< ياقۇپ 5 >

ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا چۈشىدىغان كۈلپەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاڭلار. 1
بايلىقىڭلار چىرىپ كەتتى، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كەتتى، 2
ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا دات باستى، بۇ دات [قىيامەتتە] ئۆزۈڭلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىپ، گۆشۈڭلارنى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەندەك يەۋېتىدۇ. سىلەرنىڭ بايلىقلارنى توپلىشىڭلار ئاخىرقى كۈنلەردە بولدى! 3
مانا، ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەپ ھوسۇل يىغقانلارغا خىيانەت قىلىپ ئىش ھەقلىرىنى بەرمەي كەلدىڭلار. بۇ تۇتۇۋېلىنغان ھەق ئۈستۈڭلاردىن پەرياد كۆتۈرمەكتە، شۇنىڭدەك ئورمىچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. 4
سىلەر بۇ دۇنيادا ھەشەمەتچىلىك ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىسىلەر. [قويلار] بوغۇزلاش كۈنىگە تەييارلانغاندەك، سىلەرمۇ بوغۇزلىنىش كۈنىگە ئۆزۈڭلارنى بورداپ كېلىۋاتىسىلەر. 5
سىلەر ھەققانىي بولغۇچىنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. 6
شۇڭا، قېرىنداشلار، رەبنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. مانا، دېھقان كىشى يەرنىڭ ئېسىل مېۋىسىنى كۈتىدۇ؛ يەر دەسلەپكى ۋە كېيىنكى يامغۇرلارغا مۇيەسسەر بولغۇچە ئۇنى ئىنتىزارلىق بىلەن سەۋر-تاقەت ئىچىدە كۈتىدۇ. سىلەرمۇ سەۋر-تاقەت قىلىپ قەلبىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىڭلار. چۈنكى رەبنىڭ قايتا كېلىشى يېقىنلاپ قالدى. 7
8
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلار سوراققا تارتىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ مانا، سوراق قىلغۇچى ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ. 9
پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا سۆزلىگەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقى، شۇنداقلا سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭلار. 10
بىز مانا مۇشۇنداق [سەۋر-تاقەت بىلەن] بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك دەپ ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قىلغىنىنى، شۇنداقلا «پەرۋەردىگارنىڭ ئىچ-باغرى شەپقەت ۋە رەھىمدىللىق بىلەن تولغان»لىقىنى كۆرگەنسىلەر. 11
ئەمدى ئى قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار ــ نە ئاسمان نە زېمىن نە ھېچقانداق باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار، بەلكى «بولىدۇ» دېسەڭلار ھەقىقىي «بولىدۇ» بولسۇن، «ياق» دېسەڭلار ھەقىقىي «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلغاندا، [خۇدانىڭ] جازاسىغا چۈشمەيسىلەر. 12
ئاراڭلاردا ئازاب تارتقۇچى كىشى بارمۇ؟ ئۇ دۇئا قىلسۇن. خۇشال يۈرۈۋاتقانلار بارمۇ؟ ئۇ كۈي-مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. 13
ئاراڭلاردا ئاغرىق-سىلاقلار بارمۇ؟ ئۇلار جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن؛ ئۇلار رەبنىڭ نامىدا ئۇنىڭ [بېشىغا] ماي سۈرۈپ مەسىھ قىلىپ دۇئا قىلسۇن. 14
شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 15
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارغا ئىقرار قىلىڭلار ۋە شىپالىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن بىر-بىرىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. 16
ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانىي تەبىئەتلىك ئىدى. ئۇ يامغۇر ياغمىسۇن دەپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدى؛ نەتىجىدە، زېمىنغا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ھېچ يامغۇر ياغمىدى. 17
ئاندىن ئۇ يەنە دۇئا قىلدى ۋە يامغۇر قايتا ياغدى، يەرمۇ ھوسۇل-مېۋىسىنى يەنە بەردى. 18
قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا بىرسى ھەقىقەتتىن چەتنىگەن بولسا، ۋە يەنە بىرسى ئۇنى [ھەقىقەتكە] قايتۇرسا، 19
مۇشۇنداق كىشى شۇنى بىلسۇنكى، گۇناھكار كىشىنى ئازغان يولىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچى شۇ كىشىنىڭ جېنىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلارنىڭ يېپىپ قويۇلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. 20

< ياقۇپ 5 >