< يەرەمىيا 16 >

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
سەن ئايال زاتىنى ئەمرىڭگە ئالمايسەن، شۇنداقلا مۇشۇ زېمىندا ئوغۇل-قىز پەرزەنت تاپمايسەن. 2
چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ يەردە تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلار، بۇ زېمىندا ئۇلارنى تۇغقان ئانىلار ۋە ئۇلارنى تۇغدۇرغان ئاتىلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ــ 3
ئۇلار ئەلەملىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۆلۈكلىرى تېزەكتەك تۇپراق يۈزىدە ياتىدۇ، ئۇلار قىلىچ، قەھەتچىلىك بىلەن يەپ كېتىلىدۇ؛ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار ئۈچۈن ئوزۇق بولىدۇ. 4
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن [يەرەمىيا]، ھازا بولۇۋاتقان ھېچبىر ئۆيگە كىرمە، ياكى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈش ياكى ئۆكۈنۈشكە بارما؛ چۈنكى مەن بۇ خەلقتىن خاتىرجەملىكىمنى، مېھىر-مۇھەببىتىمنى ۋە رەھىمدىللىكلىرىمنى ئېلىپ تاشلىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 5
ئۇلۇغلاردىن تارتىپ پەسلەرگىچە بۇ زېمىندا ئۆلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە كۆمۈلمەيدۇ؛ ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرمەيدۇ، ياكى ئۇلارنى دەپ، يا ئەتلىرىنى تىلمايدۇ، يا چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەيدۇ؛ 6
ئۇلار قارىلىق تۇتقانلارنى يوقلاپ، نان ئوشتۇمايدۇ، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن كۆڭۈل سورىمايدۇ؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھېچكىم تەسەللى قەدەھىنى سۇنمايدۇ. 7
سەن بولساڭ ئەل-يۇرت بىلەن بىللە يەپ-ئىچىشكە توي-بەزمە بولغان ئۆيگىمۇ كىرمە؛ 8
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ۋە ئۆز كۆز ئالدىڭلاردا، بۇ يەردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازلىرىنى توختىتىمەن. 9
شۇنداق بولىدۇكى، سەن بۇ خەلققە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتقىنىڭدا، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار مۇشۇنداق زور بىر كۈلپەتنى بېشىمىزغا چۈشۈرۈشكە بېكىتكەن؟ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىز زادى نېمە؟ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا زادى سادىر قىلغان نېمە گۇناھىمىز باردۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ. 10
ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: ــ چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندىن ۋاز كەچكەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھەمدە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، ئۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلار مەندىن ۋاز كەچكەن، تەۋرات-قانۇنۇمنى ھېچ تۇتمىغان؛ 11
سىلەر بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىلىرىڭلاردىن تېخىمۇ بەتتەر قىلغانسىلەر؛ مانا، ھەربىرىڭلار ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقنىڭ كەينىگە كىرىپ، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ 12
شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن ئېلىپ، سىلەر ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھېچ بىلمەيدىغان باشقا بىر زېمىنغا تاشلايمەن؛ سىلەر شۇ يەردە كېچە-كۈندۈز باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ھېچ مېھىرنى كۆرسەتمەيمەن. 13
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ، 14
بەلكى [شۇ كۈنلەردە] «ئىسرائىللارنى شىمالىي زېمىنىدىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق زېمىنلەردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنىغا قايتۇرىمەن. 15
ھالبۇكى، مانا ھازىر بولسا، مەن نۇرغۇن بېلىقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى تۇتقۇزۇشقا چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاندىن نۇرغۇن ئوۋچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قوغلاپ ئوۋلاشقا چاقىرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ھەربىر تاغدىن، ھەربىر ئېگىزلىكتىن، قىيا تاشلارنىڭ غار-قىسىلچاقلىرىدىن تېپىۋالىدۇ. 16
چۈنكى كۆزلىرىم ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئالدىمدا ھېچ سۇقۇنالمىدى، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى كۆزلىرىمدىن ھېچ يوشۇرۇلمىدى. 17
لېكىن مەن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن بۇلغىغان، مېنىڭ مىراسىمنى لەنەتلىك نەرسىلىرى بىلەن تولدۇرغان. 18
ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچۈم ۋە قورغىنىمسەن، ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدە باشپاناھىمسەن. ئەللەر بولسا يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يېنىڭغا كېلىدۇ ۋە: «بەرھەق، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىككە مىراسخورلۇق قىلغان؛ بۇ نەرسىلەردە ھېچ پايدا يوقتۇر. 19
ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە خۇدالارنى ياسىيالامدۇ؟! لېكىن ياسىغىنى خۇدا ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. 20
ــ شۇڭا، مانا، مەن بۇ قېتىم [بۇ رەزىل خەلققە] شۇنى ئوبدان بىلدۈرىمەن، ــ ئۇلارغا مېنىڭ قولۇم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى ئوبدان بىلدۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ نامىمنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ! 21

< يەرەمىيا 16 >