< يەرەمىيا 28 >

شۇ يىلدا، يەھۇدا پادىشاھى زەكەرىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يەنى تۆتىنچى يىلى، بەشىنچى ئايدا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، گىبېئون شەھىرىدىكى ھانانىيا پەيغەمبەر، كاھىنلار ۋە بارلىق خالايىق ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ماڭا: ــ 1
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرىۋەتتىم! 2
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مۇشۇ يەردىن ئېپكەتكەن، بابىلغا ئاپارغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، ئىككى يىل ئۆتمەيلا مەن مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېپكېلىمەن؛ 3
ۋە مەن يەھۇدا پادىشاھى، يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەكونىياھنى يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندىرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. 4
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر كاھىنلار ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بارلىق خالايىق ئالدىدا ھانانىيا پەيغەمبەرگە سۆز قىلدى. 5
يەرەمىيا پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: «ئامىن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلسۇن! پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشارەت بەرگەن سۆزلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلار ۋە يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە قايتۇرسۇن! 6
لېكىن ئۆز قۇلىقىڭغا ۋە بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويۇلىدىغان مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلا! 7
ــ مېنىڭ ۋە سېنىڭدىن بۇرۇن، قەدىمدىن تارتىپ بولغان پەيغەمبەرلەرمۇ نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ۋە ئۇلۇغ دۆلەتلەر توغرۇلۇق، ئۇرۇش، ئاپەت ۋە ۋابالار توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ كەلگەن؛ 8
تىنچلىق-ئاۋاتلىق توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن پەيغەمبەر دەپ تونۇلغاندۇر!». 9
ئاندىن ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتتى. 10
ھانانىيا خەلق ئالدىدا سۆز قىلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىككى يىل ئۆتمەيلا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىدىن ئېلىپ سۇندۇرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر چىقىپ كەتتى. 11
ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتكەندىن بىرئاز كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 12
بارغىن، ھانانىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ياغاچتىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرغىنىڭ بىلەن، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا تۆمۈردىن بولغان بويۇنتۇرۇقنى سېلىپ قويدۇڭ! 13
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈردىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سالىمەنكى، ئۇلار بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ تەقدىم قىلغانمەن». 14
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ھانانىيا پەيغەمبەرگە: «قۇلاق سال، ھانانىيا! پەرۋەردىگار سېنى ئەۋەتكەن ئەمەس! سەن بۇ خەلقنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنسەن! 15
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن سېنى يەر يۈزىدىن ئەۋەتىۋېتىمەن! سەن دەل مۇشۇ يىلدا ئۆلىسەن، چۈنكى سەن ئادەملەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغانسەن». 16
ھانانىيا پەيغەمبەر دەل شۇ يىلى يەتتىنچى ئايدا ئۆلدى. 17

< يەرەمىيا 28 >