< يەشايا 6 >

ئۇززىيا پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەن يىلى مەن رەبنى كۆردۈم؛ ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر تەختتە ئولتۇراتتى؛ ئۇنىڭ تونى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بىر كەلگەنىدى. 1
ئۇنىڭ ئۈستىدە سارافلار پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى؛ ھەربىرىنىڭ ئالتە تال قانىتى بار ئىدى؛ ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ يۈزىنى ياپاتتى، ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پۇتىنى ياپاتتى، ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇ پەرۋاز قىلىپ تۇراتتى. 2
ئۇلاردىن بىرى باشقا بىرسىگە: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر! بارلىق يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە تولغان!» ــ دەپ توۋلاۋاتاتتى. 3
توۋلىغۇچىنىڭ ئاۋازىدىن دەرۋازىنىڭ كېشەكلىرى تەۋرىنىپ كەتتى، ئۆي ئىس-تۈتەك بىلەن قاپلاندى. 4
شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «ئۆزۈمگە ۋاي! مەن تۈگەشتىم! چۈنكى مەن لەۋلىرى ناپاك ئادەممەن ھەم ناپاك لەۋلىك خەلق بىلەن ئارىلىشىپ تۇرۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا قارىدىم!» ــ دېدىم. 5
شۇنىڭ بىلەن سارافلاردىن بىرى قولىدا قۇربانگاھتىن بىر چوغنى لاخشىگىرغا قىسىپ ئېلىپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى؛ 6
ئۇ ئۇنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ: ــ «مانا، بۇ لەۋلىرىڭگە تەگدى؛ سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ئېلىپ تاشلاندى، گۇناھىڭ كافارەت بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى» ــ دېدى. 7
ئاندىن مەن رەبنىڭ: ــ «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن؟ كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» ــ دېدىم. 8
ۋە ئۇ: «بارغىن؛ مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر. 9
مۇشۇ خەلقنىڭ يۈرىكىنى تاش قىلغىن؛ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر، كۆزلىرىنى كور قىلغىن؛ بولمىسا، ئۇلار كۆزلىرى بىلەن كۆرەلەيدىغان، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىيالايدىغان، كۆڭلى بىلەن چۈشىنەلەيدىغان قىلىنىپ، يولىدىن ياندۇرۇلۇپ ساقايتىلغان بولاتتى». 10
ئاندىن مەن: ــ «رەب، بۇ ئەھۋال قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟» ــ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ جاۋابەن: ــ «تا شەھەرلەر خاراب قىلىنىپ ئاھالىسىز، ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، زېمىن پۈتۈنلەي چۆلگە ئايلىنىپ بولغۇچە، 11
پەرۋەردىگار ئادەملىرىنى يىراقلارغا يۆتكەپ، زېمىندىكى تاشلىۋېتىلگەن يەرلەر كۆپ بولغۇچە بولىدۇ» ــ دېدى. 12
«ھالبۇكى، زېمىندا ئادەملەرنىڭ ئوندىن بىرىلا قالىدۇ؛ ئۇلار [زېمىنغا] قايتىپ كېلىپ يەنە يۇتۇۋېتىلىدۇ، كېسىلگەن بىر دۇب ياكى ئارئار دەرىخىنىڭ كۆتىكىدەك بولىدۇ؛ كۆتەك بولسا «مۇقەددەس نەسىل» بولۇر. 13

< يەشايا 6 >