< يەرەمىيا 22 >

پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن: ــ 1
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇچى، يەھۇدا پادىشاھى ــ سەن، ئەلەمدار-خىزمەتكارلىرىڭ ۋە مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ-چىقىدىغان خەلقىڭ، ــ 2
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزۈڭلار؛ بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ مۇساپىرلارنى، يېتىم-يېسىرلەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى ھېچ خارلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار، گۇناھسىز قانلارنى بۇ يەردە تۆكمەڭلار. 3
سىلەر بۇ ئەمرلەرگە ھەقىقەتەن ئەمەل قىلساڭلار، ئەمدى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ چىقىشىدۇ. 4
بىراق سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ ئوردا بىر خارابە بولىدۇ. 5
چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك بولغىنىڭ بىلەن، بەرھەق مەن سېنى بىر چۆل-باياۋان، ئادەملەر ۋاز كەچكەن شەھەرلەردەك قىلىمەن. 6
مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ. 7
نۇرغۇن ئەللەر بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ، ھەربىرى يېقىنىدىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ ئۇلۇغ شەھەرنى بۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ. 8
ۋە ئۇلار جاۋابەن: «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئەھدىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرگەن» ــ دەيدۇ. 9
ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا ھېچقاچان قايتىپ كەلمەيدۇ. 10
چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئاتىسى يوسىيانىڭ ئورنىغا تەختىگە ئولتۇرغان، بۇ يەردىن سۈرگۈن بولغان شاللۇم توغرۇلۇق پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەرگىز بۇ يەرگە قايتمايدۇ؛ 11
چۈنكى ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ. 12
ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ قوشنىسىنى بىكار ئىشلىتىپ، ئەمگىكىگە ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؛ 13
ئۇ: «ئۆزۈمگە كەڭتاشا بىر ئوردىنى، ئازادە راۋاقلار بىلەن قوشۇپ سالىمەن؛ تاملىرىغا دېرىزىلەرنى كەڭ چىقىرىمەن؛ تاملىرىنى كېدىر تاختايلار بىلەن بېزەيمەن، ئۆيلىرىنى پەرەڭ سىرلايمەن» ــ دەيدۇ. [ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي]! 14
سەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تاختايلارنى چاپلاپ، [ئاتا-بوۋىلىرىڭ] بىلەن بەسلەشسەڭ قانداقمۇ پادىشاھ بولۇشقا لايىق بولىسەن؟ سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن. 15
ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ دەۋاسىنى توغرا سورىغان؛ شۇڭا خەلقنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىدى. بۇنداق ئىش مېنى تونۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 16
ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر. 17
شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە: «ئاھ، ئاكام! ئاھ، سىڭلىم!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن: «ئاھ، بېگىم! ئاھ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ 18
ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ. 19
لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر؛ چۈنكى سېنىڭ «ئاشنىلىرىڭ»نىڭ ھەممىسى نابۇت قىلىندى. 20
مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم؛ لېكىن سەن: «ئاڭلىمايمەن!» ــ دېدىڭ. ياشلىقىڭدىن تارتىپلا بۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالماسلىق دەل سېنىڭ يولۇڭ بولۇپ كەلگەن. 21
شامال بارلىق «باققۇچى»لىرىڭغا «باققۇچى» بولۇپ ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشنىلىرىڭ سۈرگۈن بولۇشقا چىقىدۇ؛ بەرھەق، سەن شۇ چاغدا بارلىق رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن خىجىل بولۇپ رەسۋا بولىسەن. 22
ئى «لىۋان»دا تۇرغۇچى، كېدىر دەرەخلىرى ئۈستىگە ئۇۋىلىغۇچى، سەن تولغاق تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، دەرد-ئەلەملەر بېشىڭغا چۈشكەندە قانچىلىك ئىڭراپ كېتەرسەن! 23
ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ 24
مەن سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا ۋە سەن قورققان ئادەملەرنىڭ قولىغا، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ۋە كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. 25
مەن سېنى ھەم سېنى تۇغقان ئاناڭ ئىككىڭلارنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر يۇرتقا چۆرىۋېتىمەن؛ سىلەر شۇ يەردە ئۆلىسىلەر. 26
جېنىڭلار قايتىپ كېلىشكە شۇنچە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا بولسا، سىلەر ھەرگىز قايتىپ كېلەلمەيسىلەر. 27
كونىيا دېگەن بۇ كىشى چېقىلغان، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساپال كوزىمۇ؟ ھېچكىم قارىمايدىغان بىر قاچىمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ئۇلار، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ نەسلى بولغانلار چۆرىۋېتىلگەن، ئۇلار تونۇمايدىغان بىر يۇرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ؟ 28
ئى زېمىن، زېمىن، زېمىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا! 29
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئادەم «پەرزەنتسىز، ئۆز كۈنىدە ھېچ غەلىبە قىلالمىغان بىر ئادەم» دەپ يازغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ نەسلىدىن ھېچقانداق ئادەم غەلىبە قىلىپ، داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ يەھۇدا ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەيدۇ. 30

< يەرەمىيا 22 >