< يەرەمىيا 25 >

يوسىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلىدا (يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بىرىنچى يىلىدا) يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى توغرۇلۇق يەرەمىياغا كەلگەن سۆز، ــ 1
بۇ سۆزنى يەرەمىيا پەيغەمبەر يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ 2
ئاموننىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئون ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، بۇ يىگىرمە ئۈچ يىل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ تۇرغان ۋە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى سىلەرگە سۆزلەپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ 3
ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە بارلىق خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ لېكىن سىلەر قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىدىڭلار. 4
ئۇلار: «سىلەر ھەربىرىڭلار يامان يولۇڭلاردىن ۋە قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىدىن توۋا قىلىپ يانساڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر. 5
باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ چوقۇنماڭلار؛ مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرمەڭلار؛ مەن سىلەرگە ھېچ يامانلىق كەلتۈرمەيمەن» ــ دەپ جاكارلىغان. 6
لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرۈپ ئۆزۈڭلارغا زىيان كەلتۈردۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 7
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان بولغاچقا، 8
مانا، مەن شىمالدىكى ھەممە جەمەتلەرنى ۋە مېنىڭ قۇلۇمنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرتىمەن، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا، ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ھەمدە ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرگە قارشىلىشىشقا ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن [مۇشۇ زېمىندىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنى] پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تولىمۇ ۋەھىمىلىك قىلىمەن ھەم ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى، دائىملىق بىر خارابىلىك قىلىمەن؛ 9
مەن ئۇلاردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى، تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى، تۈگمەن تېشىنىڭ ساداسىنى ۋە چىراغ نۇرىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ 10
بۇ پۈتكۈل زېمىن ۋەيرانە ۋە دەھشەت سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ، ۋە بۇ ئەللەر بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولىدۇ. 11
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېلىنىڭ بېشىغا، شۇنداقلا كالدىيلەرنىڭ زېمىنى ئۈستىگە ئۆز قەبىھلىكىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى مەڭگۈگە خارابىلىك قىلىمەن. 12
شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ زېمىن ئۈستىگە مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن بارلىق سۆزلىرىمنى، جۈملىدىن بۇ كىتابتا يېزىلغانلارنى، يەنى يەرەمىيانىڭ بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن بېشارەتلىرىنى چۈشۈرىمەن. 13
چۈنكى كۆپ ئەللەر ھەم ئۇلۇغ پادىشاھلار [بۇ پادىشاھ ھەم قوۋملىرىنىمۇ] قۇل قىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە قوللىرى ياسىغانلىرى بويىچە ئۇلارنى جازالايمەن. 14
چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [ئالامەت كۆرۈنۈشتە] مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن؛ 15
ئۇلار ئىچىدۇ، ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلايدۇ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن ساراڭ بولىدۇ. 16
شۇڭا مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئالدىم ۋە پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزدۈم، 17
ــ يەنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە، ئۇنىڭ پادىشاھلىرىغا ۋە ئەمىر-شاھزادىلىرىگە، يەنى ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بىر خارابە، ۋەھىمە، ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى بولۇشقا ھەم لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا قەدەھنى ئىچكۈزدۈم؛ 18
مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە، خىزمەتكارلىرىغا، ئەمىر-شاھزادىلىرىغا ھەم خەلقىگە ئىچكۈزدۈم؛ 19
بارلىق شالغۇت ئەللەر، ئۇز زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئاشكېلوندىكىلەر، گازادىكىلەر، ئەكروندىكىلەرگە ۋە ئاشدودنىڭ قالدۇقلىرىغا ئىچكۈزدۈم؛ 20
ئېدومدىكىلەر، موئابدىكىلەر ۋە ئاممونىيلار، 21
تۇرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ھەم زىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، دېڭىز بويىدىكى بارلىق پادىشاھلار، 22
دېداندىكىلەر، تېمادىكىلەر، بۇزدىكىلەر ۋە چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەر، 23
ئەرەبىيەدىكى بارلىق پادىشاھلار ۋە چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان شالغۇت ئەللەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 24
زىمرىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئېلامدىكى بارلىق پادىشاھلار، مېدىئالىقلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، 25
شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلارغا، يىراقتىكى بولسۇن، يېقىندىكى بولسۇن، بىر-بىرلەپ ئىچكۈزدۇم؛ جاھاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ئىچكۈزدۈم؛ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن شېشاقنىڭ پادىشاھىمۇ [قەدەھنى] ئىچىدۇ. 26
ئاندىن سەن ئۇلارغا: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچىڭلار، مەست بولۇڭلار، قۇسۇڭلار، مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن يىقىلىپ قايتىدىن دەس تۇرماڭلار» ــ دېگىن. 27
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر چوقۇم ئىچىسىلەر!» ــ دېگىن. 28
چۈنكى مانا، مەن ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان شەھەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرگىلى تۇرغان يەردە، سىلەر جازالانماي قالامسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر؛ چۈنكى مەن يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە قىلىچنى چۈشۈشكە چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 29
ئەمدى سەن [يەرەمىيا]، ئۇلارغا مۇشۇ بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاكارلىغىن: ــ پەرۋەردىگار يۇقىرىدىن شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۆز مۇقەددەس تۇرالغۇسىدىن ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايى ئۈستىگە ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەر توۋلىغاندەك يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئەيىبلەپ توۋلايدۇ. 30
ساداسى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە يېتىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن دەۋاسى بار؛ ئۇ ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ رەزىللەرنى بولسا، ئۇلارنى قىلىچقا تاپشۇرىدۇ؛ ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ. 31
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە ھەممىسى ئۈستىگە چىقىپ تارقىلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن دەھشەتلىك بۇران-چاپقۇن چىقىدۇ. 32
پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر يەرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ياتىدۇ؛ ئۇلارغا ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار يەر يۈزىدە تېزەكتەك ياتىدۇ. 33
ئى باققۇچىلار، زارلاڭلار، نالە كۆتۈرۈڭلار! توپا-چاڭ ئىچىدە ئېغىنىڭلار، ئى پادا يېتەكچىلىرى! چۈنكى قىرغىن قىلىنىش كۈنلىرىڭلار يېتىپ كەلدى، مەن سىلەرنى تارقىتىۋېتىمەن؛ سىلەر ئۆرۈلگەن ئېسىل چىنىدەك پارچە-پارچە چېقىلىسىلەر. 34
پادا باققۇچىلىرىنىڭ باشپاناھى، پادا يېتەكچىلىرىنىڭ قاچار يولى يوقاپ كېتىدۇ. 35
باققۇچىلارنىڭ ئازابلىق پەريادى، پادا يېتەكچىلىرىنىڭ زارلاشلىرى ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىنى ۋەيران قىلاي دەۋاتىدۇ؛ 36
پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، تىنچلىق قوتانلىرى خارابە بولىدۇ. 37
پەرۋەردىگار ئۆز ئۇۋىسىنى تاشلاپ چىققان شىردەكتۇر؛ ئەزگۈچىنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ زېمىنى ۋەيرانە بولماي قالمايدۇ. 38

< يەرەمىيا 25 >