< ياقۇپ 2 >

قېرىنداشلىرىم، شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد يولىنى تۇتقانىكەنسىلەر، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولماڭلار. 1
چۈنكى سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە، 2
سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار، 3
ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن يامان نىيەت ھۆكۈم چىقارغۇچىلاردىن بولغان بولمامسىلەر؟! 4
قۇلاق سېلىڭلار، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ــ خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقادتا باي بولۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇشقا تاللىغان ئەمەسمۇ؟ 5
بىراق سىلەر كەمبەغەللەرنى كۆزگە ئىلمىدىڭلار! بايلار سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوت-سوراقلارغا سۆرىگەن ئەمەسمۇ؟ 6
ئۈستۈڭلەرگە قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نامغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ [بايلار] ئەمەسمۇ؟ 7
مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 8
لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر. 9
چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، [ھەتتا] ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. 10
چۈنكى: «زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن. شۇڭا، زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا [پۈتۈن] تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن باراۋەر بولىسىلەر. 11
شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن. 12
چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ. 13
ئى قېرىنداشلىرىم! بىرسى ئاغزىدا، «مەندە ئېتىقاد بار» دەپ تۇرۇپ، ئەمما [ئۇنىڭدا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ [بۇنداق] ئېتىقاد ئۇنى قۇتقۇزالامدۇ؟ 14
ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ 15
16
شۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ئېتىقادلا بولۇپ، [ئۇنىڭغا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، [بۇنداق ئېتىقاد] ئۆلۈك ئېتىقادتۇر. 17
لېكىن بەزىبىر ئادەملەر: «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دەپ [تالىشىدۇ]. لېكىن مەن: «ئەمەلسىز بولغان ئېتىقادىڭنى ماڭا كۆرسىتە قېنى؟!»، «مەن ئېتىقادىمنى ئەمەللەر بىلەن كۆرسىتىمەن» دەيمەن. 18
ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇغۇ! 19
ئەي، قۇرۇق خىيال ئادەم! ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ 20
ئاتىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنغاندا ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق ھەققانىي دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 21
ئەمدى شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇناسىپ ئەمەللەرنى قىلدى ۋە ئېتىقادى ئەمەللەر ئارقىلىق مۇكەممەل قىلىندى. 22
مانا بۇ ئىش [تەۋراتتىكى]: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى. 23
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ. 24
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، پاھىشە ئايال راھاب [ئىسرائىل] چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈپ، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئوخشاشلا ئىش-ئەمىلى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولمامدۇ؟ 25
تەن روھ بولمىسا ئۆلۈك بولغاندەك، ئەمەللىرى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر. 26

< ياقۇپ 2 >