< يەرەمىيا 23 >

مېنىڭ يايلىقىمدىكى قويلارنى ھالاك قىلغۇچى ۋە تارقىتىۋەتكۈچى پادا باققۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 1
شۇڭا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى شۇنداق بېقىۋاتقان باققۇچىلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ پادامنى تارقىتىۋەتكەنسىلەر، ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەنسىلەر ۋە ئۇلارنى ئىزدىمىگەنسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھېچ خەۋەر ئالمىغانسىلەر؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ 2
ۋە پادامنىڭ قالدىسىنى بولسا، مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن، ئۇلارنى ئۆز يايلاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار ئاۋۇپ كۆپىيىدۇ. 3
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ھەقىقىي باقىدىغان باققۇچىلارنى تىكلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىنچى قورقمايدۇ ياكى پاراكەندە بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچقايسىسى كەم بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 4
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن داۋۇت ئۈچۈن بىر «ھەققانىي شاخ»نى ئۆستۈرۈپ تىكلەيمەن؛ ئۇ پادىشاھ بولۇپ دانالىق بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ، زېمىندا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. 5
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، ئىسرائىل ئامان-تىنچلىقتا تۇرىدۇ؛ ئۇ شۇ نامى بىلەن ئاتىلىدۇكى ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىز». 6
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ، 7
بەلكى شۇ كۈنلەردە «ئىسرائىللارنى شىمالدىكى زېمىندىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆز يۇرتىدا تۇرىدۇ. 8
پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ مېنىڭ كۆڭلۈم ئىچ-باغرىمدا سۇنۇقتۇر؛ سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسى تىترەيدۇ؛ مەن مەست بولغان ئادەم، شاراب تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئادەمگە ئوخشايمەن؛ بۇنداق بولۇشۇم پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەس سۆزلىرى تۈپەيلىدىندۇر؛ 9
چۈنكى زېمىن بولسا زىناخورلارغا تولغان؛ ئۇلارنىڭ يۈگۈرۈشلىرى توغرا يولدا ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ھەققانىيلىق يولىدا ئەمەس. شۇڭا [پەرۋەردىگارنىڭ] لەنىتى تۈپەيلىدىن زېمىن قاغجىرايدۇ؛ دالادىكى ئوت-چۆپ سولىشىدۇ؛ 10
چۈنكى ھەم پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھارام بولدى؛ ھەتتا ئۆز ئۆيۈمدىمۇ ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى بايقىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 11
ــ شۇڭا ئۇلارنىڭ يولى ئۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، تېيىلغاق يوللاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار بۇ يوللاردا پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا يامانلىق چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 12
مەن ئاۋۋال سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەردە ئەخمەقلىقنى كۆرگەنمەن؛ ئۇلار بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنى ئازدۇرغان؛ 13
بىراق يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەردىمۇ يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇلار زىناخورلۇق قىلىدۇ، يالغانلىقتا ماڭىدۇ، رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى كۈچەيتىدۇكى، نەتىجىدە ھېچقايسىسى رەزىللىكىدىن يانمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا سودومدەك، [يېرۇسالېمدا] تۇرۇۋاتقانلار ماڭا گوموررادەك بولدى. 14
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئەمەن بىلەن ئوزۇقلاندۇرىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن؛ چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر ھاراملىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ھاراملىق ئۇلاردىن پۈتكۈل زېمىنغا تارقىلىپ كەتتى. 15
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىۋاتقان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ ئۇلار سىلەرنى بىمەنىلىككە يېتەكلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە تەسەۋۋۇر قىلغان بىر كۆرۈنۈشنى سۆزلەۋاتىدۇ. 16
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلارغا: «سىلەر ئامان-تىنچلىقتا تۇرىسىلەر» دەيدۇ ۋە ئۆز كۆڭلىنىڭ جاھىللىقىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرىگە: «ھېچقانداق يامانلىق بېشىڭلارغا چۈشمەيدۇ» ــ دەيدۇ. 17
بىراق ئۇلاردىن قايسى بىرسى پەرۋەردىگارنىڭ كېڭىشىدە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى بايقاپ چۈشىنىش ۋە ئاڭلاش ئۈچۈن تۇرغان؟ ئۇلاردىن كىم ئۇنىڭ سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان؟ 18
مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 19
ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يانمايدۇ؛ ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ يېتىسىلەر. 20
مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگەنمەن، لېكىن ئۇلار خەۋەرنى جار قىلىشقا قاترىغان؛ مەن ئۇلارغا سۆز قىلمىدىم، لېكىن ئۇلار بېشارەت بەرگەن. 21
ھالبۇكى، ئۇلار مېنىڭ كېڭىشىمدە تۇرغان بولسا، مېنىڭ خەلقىمگە سۆزلىرىمنى ئاڭلاتقۇزغان بولسا، ئەمدى خەلقىمنى رەزىل يولىدىن ۋە قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكىدىن ياندۇرغان بولاتتى. 22
مەن پەقەت بىر يەردىلا تۇرىدىغان خۇدامۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن يىراق-يىراقلاردىكى ھەرجايدا تۇرىدىغان خۇدا ئەمەسمۇ؟ 23
بىرسى يوشۇرۇن جايلاردا مۆكۈۋالسا مەن ئۇنى كۆرەلمەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاسمان-زېمىن مەن بىلەن تولدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 24
مەن مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بىر چۈش كۆردۈم! بىر چۈش كۆردۈم!» دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم؛ 25
بۇنداق پەيغەمبەرلەر يالغان بېشارەتلەرنى بېرىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئېزىتقۇ تەسەۋۋۇرلىرىدىن پەيغەمبەرلەر بولۇشىۋالغان. ئەمدى ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى قاچانغىچە كۆڭلىگە پۈكىدۇ؟ 26
ئۇلار ھەربىرى قاچانغىچە ئۆز يېقىنىغا ئېيتقان چۈشلىرى ئارقىلىق (خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بائالغا چوقۇنۇپ نامىمنى ئۇنتۇغىنىغا ئوخشاش) خەلقىمگە نامىمنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى پەملەيدۇ؟ 27
چۈشنى كۆرگەن پەيغەمبەر، چۈشنى ئېيتىپ بەرسۇن؛ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغان كىشى بۇ سۆزۈمنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلىسۇن؛ پاخالنىڭ بۇغداي بىلەن سېلىشتۇرغۇچىلىك نېمىسى باردۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 28
ــ مېنىڭ سۆزۈم خۇددى كۆيدۈرگۈچى بىر ئوت ۋە تاشنى چاقىدىغان بازغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 29
شۇڭا مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىدىن «مېنىڭ سۆزلىرىم»نى ئوغرىلاپ دورامچىلىق قىلىدۇ. 30
مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئۆز تىللىرىنى چايناپ: «[پەرۋەردىگار] دەيدۇ...» دەپ بېشارەت بېرىدۇ. 31
مانا، يالغان چۈشلەرنى بېشارەت قىلىپ بۇلارنى يەتكۈزۈپ، يالغانچىلىقى ۋە باشباشتاقلىقى بىلەن مېنىڭ خەلقىمنى ئازدۇرغانلارغا قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن؛ ئۇلار بۇ خەلققە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 32
ئەمدى ياكى بۇ خەلق، ياكى پەيغەمبەر، ياكى كاھىن سەندىن: «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يۈكلىگەن سۆزى نېمە؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «قايسى يۈك؟! مەن سىلەرنى ئۆزۈمدىن يىراق تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 33
«پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەيدىغان ھەرقايسى پەيغەمبەر، كاھىن ياكى خەلق بولسا، مەن بۇ كىشىنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن تەڭ جازالايمەن. 34
ئەمدى سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىدىن ۋە ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىدىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار نېمە جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭلار كېرەك. 35
سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېگەننى قايتىدىن ئاغزىڭلارغا ئالمايسىلەر؛ چۈنكى ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆز سۆزى ئۆزىگە يۈك بولىدۇ؛ چۈنكى سىلەر خۇدايىمىز، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، تىرىك خۇدانىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىغانسىلەر. 36
ھەربىرىڭلار پەيغەمبەردىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار ساڭا نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭ كېرەك. 37
لېكىن سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋەرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مانا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋېرىسىلەر ۋە مەن سىلەرگە: ««پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېمەڭلەر» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنمەن، 38
شۇڭا مانا، مەن سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن، مەن سىلەرنى سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان شەھەر بىلەن تەڭ يۈزۈمدىن يىراق تاشلايمەن؛ 39
مەن ئۈستۈڭلارغا مەڭگۈ رەسۋاچىلىق ۋە ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان مەڭگۈلۈك شەرمەندىلىكنى چۈشۈرىمەن! 40

< يەرەمىيا 23 >