< يەرەمىيا 12 >

مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا ئېلىپ كەلسەم، ئادىل بولۇپ كەلدىڭ، ئى پەرۋەردىگار؛ لېكىن سەن بىلەن ئۆز ھۆكۈملىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەشمەكچىمەن؛ نېمىشقا رەزىللەرنىڭ يولى روناق تاپىدۇ؟ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نېمىشقا كەڭرى-ئازادىلىكتە تۇرىدۇ؟ 1
سەن ئۇلارنى يەر يۈزىگە تىككەنسەن، ئۇلارمۇ يىلتىز تارتقان؛ ئۇلار ئۆسۈپ گۈللىنىدۇ، ئۇلار مېۋىلەيدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئوخشايسەن، لېكىن ۋىجدانىدىن يىراقسەن؛ 2
لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى بىلىسەن؛ سەن مېنى كۆرۈپ كەلگەنسەن، ئۆزۈڭگە بولغان سادىقلىقىمنى سىنىغانسەن. ئۇلارنى بوغۇزلاشقا بېكىتىلگەن قويلاردەك ئايرىپ سۆرەپ چىققايسەن، ئۇلارنى قەتل كۈنىگە ئايرىغايسەن. 3
زېمىن قاچانغىچە قاغجىرايدۇ، ئېتىزدىكى ئوت-چۆپلەر قاچانغىچە قۇرغان ھالەتتە تۇرىدۇ؟ زېمىندا تۇرۇۋاقانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھايۋانلار ھەم ئۇچار-قاناتلار قاچانغىچە يوقاپ تۈگەيدۇ؟ چۈنكى بۇ خەلق: «[خۇدا] ئاقىۋىتىمىزنى ھېچ كۆرمەيدۇ» دەۋاتىدۇ. 4
ــ سەن يۈگۈرگەن لەشكەرلەر بىلەن بەسلەشكەندە، ئۇلار سېنى ھالسىراتقان بولسا، ئەمدى سەن ئاتلار بىلەن بەسلەشسەڭ قانداق بولار؟ سەن پەقەت ئامان-تىنچلىقتا تۇرغان زېمىندىلا خاتىرجەم بولۇپ [ماڭا] ئىشىنىسەن، ئەمدى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى قويۇق چاتقاللىقلاردا قانداق يۈرىسەن؟ 5
چۈنكى ھەتتا ئۆز قېرىنداشلىرىڭ، ئاتاڭنىڭ جەمەتىمۇ ساڭا ئاسىيلىق قىلغان. ئۇلارمۇ سېنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋازىنى قويۇپ بەرگەن. گەرچە ئۇلار ساڭا مېھىرلىك سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمە!» 6
ــ ئۆزۈم ئائىلەمدىن ۋاز كېچىمەن، مىراسىمنى تاشلىۋېتىمەن، جان-جىگىرىمنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. 7
مېنىڭ مىراسىم [بولغان خەلق] بولسا ماڭا ئورمانلىقتىكى بىر شىرگە ئوخشاش بولۇپ قالدى؛ ئۇلار ماڭا قارشى ئاۋازىنى كۆتۈردى؛ شۇڭا مەن ئۇلارنى يامان كۆرىمەن. 8
مېنىڭ مىراسىم ماڭا سار-بۈركۈت ياكى چىلبۆرىدەك بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ؟ لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىغا باشقا سار-بۈركۈتلەر ئولاشماقتا! بېرىڭلار، ئۇلارنى يەۋېتىشكە بارلىق دالادىكى ھايۋانلارنى يىغىپ كېلىڭلار! 9
نۇرغۇنلىغان خەلق پادىچىلىرى ئۈزۈمزارىمنى ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ نېسىۋەمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ يېقىملىق نېسىۋەمنى غېرىب بىر چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ؛ 10
ئۇلار ئۇنى غېرىب قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا غېرىب ھەم قاغجىراق تۇرىدۇ؛ پۈتكۈل زېمىن غېرىب قالىدۇ؛ ئەمما ھېچ ئادەم بۇنىڭغا كۆڭلىنى بۆلمەيدۇ. 11
چۆل-باياۋاندىكى بارلىق ئېگىزلىكلەر ئۈستىگە ھالاك قىلغۇچىلار غۇژۇلداپ چىقىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى زېمىننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ھەممىنى يۇتىدۇ؛ ھېچ ئەت ئىگىسىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى بولمايدۇ. 12
[خەلقىم] بۇغداينى تېرىغان بولسىمۇ، لېكىن تېكەنلەرنى ئورىيدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇپراتقىنى بىلەن، پايدا كۆرمەيدۇ؛ شۇڭا [ناچار] مەھسۇلاتلىرىڭلار تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى تۈپەيلىدىن، يەرگە قاراپ قالىسىلەر. 13
مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ۋارىس قىلغان مىراسقا چاڭگال سالغان، زېمىنىمنىڭ ھەممە رەزىل قوشنىلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيمەن: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىدىن يۇلۇپ ئالىمەن، شۇنىڭدەك يەھۇدا جەمەتىنى ئۇلار ئارىسىدىن يۇلۇۋالىمەن؛ 14
لېكىن شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلارنى يۇلۇۋالغاندىن كېيىن مەن بۇ يولدىن يېنىپ، ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئۆز مىراسىغا، ھەربىرىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن. 15
شۇنداق قىلىپ، ئەگەر (ئۇلار ئۆتكەندە خەلقىمگە بائالنىڭ ئىسمىغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەتكەندەك) كۆڭۈل قويۇپ خەلقىمنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنسە، جۈملىدىن مېنىڭ نامىمغا قەسەم ئىچىشنى ئۆگەنسە، ــ ئەمدى ئۇلارغا خەلقىم ئارىسىدىن [مۇقىم] ئورۇن بېرىلىپ، ئۇلار گۈللەندۈرۈلىدۇ. 16
بىراق ئۇلار ئاڭلىمىسا، مەن شۇ ئەلنى مۇتلەق يۇلۇپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 17

< يەرەمىيا 12 >