< يەرەمىيا 17 >

يەھۇدانىڭ گۇناھى ئالماس ئۇچلۇق تۆمۈر قەلەم بىلەن تاشتاختاي كەبى يۈرەكلىرىگە ۋە قۇربانگاھلىرىدىكى مۈڭگۈزلەرگە ئويۇلغان؛ 1
بالىلىرىمۇ يېشىل دەرەخلەر بويىدا تىكلەنگەن، ئېگىز دۆڭلەر ئۈستىدە ياسىغان [بۇتلىرىنىڭ] قۇربانگاھلىرىنى ۋە «ئاشەراھ»لىرىنى ھەردائىم سېغىنىدۇ. 2
مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى، ــ سېنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ــ بۇ چېتىڭدىن ئۇ چېتىڭگىچە بولغان گۇناھىڭ تۈپەيلىدىن ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ 3
ئۆزۈڭنىڭ شورى، مەن ساڭا تەقدىم قىلغان مىراسىڭ قولۇڭدىن كېتىدۇ؛ مەن سەن تونۇمايدىغان بىر زېمىندا سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىغا تاپشۇرىمەن؛ چۈنكى سىلەر غەزىپىمگە ئوت يېقىپ ئۇنى قوزغىغانسىلەر؛ ئۇ مەڭگۈگە كۆيىدۇ. 4
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئادەمگە تايانغان، ئادەمنىڭ ئەت-كۈچىنى تايانچى قىلغان، قەلبى پەرۋەردىگاردىن چەتنىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا لەنەت بولسۇن! 5
ئۇ چۆل-باياۋاندا ئۆسكەن قارا ئارچا چاتقىلىدەك بولىدۇ؛ بەخت-ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇ بۇنى كۆرمەيدۇ؛ ئۇ بەلكى چۆلدىكى قاغجىراق يەرلەردە، ئادەمزاتسىز شورلۇق بىر زېمىندا تۇرىدۇ. 6
پەرۋەردىگارغا تايانغان، پەرۋەردىگارنى تايانچ قىلغان ئادەم بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ! 7
ئۇ سۇلار بويىدا تىكلەنگەن، ئېرىق بويىدا كەڭ يىلتىز تارتقان دەرەخدەك؛ پىژغىرىم ئىسسىقتىن ئۇ قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەمىشە يېشىلدۇر؛ قۇرغاقچىلىق يىلى ئۇ سولاشمايدۇ ۋە مېۋە بېرىشتىن قالمايدۇ. 8
قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر. كىممۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن؟ 9
مەنكى پەرۋەردىگار ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمەن؛ ھەربىرسىگە ئۆز يوللىرى بويىچە، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن. 10
خۇددى ئۆزى تۇغمىغان تۇخۇملارنى بېسىۋالغان كەكلىكتەك، ھارامدىن بايلىقلارغا ئېرىشكەن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ كۈنلىرىنىڭ يېرىمى ئۆتمەيلا ئېرىشكىنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ ئاخىرىدا ئەخمەق بولۇپ چىقىدۇ. 11
شان-شەرەپلىك بىر تەخت، ئەزەلدىن يۇقىرىغا تىكلەنگەن، دەل بىزنىڭ باشپاناھىمىز بولغان جايدۇر؛ 12
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلنىڭ ئۈمىدىسەن! سەندىن ۋاز كەچكەن ھەممەيلەن يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ سەندىن يىراقلاشقانلار تۇپراقتا ياتقانلار ئارىسىدا تىزىملىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۇلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەن. 13
مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! ــ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن! 14
مانا، ئۇلار ماڭا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-بېشارىتى قېنى؟! قېنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن!» ــ دەيدۇ. 15
لېكىن مەن بولسام، ساڭا ئەگەشكىنىمدە «پادا باققۇچى» بولۇشتىن ھېچ قاچقان ئەمەسمەن، ۋە ئەجەل كۈنىنى ھېچ ئارزۇ قىلمىغانمەن، ــ سەن بىلىسەن! ئاغزىمدىن بارلىق چىققانلار سېنىڭ يۈز ئالدىڭدا بولغان. 16
ماڭا ۋەھىمە بولمىغايسەن؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. 17
ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار يەرگە قاراپ قالسۇن، لېكىن مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن! ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشسۇن، لېكىن مېنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈرمىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت كۈنىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۇلارنى ئىككى ھەسسىلىك ھالاكەت بىلەن ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلىغايسەن! 18
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ بارغىن، يەھۇدا پادىشاھلىرى شەھەرگە كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان «خەلقنىڭ بالىلىرى» دېگەن دەرۋازىدا، ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىدا تۇرغىن، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ 19
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىدىغان يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان خالايىق! 20
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز جېنىڭلارغا ھېزى بولۇڭلار! «شابات» كۈنىدە ھېچقانداق يۈكنى كۆتۈرمەڭلار، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئېپكىرمەڭلار؛ 21
شابات كۈنلىرىدە ئۆيلىرىڭلاردىن ھېچ يۈكنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماڭلار، ۋە ھېچقانداق ئەمگەك قىلماڭلار؛ بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بۇيرۇغىنىمدەك، شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈن دەپ قاراڭلار. 22
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئاڭلىماسلىققا ھەم تەربىيىنى قوبۇل قىلماسلىققا بوينىنى قاتتىق قىلغان. 23
شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر ئاۋازىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەنى شابات كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچ يۈكنى ئېلىپ كىرمىسەڭلار ۋە ھېچ ئەمگەك قىلماسلىق ئارقىلىق شابات كۈنىنى ماڭا پاك-مۇقەددەس بىر كۈن ھېسابلىساڭلار، 24
بۇ شەھەر دەرۋازىلىرىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدىغان پادىشاھلىرى ۋە ئەمىرلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ كىرىدۇ؛ ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ كىرىپ-چىقىشىدۇ؛ بۇ شەھەر مەڭگۈ ئاۋات بولىدۇ. 25
شۇنداق قىلساڭلار، خەلقلەر يەھۇدا شەھەرلىرىدىن، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، بىنيامىننىڭ زېمىنىدىن، [غەربتىكى] «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىن، جەنۇبتىكى [تاغلىقتىن]، يەھۇدادىكى جەنۇبىي باياۋانلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار، «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى»، «ئاشلىق ھەدىيە»لەر ۋە خۇشبۇيلارنى تۇتۇپ، [پەرۋەردىگارغا بولغان] رەھمەتلىرىنى ئېيتىشقا كىرىدىغان بولىدۇ. 26
لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، يەنى شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە پاك-مۇقەددەس ھېسابلىماي، شابات كۈنىدە يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن يۈك كۆتۈرۈپ كىرسەڭلار، ئەمدى مەن دەرۋازىلارغا بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئوردىلارنى يەۋېتىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ. 27

< يەرەمىيا 17 >