< يەرەمىيا 2 >

ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
بېرىپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا مۇنداق جار سالغىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن سېنىڭ ياش ۋاقتىڭدىكى ۋاپادارلىقىڭنى، يەنى قىزنىڭ ئاشىقىغا بولغان مۇھەببىتىدەك سېنىڭ چۆل-باياۋاندا، يەنى تېرىلمىغان يەرلەردە ماڭا ئەگىشىپ يۈرگەنلىرىڭنى سېنىڭ ئۈچۈن ئەسلەيمەن. 2
شۇ چاغدا ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا پاك، ئالاھىدە ئاتالغان، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆز ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسى دەپ قارالغانىدى؛ ئۇلارنى يەۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار دەپ ھېسابلانغانىدى ھەم ئۇلارنىڭ باشلىرىغا بالايىئاپەت چۈشكەنىدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 3
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى: ــ 4
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندە زادى قانداق ئادالەتسىزلىكلەرنى بايقاپتۇ، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا بىمەنە بۇتلارغا باش ئۇرۇپ، ئۆزلىرى بىمەنە بولۇپ كەتتى؟ 5
ئۇلار ھېچقاچان: «بىزنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىپ، باياۋاندىن، يەنى چۆل-دەشت ۋە تىك ئازگاللار بىلەن قاپلانغان جايلاردىن، قۇرغاقچىلىق ۋە ئۆلۈم سايىسى ئوراپ تۇرغان يەرلەردىن، ئادەمزات ئۆتمەيدىغان ھەمدە ئىنسان تۇرمايدىغان شۇ باياۋاندىن بىزنى ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ سوراپ قويۇشماپتىغۇ؟ 6
مەن سىلەرنى مېۋىسى ھەم مولچىلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن مۇنبەت بىر زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنمەن؛ سىلەر كېلىپ زېمىنىمنى بۇلغىدىڭلار، مېنىڭ مىراسىمنى يىرگىنچلىك بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار. 7
كاھىنلار: «پەرۋەردىگار قېنى؟» دەپ ھېچ سوراپ قويمىدى؛ تەۋرات-قانۇن ئىجراچىلىرى مېنى ھېچ تونۇمىدى؛ خەلق پادىچىلىرى ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ پەيغەمبەرلەر بولسا بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بەردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچ پايدىسىز بىمەنە نەرسىلەرگە ئەگىشىپ كەتتى. 8
شۇڭا سىلەر بىلەن دەۋالاشماقچىمەن، بالىلىرىڭلار ھەم بالىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بىلەن دەۋالىشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 9
ــ سىلەر سىپرۇستىكى دېڭىز بويلىرىغا ئۆتۈپ بېقىڭلار، كېدارغا تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ بېقىڭلار ــ مۇشۇنداق بىر ئىش زادى بولۇپ باققانمۇ-يوق دەپ كۆرۈپ بېقىڭلار ــ 10
قايسى بىر ئەل ئۆز ئىلاھلىرىنى (ئۇلار ھېچ ئىلاھ ئەمەس، ئەلۋەتتە) ئۆزگەرتكەنمۇ؟ لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپى بولغۇچىسىنى بولسا پايدىسىز-بىمەنە بىر نەرسىگە ئالماشتۇرغان. 11
بۇنىڭغا ئەجەبلىنىڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ھاڭ-تاڭ بولۇڭلار! ساراسىمىگە چۈشۈڭلار! چۆچۈڭلار! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، 12
ــ چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ئىككى رەزىل ئىشنى قىلدى؛ ئۇلار ھاياتلىق سۇ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى؛ ئاندىن ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ئازگاللىرىنى، يەنى سۇ تۇرمايدىغان يېرىق سۇ ئازگاللىرىنى يونۇپ چىقتى. 13
ئىسرائىل ئەسلى قۇلمىدى؟ ئۇ خوجايىننىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇلمىدى؟ نېمىشقا ئەمدى ئۇ ئولجىغا ئايلىنىپ قالدى؟ 14
ياش شىرلار ئۇنى ئولجا قىلىپ ھۆركىرىدى؛ ئۇلار ئاۋازىنى قويۇۋەتتى؛ ئۇلار [ئىسرائىل] زېمىنىنى ۋەيرانە قىلدى؛ شەھەرلىرى كۆيدۈرۈلدى، ئادەمزاتسىز قالدى. 15
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا نوف ۋە تاھپانەس شەھىرىدىكىلەرمۇ چوققاڭنى يېرىۋەتتى. 16
بۇ ئىشلارنى ئۆزۈڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ساڭا يول باشلاۋاتقىنىدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكەنىدىڭ. 17
ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە يەنە شىھور دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ [ئەفرات] دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن ئاسۇرىيەنىڭ يولىنى باسقىنىڭ نېمىسى؟ 18
