< يەشايا 7 >

يەھۇدا پادىشاھى ئاھاز (ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتامنىڭ ئوغلى) تەختكە ئولتۇرغان كۈنلىرىدە، مۇنداق ئىش بولدى: ــ سۇرىيەنىڭ پادىشاھى رەزىن ۋە ئىسرائىل پادىشاھى رەمالىيانىڭ ئوغلى پىكاھ يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلدى، لېكىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىدى. 1
داۋۇتنىڭ جەمەتىگە: ــ «سۇرىيە ئەفرائىم بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلەشمە قوشۇن قۇردى» ــ دېگەن خەۋەر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلى ئورمانلار شامالدا سىلكىنىپ كەتكەندەك سىلكىنىپ كەتتى. 2
ئاندىن پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ۋە ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب چىقىپ، كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولغا، يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە ئاھاز بىلەن كۆرۈشكىن. 3
سەن ئۇنىڭغا: ــ «سەن ئېھتىيات بىلەن كۆڭلۈڭنى توق تۇت! بۇ ئىككى كۆيمەس ئوتقاشنىڭ كۆتىكىدىن، يەنى رەزىن ھەم سۇرىيەنىڭ ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىنىڭ دەشتى-غەزەپلىرىدىن قورقما، يۈرەكزادى بولۇپ كەتمە! 4
چۈنكى سۇرىيە، ئەفرائىم ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلى سېنى قەستلەپ: ــ 5
«بىز يەھۇداغا بېسىپ كىرىپ، پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر پادىشاھنى، يەنى تابەئەلنىڭ ئوغلىنى تىكلەيلى!» دېگەنىدى. 6
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بۇ سۆز ئاقمايدۇ، ھېچ ئەمەلگە ئاشمايدۇ؛ 7
چۈنكى سۇرىيەنىڭ بېشى دەمەشق شەھىرى ۋە دەمەشق شەھىرىنىڭ بېشى رەزىندۇر، خالاس؛ ۋە ئاتمىش بەش يىل ئىچىدە ئەفرائىم شۇنداق بىتچىت بولىدۇكى، ئۇلارنى «بىر خەلق» دېگىلى بولمايدۇ؛ 8
ۋە ئەفرائىمنىڭ بېشى سامارىيە شەھىرىدۇر، سامارىيە شەھىرىنىڭ بېشى رەمالىيانىڭ ئوغلىدۇر، خالاس؛ سىلەر بۇلارغا ئىشەنمىسەڭلار، مۇستەھكەملەنمەيسىلەر» ــ دېگىن». 9
پەرۋەردىگار يەنە ئاھازغا سۆز قىلىپ: ــ 10
«ئۆزۈڭ ئۈچۈن بېشارەت سورا؛ مەيلى يەرنىڭ تېگىدە ياكى پەلەكنىڭ قەرىدە بولسۇن سوراۋەر» ــ دېدى. (Sheol h7585) 11
بىراق ئاھاز جاۋابەن: «مەن ھەم سورىمايمەن ھەم پەرۋەردىگارنى سىناقتا قويمايمەن» ــ دېدى. 12
ئاندىن [يەشايا]: ــ ئەمدى ئى داۋۇت جەمەتىدىكىلەر، ئاڭلاپ قويۇڭلار، ئادەملەرنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىغىنىڭلارنى ئاز دەپ، سىلەر خۇدايىمنىڭ سەۋر-تاقىتىنىمۇ قويمىغىلىۋاتامسىلەر؟ 13
شۇڭا رەب ئۆزى سىلەرگە بىر بېشارەت بېرىدۇ: ــ مانا، پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئىممانۇئېل» دەپ ئاتايدۇ. 14
ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە ئۇ پىشلاق ۋە بال يەيدۇ. 15
چۈنكى بۇ ياش بالا ياخشىلىقنى تاللاپ، يامانلىقنى رەت قىلىشنى بىلگۈچە، سەن نەپرەتلىنىدىغان بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يەر-زېمىنلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ. 16
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئەفرائىم يەھۇدادىن ئايرىلغان كۈندىن بۇيان بولۇپ باقمىغان قاتتىق كۈنلەرنى چۈشۈرىدۇ. ئۇ كۈنلەر بولسا ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىدىن ئىبارەتتۇر! 17
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پىنھان ئېرىقلىرىدىكى پاشىلارنى ۋە ئاسۇرىيەدىكى ھەرىلەرنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ 18
ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ ھەربىر خىلۋەت جىلغىلارغا، تاشلارنىڭ ھەربىر ئاراچلىرىغا، ھەممە يانتاقلارغا ۋە ھەممە يايلاقلارغا غۇژژىدە قونۇشىدۇ. 19
ئاشۇ كۈنى، رەب ئەفرات دەرياسىنىڭ نېرىسىدىن ئىجارىگە ئالغان بىر ئۇستىرا بىلەن، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن چاچ چۈشۈرىدۇ؛ مۇشۇ ئۇستىرا باشنىڭ چېچىنى، پۇتنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقالنىمۇ چۈشۈرۈپ غىردايدۇ؛ 20
شۇ كۈنلەردە بىر كىشى ياش بىر سىيىر ۋە ئىككى قوي باقىدۇ، 21
ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ سۈت بەرگىنىدىن ئۇ سېرىق ماي يەيدۇ؛ دەرۋەقە، زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسى سېرىق ماي ۋە بال يەيدۇ. 22
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھەر تېلى بىر كۈمۈش تەڭگىگە يارايدىغان، مىڭ تېلى بار ئۈزۈمزارلىق بولغان ھەربىر جاي جىغانلىققا ۋە تىككەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ 23
ئاشۇ يەرگە ئادەملەر پەقەت ئوقيا كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىن جىغانلىققا ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. 24
ئىلگىرى كەتمەن چېپىلغان ھەربىر تاغلىق جىلغىلارغا بولسا، ــ ئۇلار ئۇ يەرلەرگە جىغانلاردىن ۋە تىكەنلەردىن قورقۇپ بارمايدۇ؛ بۇ يەرلەر پەقەت كالىلارنى ئوتلىتىدىغان، قويلار دەسسەپ-چەيلەيدىغان جايلار بولۇپ قالىدۇ، خالاس. 25

< يەشايا 7 >