< يەرەمىيا 19 >

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، ساپالچىدىن بىر ساپال كوزىنى ئالغىن؛ ئاندىن ئەلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىنى ئاپىرىپ، 1
«ساپال پارچىلىرى» دەرۋازىسىغا يېقىن بولغان «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»غا بېرىپ شۇ يەردە مەن ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلەرنى جاكارلىغىن. 2
مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. 3
چۈنكى بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرنى ماڭا «يات» قىلغان، ئۇنىڭدا نە ئۆزلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى، نە يەھۇدا پادىشاھلىرى ھېچ تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققان؛ ئۇلار بۇ يەرنى گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرى بىلەن تولدۇرغان. 4
ئۇلار بائالغا ئۆز بالىلىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۈپىتىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بائالنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىنى قۇرغان؛ مەن بۇنداق بىر ئىشنى ھېچقاچان بۇيرۇپ باقمىغان، ھېچ ئېيتمىغان، ئۇ ھەرگىز ئويۇمغا كىرىپ باقمىغان. 5
شۇڭا مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ يەر كەلگۈسىدە «توفەت»، ياكى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى» دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 6
مەن بۇ يەردە يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ پىلان-تەدبىرلىرىنى قۇرۇق قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن، يەنى جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىدا يىقىتىمەن؛ مەن جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارغا ئوزۇق بولۇشقا بېرىۋېتىمەن. 7
مەن بۇ شەھەرنى دەھشەت باسىدىغان ھەم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن دەھشەت بېسىپ ئۈشقىرتىدۇ. 8
مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەم جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قاتتىق قىستايدىغان قورشاۋىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئوغۇللىرىنىڭ گۆشىنى ھەم قىزلىرىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. 9
ئەمدى سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئاپارغان ھەمراھلىرىڭنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىقى كوزىنى چېقىۋەتكىن؛ 10
شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىرسى ساپالچىنىڭ كوزىسىنى قايتىدىن ھېچ ياسىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چېقىۋەتكىنىدەك مەنمۇ بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى شۇنداق چېقىۋېتىمەن. ئۇلار جەسەتلىرىنى توفەتتە كۆمىدۇ، ھەتتا كۆمگۈدەك يەر قالمىغۇچە. 11
مەن بۇ يەرنى ۋە بۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن. 12
يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى، ــ يەنى ئۇلارنىڭ ئۆگزىلىرىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇز-سەييارىلەرگە خۇشبۇي ياققان ۋە مەندىن باشقا يات ئىلاھلارغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى تۆككەن بارلىق ئۆيلىرى خۇددى توفەت دېگەن جايدەك بۇلغانغان جايلار بولىدۇ. 13
ۋە يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن توفەتتىن قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ تۇرۇپ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى: 14
ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە قاراپ ئېيتقان بالايىئاپەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ مېنىڭ سۆزلىرىمنى ھېچقاچان ئاڭلىمىغان. 15

< يەرەمىيا 19 >