< يەرەمىيا 15 >

پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل [پەيغەمبەرلەر] ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن! 1
ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن. 2
چۈنكى مەن تۆت خىل جازا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچ، تىتما-تىتما قىلىش ئۈچۈن ئىتلار، يۇتۇش ۋە ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارنى جازا بولۇشقا بېكىتتىم؛ 3
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ۋەھىمىگە سالغۇچى بىر ئوبيېكت قىلىمەن. 4
چۈنكى كىم ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، ئى يېرۇسالېم؟ كىم سەن ئۈچۈن ئاھ-زار ئۇرىدۇ؟ كىم ئەھۋالىڭنى سوراشقا يولدا توختاپ يېنىڭغا بارىدۇ؟ 5
سەن مېنى تاشلىۋەتكەنسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن چېكىنىپ كەتتىڭ؛ مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى سوزۇپ سېنى نابۇت قىلىشقا تۇردۇم؛ مەن [ساڭا] ئىچىمنى ئاغرىتىشتىن ھالسىراپ كەتتىم. 6
شۇڭا مەن ئۇلارنى زېمىندىكى شەھەر قوۋۇقلىرىدا يەلپۈگۈچ بىلەن سورىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلىمەن ۋە خەلقىمنى نابۇت قىلىمەن؛ ئۇلار ئۆز يوللىرىدىن ھېچ يانمىدى. 7
كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى دېڭىز قۇملىرىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ بېشىغا دەرد ۋە ۋەھىمە چۈشۈرىمەن. 8
يەتتە بالىنى تۇغقان ئانا سولىشىپ تىنىقىدىن قالاي دەپ قالىدۇ؛ كۈپكۈندۈزدە بۇ ئانىنىڭ قۇياشى تۇيۇقسىز [مەغرىپكە] پاتىدۇ؛ ئۇ شەرمەندە بولۇپ خورلۇق-ھاقارەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن قالغانلارنى بولسا مەن دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلىچقا تاپشۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 9
ئاھ، ئانا، ھالىمغا ۋاي، چۈنكى سەن مېنى پۈتكۈل زېمىن بىلەن قارىشىلىشىدىغان بىر ئادەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشىدىغان بىر ئادەم سۈپىتىدە تۇغقانسەن! مەن ئۇلارغا ئۆسۈمگە قەرزمۇ بەرمىدىم، ياكى ئۇلاردىن ئۆسۈمگە قەرزمۇ ئالمىدىم؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى مېنى قارغايدۇ! 10
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن. 11
تۆمۈر سۇنامدۇ؟ شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟ 12
بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛ 13
مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن؛ چۈنكى غەزىپىمدە بىر ئوت قوزغالدى، ئۇ ئۈستۈڭگە چۈشۈپ سېنى كۆيدۈرىدۇ. 14
ئى پەرۋەردىگار، سەن ھالىمنى بىلىسەن؛ مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقامىمنى ئالغايسەن؛ سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن. 15
سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا! 16
مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى [ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن] قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ. 17
مېنىڭ ئازابىم نېمىشقا توختىمايدۇ، مېنىڭ يارامنىڭ داۋاسى يوق، نېمىشقا شىپا تاپمايدۇ؟ سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟ 18
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ھازىرقى ھالىتىڭدىن يېنىپ يېنىمغا قايتساڭ، مەن قايتىدىن سېنى ئالدىمدىكى خىزمەتتە تۇرۇشقا ياندۇرۇپ كېلىمەن؛ سەن قىممەتلىك [سۆزلەر] بىلەن ئەرزىمەس [سۆزلەرنى] پەرقلەندۈرەلىسەڭ، سەن يەنە ئاغزىمدەك بولىسەن؛ بۇ خەلق سەن تەرەپكە قايتىپ كەلسۇن، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ھەرگىز قايتماسلىقىڭ كېرەك؛ 19
ۋە مەن سېنى بۇ خەلققە نىسبەتەن مىستىن قوپۇرۇلغان، مۇستەھكەم بىر سېپىل قىلىمەن؛ ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇلاردىن خالاس قىلىشقا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 20
ــ بەرھەق، مەن سېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارىڭ بولىمەن. 21

< يەرەمىيا 15 >