< يەرەمىيا 13 >

پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كاناپ ئىچ تامبالنى ئال، بېلىڭگە باغلا؛ لېكىن ئۇنى سۇغا چىلىما. 1
شۇڭا پەرۋەردىگار ماڭا دېگەندەك مەن بىر ئىچ تامبالنى ئالدىم ۋە بېلىمگە باغلاپ قويدۇم. 2
ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 3
«سەن پۇلغا ئالغان، بېلىڭگە باغلانغان ئىچ تامبالنى ئېلىپ، ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ شۇ يەردە تاشنىڭ يېرىقىغا يوشۇرۇپ قوي». 4
شۇڭا مەن باردىم ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك ئۇنى فراتقا يوشۇرۇپ قويدۇم. 5
كۆپ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ، مەن ساڭا شۇ يەرگە يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىچ تامبالنى قولۇڭغا ئال» ــ دېدى. 6
شۇڭا مەن فراتقا باردىم؛ مەن يوشۇرغان يەردىن ئىچ تامبالنى كولاپ چىقىرىپ قولۇمغا ئالدىم؛ مانا، ئىچ تامبال سېسىپ چىرىپ كەتكەنىدى، پۈتۈنلەي كىيگۈسىز بولغانىدى. 7
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 8
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدانىڭ پەخرىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چوڭ پەخرىنى مۇشۇ ھالدا يوقىتىمەن؛ 9
مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان، كۆڭلىدىكى جاھىللىقىدا ماڭىدىغان، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بۇ رەزىل خەلق پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بۇ ئىچ تامبالغا ئوخشاش بولىدۇ. 10
چۈنكى خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا [يېقىن] بىر خەلق بولسۇن، ماڭا نام-ئابرۇي، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار ھېچ قۇلاق سالمىدى. 11
ئۇلارغا مۇشۇ سۆزنى دېگىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك». ئۇلار ساڭا: «ئەجەبا، ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلمەمدۇق؟» ــ دەيدۇ؛ 12
سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى، داۋۇتقا ۋەكىل بولۇپ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ھەمدە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى مەستلىك-بىھوشلۇق بىلەن تولدۇرىمەن. 13
مەن ئۇلارنى بىر-بىرىگە، يەنى ئاتا بىلەن ئوغۇللىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىگە سوقۇشقا سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنى ئايىمايمەن، ئۇلارغا رەھىم قىلمايمەن؛ ئۇلارنى نابۇت قىلىشقا ھېچنەرسە مېنى توسۇمايدۇ. 14
ئاڭلاڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ھالى چوڭ بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. 15
ئەمدى ئۇ بېشىڭلارغا زۇلمەت چۈشۈرگىچە، پۇتۇڭلار زاۋال چۈشكەن تاغلاردا پۇتلاشقاندەك پۇتلاشقۇچە، ئۇ سىلەر ئىزدىگەن نۇرنى ئۆلۈم سايىسىغا، قاپقاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا لايىق شان-شەرەپ قايتۇرۇڭلار! 16
بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر. 17
پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار؛ چۈنكى كۆركەم تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن. 18
جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلنىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ پۈتكۈل يەھۇدا سۈرگۈن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن بولىدۇ. 19
بېشىڭنى كۆتۈر، [ئى زىئون]، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟ 20
[پەرۋەردىگار] سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ! شۇ تاپتا تولغاق تۇتقان ئايالدەك ئازاب-ئوقۇبەتلەر سېنى تۇتمامدۇ؟ 21
سەن ئەگەر كۆڭلۈڭدە: بۇ ئىشلار نېمىشقا بېشىمغا چۈشتى؟ ــ دەپ سورىساڭ، بۇ ئىشلار قەبىھلىكىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىدىن بولدى ــ كۆينىكىڭ سالدۇرۇپ تاشلاندى، يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى. 22
ئېفىئوپىيەلىك قارا تېرىسىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياكى يىلپىز چىپار تەڭگىلىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ئۇنداق بولغاندا سىلەر رەزىللىكنى قىلىشقا كۆنگەنلەرمۇ ياخشىلىقنى قىلالايدىغان بولىسىلەر! 23
ئەمدى چۆل-باياۋاندىكى شامال ھەيدىۋەتكەن ساماندەك مەن سىلەرنى ھەيدەپ چاچىمەن. 24
بۇ سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ، مەن ساڭا بېكىتكەن نېسىۋەڭ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن. 25
شۇڭا مەن كۆينىكىڭنىڭ پەشلىرىنى يۈزۈڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ تاشلايمەن، نومۇسۇڭ كۆرۈلىدۇ. 26
ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ــ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆردۇم! ھالىڭغا ۋاي، ئى يېرۇسالېم! سەن پاك قىلىنىشنى قاچانغىچە رەت قىلماقچىسەن؟! 27

< يەرەمىيا 13 >