ئۆز رەزىللىكىڭ ئۆزۈڭگە ساۋاق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۆزۈڭنىڭ يېنىمدىن چەتنەپ كەتكىنىڭ ئۆزۈڭگە تەنبىھ بولىدۇ؛ ئەمدى سېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن ۋاز كەچكىنىڭ ۋە مېنىڭ قورقۇنچۇمنىڭ سەندە بولماسلىقىنىڭ ئىنتايىن رەزىل ھەمدە زەرداپقا تولغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ قوي، ــ دەيدۇ رەب، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 19
چۈنكى سەن قەدىمدىنلا مەن ساڭا سالغان بويۇنتۇرۇقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەنسەن؛ سەن: «قۇللۇقۇڭدا بولمايمەن!» دېدىڭ. چۈنكى بارلىق دۆڭ-ئېگىزلىكتە ۋە بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىدا سەن پاھىشە ئايالدەك كېرىلىپ ياتقانسەن. 20
لېكىن مەن بولسام سېنى ئەسلى ئېسىل سورتلۇق ئۈزۈم تېلىدىن، سەرخىل ئۇرۇقتىن تىككەنىدىم؛ سەن ماڭا نىسبەتەن قانداقمۇ يات ۋە ياۋا بىر سېسىق ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭ؟ 21
چۈنكى سەن شۇلتا بىلەن يۇيۇنساڭمۇ، كۆپ ئاقارتقۇچ سوپۇن ئىشلەتسەڭمۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ مېنىڭ ئالدىمدا تېخى داغ بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 22
سەن قانداقمۇ: «مەن ھېچ بۇلغانغان ئەمەسمەن، مەن «بائاللار»غا ھېچ ئەگەشمىدىم!» دېيەلەيسەن؟ جىلغىدا ماڭغان يولۇڭنى كۆرۈپ باق، قىلمىشلىرىڭنى ئىقرار قىل ــ سەن ئۆز يوللىرىدا ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرىدىغان چاققاق ھىڭگاندۇرسەن! 23
سەن چۆل-باياۋانغا ئادەتلەنگەن، ھەۋىسى قوزغالغاندا شامالنى پۇراپ يۈرىدىغان بىر ياۋايى مادا ئېشەكسەن! كۈيلىگەندە كىم ئۇنى توسالىسۇن؟ ئۇنى ئىزدىگەن ھاڭگىلار ئۆزلىرىنى ھېچ ئۇپراتمايدۇ؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى ئىزدەپ تاپماق ئاساندۇر. 24
[ئى ئىسرائىل]، [بىكار يۈگۈرۈپ]، پۇتۇڭنى ئاياغسىز، گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما! لېكىن سەن بۇنىڭغا: «ياق! خام خىيال قىلما! چۈنكى مەن بۇ يات [ئىلاھلارنى] ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىمەن!» ــ دېدىڭ. 25
ئوغرى تۇتۇلۇپ قېلىپ خىجالەتكە قالغاندەك، ئىسرائىل جەمەتىمۇ خىجالەتكە قالىدۇ ــ يەنى ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرى ــ 26
ئۇلار ياغاچ كۆتىكىگە: «ئاتام!» ۋە تاشقا: «سەن مېنى تۇغدۇردۇڭ!» دەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار يۈزىنى ماڭا قاراتماي، ئەكسىچە ماڭا ئارقىسىنى قىلدى؛ لېكىن كۈلپەت بېشىغا چۈشكەندە ئۇلار: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بىزنى قۇتقۇزغايسەن!» دەيدۇ. 27
ئەمدى ئۆزۈڭگە ياسىغان ئىلاھلىرىڭ قېنى!؟ كۈلپەت بېشىڭغا چۈشكەندە سېنى قۇتقۇزالايدىغان بولسا، ئۇلار ئورنىدىن تۇرسۇن! ــ چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولسا بۇتلىرىڭمۇ شۇنچە كۆپتۇر، ئى يەھۇدا! 28
نېمىشقا سىلەر مەن بىلەن دەۋاغا چۈشمەكچىسىلەر؟ سىلەر ھەممىڭلار ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 29
بالىلىرىڭنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ قويدۇم؛ ئۇلار ھېچ تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆز قىلىچىڭ يىرتقۇچ شىردەك پەيغەمبەرلىرىڭنى يەۋەتتى. 30
ئى بۇ دەۋر كىشىلىرى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! مەن ئىسرائىلغا چۆل-باياۋان ياكى قاپقاراڭغۇلۇق باسقان زېمىن بولۇپ باققانمۇ؟ مېنىڭ خەلقىم نېمىشقا: «نەگىلا بارساق ئۆز ئەركىمىز؛ ئەمدى يېنىڭغا يەنە كەلمەيمىز!» ــ دەيدۇ؟ 31
قىز زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ توي قىلىدىغان قىز توي كىيىملىرىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ لېكىن ئۆز خەلقىم سان-ساناقسىز كۈنلىرىدە مېنى ئۇنتۇدى. 32
سەن ئىشق ئىزدەپ بارىدىغان يوللارغا شۇنچە ماھىر بولۇپ كەتتىڭ! بەرھەق، ھەتتا ئەڭ بۇزۇق ئاياللارغا يوللىرىڭنى كۆرسەتتىڭ. 33
ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇڭنىڭ پەشلىرىدە گۇناھسىز نامراتلارنىڭ قېنى بار! سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟! ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تۇرسىمۇ، 34
سەن تېخى: «مەندە گۇناھ يوق؛ [رەب] مەندىن رەنجىۋەرمەيدۇ!» دەيسەن. بىلىپ قوي! مەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن، چۈنكى سەن: «مەن گۇناھ سادىر قىلمىدىم!» ــ دەۋېرىسەن. 35
سەن نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇيان-بۇيان قاتراپ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىسەن؟ سەن ئاسۇرىيە تەرىپىدىن يەرگە قارىتىلغاندەك مىسىر تەرىپىدىنمۇ يەرگە قارىتىلىسەن. 36
بەرھەق، سەن مىسىردىن قوللىرىڭنى بېشىڭغا ئالغان پېتى چىقىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن يۆلەنچۈك قىلغانلارنى چەتكە قاقتى؛ سەن ئۇلاردىن ھېچ پايدا كۆرمەيسەن. 37

< يەرەمىيا 2 >