< يەشايا 59 >

ــ قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك كۈچسىز بولۇپ قالغان ئەمەس؛ ياكى ئۇنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمىغۇدەك ئېغىر بولۇپ قالغان ئەمەس؛ 1
بىراق سىلەرنىڭ قەبىھلىكىڭلار سىلەرنى خۇدايىڭلاردىن يىراقلاشتۇردى، گۇناھىڭلار ئۇنىڭ يۈزىنى سىلەردىن قاچۇرۇپ تىلىكىڭلارنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتقۇزمىدى. 2
چۈنكى قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار قەبىھلىك بىلەن مىلەنگەن، لەۋلىرىڭلار يالغان گەپ ئېيتقان، تىلىڭلار كالدىرلاپ قېرىشىپ سۆزلىگەن؛ 3
ھەققانىيلىق تەرەپتە سۆزلىگۈچى يوقتۇر، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرىدىغان ھۆكۈم سورىغۇچى يوقتۇر؛ ئۇلار يوق بىر نەرسىگە تايىنىپ، ئالدامچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكىسى زىيانداش، ئۇلارنىڭ تۇغۇۋاتقىنى قەبىھلىك؛ 4
ئۇلار چار يىلاننىڭ تۇخۇملىرىنى تۆرەلدۈرىدۇ، ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى تورلايدۇ، كىم ئۇنىڭ تۇخۇملىرىنى يېسە ئۆلىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى چېقىلسا زەھەرلىك يىلان چىقىدۇ. 5
ئۇلارنىڭ تورلىرى كىيىم بولالمايدۇ؛ ئۆزلىرى ئىشلىگەنلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ياپالمايدۇ؛ ئىشلىگەنلىرى بولسا قەبىھ ئىشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قولىدا زوراۋانلىق تۇرىدۇ؛ 6
قەدەملىرى يامانلىق تەرەپكە يۈگۈرىدۇ، گۇناھسىز قاننى تۆكۈشكە ئالدىرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلىرى قەبىھلىك توغرىسىدىكى ئويلاردۇر؛ بارغانلا يەردە ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت تېپىلىدۇ. 7
تىنچلىق-ئاراملىق يولىنى ئۇلار ھېچ تونۇمايدۇ؛ يۈرۈشلىرىدە ھېچ ھەقىقەت-ئادالەت يوقتۇر؛ ئۇلار يوللىرىنى ئەگرى-توقاي قىلىۋالدى؛ كىم بۇلاردا ماڭغان بولسا تىنچ-ئاراملىقنى كۆرمەيدۇ. 8
ــ شۇڭا ھەقىقەت-ئادالەت بىزدىن يىراق تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق يېتىپ بىزنى چۈمكىگەن ئەمەس؛ نۇرنى كۈتىمىز، بىراق يەنىلا قاراڭغۇلۇق! بىرلا غىل-پال پارلىغان يورۇقلۇقنىمۇ كۈتىمىز، يەنىلا زۇلمەتتە ماڭىمىز. 9
قارىغۇلاردەك بىز تامنى سىلاشتۇرۇپ ئىزدەيمىز، كۆزسىز بولغاندەك سىلاشتۇرىمىز؛ گۇگۇمدا تۇرغاندەك چۈشتىمۇ پۇتلىشىپ كېتىمىز، چەت ياقىلاردا ئۆلۈكلەردەك يۈرىمىز. 10
ئېيىقلاردەك نەرە تارتىمىز، پاختەكلەردەك قاتتىق ئاھ ئۇرىمىز؛ بىز ھۆكۈم-ھەقىقەتنى كۈتۈپ قارايمىز، بىراق ئۇ يوق؛ نىجات-قۇتۇلۇشنى كۈتىمىز، بىراق ئۇ بىزدىن يىراقتۇر؛ 11
چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ئالدىڭدا كۆپىيىپ كەتتى، گۇناھلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ چۈنكى ئىتائەتسىزلىكلىرىمىز ھەردائىم بىز بىلەن بىللىدