< يەرەمىيا 18 >

بۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كېلىپ، مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
«ئورنۇڭدىن تۇر، ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشكىن، مەن ساڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلىتىمەن». 2
شۇڭا مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇم؛ ۋە مانا، ساپالچى غالتەك ئۈستىدە بىر نەرسىنى ياساۋاتقانىدى. 3
ئۇ سېغىز لايدىن ياساۋاتقان قاچا تۇرۇپ-تۇرۇپ قولى ئاستىدا بۇزۇلاتتى. شۇ چاغدا ساپالچى شۇ لايدىن ئۆزى لايىق كۆرگەن باشقا بىر قاچىنى ياسايتتى. 4
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 5
«ئى ئىسرائىل جەمەتى، بۇ ساپالچى قىلغاندەك مەن ساڭا قىلالمامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ــ مانا، سېغىز لاينىڭ ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەر مېنىڭ قولۇمدىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى. 6
بەزىدە مەن مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ يۇلۇنۇشى، بۇزۇلۇشى ۋە ھالاك قىلىنىشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ 7
شۇ چاغ مەن ئاگاھلاندۇرغان شۇ ئەل يامانلىقىدىن توۋا قىلىپ يانسا، مەن ئۇلارغا قىلماقچى بولغان يامانلىقتىن يانىمەن. 8
مەن يەنە بەزىدە مەلۇم بىر ئەل، مەلۇم بىر مەملىكەت توغرۇلۇق، يەنى ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشى توغرۇلۇق سۆزلەيمەن؛ 9
شۇ چاغ شۇ ئەل كۆز ئالدىمدا يامانلىق قىلىپ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا، مەن يەنە ئۇلارغا ۋەدە قىلغان، ئۇلارنى بەرىكەتلىمەكچى بولغان ياخشىلىقتىن يانىمەن. 10
ئەمدى ھازىر يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە يامانلىق تەييارلاۋاتىمەن، سىلەرگە قارشى بىر پىلان تۈزىۋاتىمەن؛ شۇڭا ھەربىرىڭلار رەزىل يولۇڭلاردىن يېنىڭلار، يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار. 11
ــ لېكىن ئۇلار: «ياق! خام خىيال قىلما! بىز ئۆز پىلانلىرىمىزغا ئەگىشىۋېرىمىز، ئۆز رەزىل كۆڭلىمىزدىكى جاھىللىقىمىز بويىچە قىلىۋېرىمىز» ــ دەيدۇ. 12
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەر ئارىسىدىن: «كىم مۇشۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققان؟!» دەپ سوراڭلار. «پاك قىز» ئىسرائىل دەھشەتلىك يىرگىنچلىك ئىشنى قىلغان! 13
لىۋان قارلىرى ئايدالادىكى قىيالىقتىن يوقاپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ يىراقتىن چۈشكەن مۇزدەك سۇلىرى قۇرۇپ كېتەمدۇ؟ 14
لېكىن مېنىڭ خەلقىم بولسا مېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىلەرگە خۇشبۇي ياقىدۇ؛ مانا، بۇلار ئۇلارنى ياشاۋاتقان يولىدىن، يەنى قەدىمدىن بولغان يوللاردىن پۇتلاشتۇرۇپ، كۆتۈرۈلۈپ تۈز قىلىنمىغان بىر يولدا ماڭدۇرغان. 15
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى دەھشەت باسىدىغان ھەم دائىم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دەھشەت بېسىپ، بېشىنى چايقىشىدۇ. 16
مەن خۇددى شەرقتىن چىققان شامالدەك ئۇلارنى دۈشمەن ئالدىدا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن بالايىئاپەت كۈنىدە ئۇلارغا يۈزۈمنى ئەمەس، بەلكى ئارقامنى قىلىمەن». 17
كىشىلەر: «كېلىڭلار، يەرەمىياغا قەست قىلايلى؛ چۈنكى يا كاھىنلاردىن قانۇن-تەربىيە، يا دانىشمەنلەردىن ئەقىل-نەسىھەت يا پەيغەمبەرلەردىن سۆز-بېشارەت كەملىك قىلمايدۇ. كېلىڭلار، تىلىمىزنى بىر قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىغا قۇلاق سالمايلى» ــ دېيىشتى. 18
ــ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛ ماڭا قارشىلىشىدىغانلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئاڭلىغايسەن. 19
ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش بولامدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جېنىم ئۈچۈن ئورا كولىغان؛ مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ، غەزىپىڭنى ئۇلاردىن ياندۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ ئالدىڭدا [دۇئا قىلىپ] تۇرغانلىقىمنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. 20
شۇڭا بالىلىرىڭنى قەھەتچىلىككە تاپشۇرغايسەن، قىلىچنىڭ بىسىغا ئېلىپ بەرگەيسەن؛ ئاياللىرى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ تۇل قالسۇن؛ ئەرلىرى ۋابا-ئۆلۈم بىلەن يوقالسۇن، يىگىتلەر جەڭدە قىلىچلانسۇن. 21
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باسمىچىلارنى ئېلىپ كەلگىنىڭدە ئۆيلىرىدىن نالە-پەرياد ئاڭلانسۇن؛ چۈنكى ئۇلار مېنى تۇتۇشقا ئورا كولىغان، پۇتلىرىم ئۈچۈن قىسماقلارنى يوشۇرۇن سالغان. 22
ئەمدى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ مېنى قەتل قىلىشقا بولغان قەستلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان بىلىسەن؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭ ئالدىدىن يۇمىغايسەن؛ بەلكى ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا يىقىتىلسۇن؛ غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلغايسەن. 23

< يەرەمىيا 18 >