< يەشايا 60 >

ــ ئورنۇڭدىن تۇر، نۇر چاچ! چۈنكى نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلدى! 1
چۈنكى قاراڭغۇلۇق يەر-زېمىننى، قاپقارا زۇلمەت ئەل-يۇرتلارنى باسىدۇ؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۈستۈڭدە كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپى سېنىڭدە كۆرۈنىدۇ؛ 2
ھەم ئەللەر نۇرۇڭ بىلەن، پادىشاھلار سېنىڭ كۆتۈرۈلگەن يورۇقلۇقۇڭ بىلەن ماڭىدۇ. 3
بېشىڭنى كۆتۈر، ئەتراپىڭغا قاراپ باق؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ يىغىلىدۇ؛ ئۇلار يېنىڭغا كېلىدۇ، ــ ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ، قىزلىرىڭ يانپاشلارغا ئارتىلىپ كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ. 4
شۇ چاغدا كۆرىسەن، كۆزلىرىڭ چاقناپ كېتىدۇ، يۈرەكلىرىڭ تىپچەكلەپ، ئىچ-ئىچىڭگە پاتماي قالىسەن؛ چۈنكى دېڭىزدىكى بايلىقلار سەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېلىدۇ، ئەللەرنىڭ مال-دۇنيالىرى يېنىڭغا كېلىدۇ. 5
توپ-توپ بولۇپ كەتكەن تۆگىلەر، ھەم مىدىيان ھەم ئەفاھدىكى تايلاقلار سېنى قاپلايدۇ؛ شېبادىكىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ؛ ئۇلار ئالتۇن ھەم خۇشبۇي ئېلىپ كېلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى جاكارلايدۇ. 6
كېدارنىڭ بارلىق قوي پادىلىرى يېنىڭغا يىغىلىدۇ؛ نېبايوتنىڭ قوچقارلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ قوبۇل قىلىشىمغا ئېرىشىپ قۇربانگاھىمغا چىقىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن گۈزەللىك-جۇلالىقىمنى ئايان قىلىدىغان ئۆيۈمنى گۈزەللەشتۈرىمەن. 7
كەپتەرخانىلىرىغا قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەردەك، ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بۇلۇتتەك كېلىۋاتقان كىمدۇ؟ 8
چۈنكى ئاراللار مېنى كۈتىدۇ؛ شۇلار ئارىسىدىن ئوغۇللىرىڭنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىشكە، ئۆز ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشكە، تارشىشتىكى كېمىلەر بىرىنچى بولىدۇ. ئۇلار خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىق كەلتۈردى. 9
يات ئادەملەرنىڭ بالىلىرى سېپىللىرىڭنى قۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى خىزمىتىڭدە بولىدۇ؛ چۈنكى غەزىپىمدە مەن سېنى ئۇردۇم؛ بىراق شاپائىتىم بىلەن ساڭا رەھىم-مېھرىبانلىق كۆرسەتتىم. 10
دەرۋازىلىرىڭ ھەردائىم ئوچۇق تۇرىدۇ؛ (ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئېتىلمەيدۇ) شۇنداق قىلغاندا ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ساڭا ئېلىپ كەلگىلى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئالدىڭغا يېتەكلەپ كەلگىلى بولىدۇ. 11
چۈنكى ساڭا خىزمەتتە بولۇشنى رەت قىلىدىغان ئەل ياكى پادىشاھلىق بولسا يوقىلىدۇ؛ مۇشۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي بەربات بولىدۇ. 12
مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، لىۋاننىڭ شەرىپى، ــ ئارچا، قارىغاي ۋە بوكسۇس دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى ساڭا كېلىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئايىغىم تۇرغان يەرنى شەرەپلىك قىلىمەن. 13
سېنى خارلىغانلارنىڭ بالىلىرى بولسا ئالدىڭغا ئېگىلگىنىچە كېلىدۇ؛ سېنى كەمسىتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئايىغىڭغا باش ئۇرىدۇ؛ ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ زىئونى» دەپ ئاتايدۇ. 14
سەن تاشلىۋېتىلگەن ھەم نەپرەتكە ئۇچرىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم زېمىنىڭدىن ئۆتمىگەن؛ ئەمدىلىكتە مەن سېنى مەڭگۈلۈك بىر شان-شۆھرەت، ئەۋلاد-ئەۋلادلارنىڭ بىر خۇرسەنلىكى قىلىمەن. 15
ئەللەرنىڭ سۈتىنى ئېمىسەن، پادىشاھلارنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەندەك [مېھىر-شەپقىتىگە] ئېرىشسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مەن پەرۋەردىگارنى ئۆزۈڭنىڭ نىجاتكارىڭ ھەم ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ، «ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسى» دەپ بىلىسەن. 16
مىسنىڭ ئورنىغا ئالتۇننى، تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈشنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ ياغاچنىڭ ئورنىغا مىسنى، تاشلارنىڭ ئورنىغا تۆمۈرنى ئەپكېلىپ ئالماشتۇرىمەن؛ سېنىڭ ھاكىملىرىڭنى بولسا تىنچ-ئاراملىق، بەگلىرىڭنى ھەققانىيلىق قىلىمەن. 17
زېمىنىڭدا زوراۋانلىقنىڭ ھېچ ساداسى بولمايدۇ، چېگرالىرىڭ ئىچىدە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەتمۇ يوق بولىدۇ؛ سەن سېپىللىرىڭنى «نىجات»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن. 18
نە قۇياش كۈندۈزدە ساڭا نۇر بولمايدۇ، نە ئاينىڭ جۇلاسى ساڭا يورۇقلۇق بەرمەيدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، سېنىڭ خۇدايىڭ گۈزەل جۇلالىقىڭ بولىدۇ. 19
سېنىڭ قۇياشىڭ ئىككىنچى پاتمايدۇ، ئېيىڭ تولۇنلۇقىدىن يانمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ھەسرەت-قايغۇلۇق كۈنلىرىڭگە خاتىمە بېرىلىدۇ. 20
سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ؛ يەر-زېمىنغا مەڭگۈگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېنىڭ گۈزەل جۇلالىقىمنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز قولۇم بىلەن تىككەن مايسا، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلىگىنىم بولىدۇ. 21
سەبىي بالا بولسا مىڭغا، ئەڭ كىچىكى بولسا ئۇلۇغ ئەلگە ئايلىنىدۇ، مەنكى پەرۋەردىگار بۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 22

< يەشايا 60 >