< يەرەمىيا 11 >

يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز مۇنداق ئىدى: 1
ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار؛ شۇنداقلا يەھۇدا كىشىلىرىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا ئۇلارنى يەتكۈزۈڭلار، 2
ــ سەن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق ئېيتقىن: ــ ــ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە كىم بويسۇنمىسا ئۇ لەنەتتە قالىدۇ؛ 3
مەن بۇ ئەھدىنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى تۆمۈر تاۋلايدىغان خۇمداندىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئۇلارغا تاپىلاپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، بۇ سۆزلەرگە، يەنى مەن سىلەرگە تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن؛ 4
شۇنداق بولغىنىدا مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا: «سىلەرگە سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىن تەقدىم قىلىمەن» دەپ ئىچكەن قەسەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دېگەنىدىم. سىلەر بۈگۈنكى كۈندە دەل شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتىسىلەر! مەن بولسام جاۋابەن «ئامىن، پەرۋەردىگار!» ــ دېدىم. 5
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا بۇ سۆزلەرنى جاكارلا: ــ بۇ ئەھدىنىڭ بارلىق سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار! 6
چۈنكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە «مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەپ جېكىلەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمەن؛ مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدىم. 7
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىللىققا ئەگىشىپ ماڭغان؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئەھدىدىكى بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈردۈم؛ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا تاپىلىغانمەن، لېكىن ئۇلار ھېچ ئەمەلگە ئاشۇرمىغان. 8
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر سۇيىقەست بايقالدى؛ 9
ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرىگە قايتىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدە بولايلى دەپ باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كەتتى. ئىسرائىل جەمەتى ھەم يەھۇدا جەمەتى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى. 10
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھېچ قۇتۇلالماس ئاپەت چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. 11
ئاندىن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئىسرىق يېقىپ چوقۇنغان بۇتلارنى ئىزدەپ ئۇلارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ لېكىن ئاپەت چۈشكەن ۋاقتىدا ئۇلار بۇلارنى ھېچ قۇتقۇزمايدۇ. 12
چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولغانسېرى، بۇتلىرىڭ شۇنچە كۆپ بولدى، ئى يەھۇدا؛ يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولغانسېرى، سىلەر «يىرگىنچلىك بولغۇچى»غا شۇنچە قۇربانگاھلارنى قۇردۇڭلار، يەنى بائالغا ئىسرىق يېقىش ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى بەرپا قىلدىڭلار. 13
ئەمدى سەن، [ئى يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن ھېچ پەرياد ياكى تىلاۋەت قىلما؛ چۈنكى ئاپەت بېشىغا چۈشۈشى بىلەن ئۇلار ماڭا نىدا قىلغان ۋاقتىدا مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. 14
ــ مېنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىمنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇشىغا نېمە ھەققى؟ چۈنكى كۆپىنچىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىشكە ئورۇنىسىلەر؛ سىلەر رەزىللىكىڭلار ئەمەلگە ئاشقاندا خۇرسەن بولساڭلار، ئۇنداقتا «مۇقەددەس گۆشلەر» مۇشۇ ئاسىيلىقىڭلارنى سىلەردىن ئېلىپ تاشلىيالامدۇ؟ 15
پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى «ياپيېشىل، مول مېۋىلىك، باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدى؛ لېكىن [پەرۋەردىگار] دەرەخكە شاۋقۇنلايدىغان زور بىر ئوتنى سالىدۇ ۋە شاخلىرى يوق قىلىنىدۇ. 16
چۈنكى سېنى تىككەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ساڭا قاراپ كۈلپەت بېكىتىپ جاكارلىغان؛ سەۋەبى، ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ رەزىللىك قىلىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈردى. 17
«پەرۋەردىگار ماڭا خەۋەر يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشەندىم؛ ئۇ ماڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئايان قىلدى؛ 18
مەن بولسام خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ ماڭغان كۆنۈك پاقلاندەك ئىدىم؛ مەن ئەسلى ئۇلارنىڭ ماڭا قاراپ: «دەرەخنى مېۋىسى بىلەن يوقىتايلى، ئۇنىڭ ئىسمى قايتا ئەسكە ھېچ كەلتۈرۈلمىسۇن، ئۇنى تىرىكلەر زېمىنىدىن ئۈزۈپ تاشلايلى» دېگەن قەستلىرىنى ھېچ بىلمەيتتىم؛ 19
لېكىن سەن، ئى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى، ئادەمنىڭ ۋىجدان-قەلبىنى سىنىغۇچى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان قىساسىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن؛ چۈنكى دەۋايىمنى ساڭىلا ئايان قىلىپ تاپشۇردۇم». 20
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ماڭا] مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بەرمە، بولمىسا جېنىڭ قولىمىزدا تۈگىشىدۇ» ــ دەپ ساڭا دوق قىلىپ يۈرگەن ئاناتوتتىكى ئادەملەر جېنىڭنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا مۇنداق سۆزۈم بار: ــ 21
ــ بۇ ئىشقا قاراپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ مانا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن؛ يىگىتلەر قىلىچ بىلەن ئۆلىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولسا قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ. 22
ئۇلاردىن ھېچبىر قالدىسى قالمايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا، شۇ ئاناتوتتىكى ئادەملەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىمەن. 23

< يەرەمىيا 11 >