< يەشايا 65 >

ئەزەلدىن مېنى ئىزدىمىگەنلەرگە مېنى سوراش يولىنى ئاچتىم؛ مەن ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم. مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالمىغان يات بىر ئەلگە مەن: ــ «ماڭا قارا، ماڭا قارا» ــ دېدىم. 1
بىراق يامان يولدا ماڭىدىغان، ئۆزىنىڭ پىكىر-خىيالىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى بىر خەلققە بولسا مەن كۈن بويى قولۇمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم. 2
يەنى باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ، كۆز ئالدىمدىلا زەردەمگە تېگىدىغان بىر خەلق؛ 3
ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ، قازان-قاچىلىرىدا ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ شورپىسى بار. 4
ئۇلار: «ئۆزۈڭ بىلەن بول، ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما؛ چۈنكى مەن سەندىن پاكمەن» ــ دەيدۇ؛ مۇشۇلار دىمىغىمغا كىرگەن ئىس-تۈتەك، كۈن بويى ئۆچمەي تۇرىدىغان ئوتتۇر! 5
مانا، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈكلۈك تۇرىدۇكى: ــ مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ بەلكى ھەم سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى، شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان، دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن، ــ شۇلارنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن. 6
7
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە، خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك، مەن ئۆز قۇللىرىمنىڭ سەۋەبىدىنلا شۇنداق قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلمايمەن. 8
شۇنداق قىلىپ مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى، يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاللىغانلىرىم [زېمىنغا] ئىگە بولىدۇ، مېنىڭ قۇللىرىم شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ. 9
مېنى ئىزدىگەن خەلقىم ئۈچۈن، شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان، ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ. 10
بىراق پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغۇچى، «تەلەي» [دېگەن بۇت] ئۈچۈن داستىخان سالغۇچى، «تەقدىر» [دېگەن بۇت] ئۈچۈنمۇ ئەبجەش شارابنى قۇيۇپ قاچىلارنى تولدۇرغۇچىسىلەر، 11
مەن سىلەرنى قىلىچقا «تەقدىر» قىلدىم، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار قىرغىنچىلىقتا باش ئېگىسىلەر؛ چۈنكى مەن چاقىردىم، سىلەر جاۋاب بەرمىدىڭلار؛ مەن سۆز قىلدىم، سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلىۋاتىسىلەر، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىغانسىلەر. 12
شۇڭا، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم يەيدۇ، سىلەر ئاچ قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم ئىچىدۇ، بىراق سىلەر ئۇسسۇز قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شادلىنىدۇ، سىلەر شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر؛ 13
مانا، كۆڭلىدىكى شاد-خۇراملىقتىن قۇللىرىم ناخشا ئېيتىدۇ، سىلەر كۆڭۈلدىكى ئازابتىن زار-زار يىغلايسىلەر، روھ-قەلب سۇنۇقلۇقىدىن نالە-پەرياد كۆتۈرىسىلەر. 14
ئىسمىڭلارنى مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا لەنەت بولۇشقا قالدۇرىسىلەر. رەب پەرۋەردىگار سېنى ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ قۇللىرىغا باشقا بىر ئىسىمنى قويۇپ بېرىدۇ. 15
شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە، «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ؛ كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا، ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم. 16
چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛ ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ. 17
ئەكسىچە سىلەر مېنىڭ يارىتىدىغانلىقىمدىن خۇشاللىنىڭلار؛ مەڭگۈگە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار، چۈنكى مەن يېرۇسالېمنى شاد-خۇراملىق، ئۇنىڭ خەلقىنى خۇشاللىق بەرگۈچى قىلىپ يارىتىمەن. 18
ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ؛ 19
ئۇنىڭدا يەنە بىرنەچچە كۈنلۈك چاچراپ كەتكەن بوۋاق بولمايدۇ، ياكى ۋاقتى توشماي ۋاقىتسىز كەتكەن بوۋاي بولمايدۇ؛ يۈز ياشقا كىرگەن بولسا «يىگىت» سانىلىدۇ، شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ. 20
ئۇلار ئۆيلەرنى سالىدۇ، ئۇلاردا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلاردىن مېۋە يەيدۇ؛ 21
ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛ تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ؛ چۈنكى خەلقىمنىڭ كۈنلىرى دەرەخنىڭ ئۆمرىدەك بولىدۇ؛ مېنىڭ تاللىغانلىرىم ئۆزلىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ. 22
ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ؛ ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغاندا كېلەچىكى توغرۇلۇق ۋەھىمە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ شۇنداق. 23
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا، مەن ئىجابەت قىلىمەن؛ ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا، مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن. 24
بۆرە ھەم پاقلان بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ؛ شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ؛ يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ. مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. 25

< يەشايا 65 >