ונטעו גנות ואכלו את פריהן׃
ــ زەفانىيا مۇشۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەر ئالدىدا ئوقۇدى. 29
ויקרא צפניה הכהן את הספר הזה באזני ירמיהו הנביא׃
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 30
ויהי דבר יהוה אל ירמיהו לאמר׃
بارلىق سۈرگۈن بولغانلارغا خەت يوللاپ مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار نەھەلاملىق شەمايا توغرۇلۇق مۇناق دەيدۇ: چۈنكى مەن ئۇنى ئەۋەتمىگەن بولساممۇ، شېمايانىڭ سىلەرگە بېشارەت بېرىپ، سىلەرنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن، 31
שלח על כל הגולה לאמר כה אמר יהוה אל שמעיה הנחלמי יען אשר נבא לכם שמעיה ואני לא שלחתיו ויבטח אתכם על שקר׃
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، نەھەلاملىق شېمايانى نەسلى بىلەن بىللە جازالايمەن؛ مۇشۇ خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭ ھېچقانداق نەسلى تېپىلمايدۇ؛ ئۇ مەن ئۆز خەلقىم ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ياخشىلىقنى ھېچ كۆرمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ چۈنكى ئۇ ئادەملەرنى ماڭا ئاسىيلىققا قۇتراتتى. 32
לכן כה אמר יהוה הנני פקד על שמעיה הנחלמי ועל זרעו לא יהיה לו איש יושב בתוך העם הזה ולא יראה בטוב אשר אני עשה לעמי נאם יהוה כי סרה דבר על יהוה׃

< يەرەمىيا 29 >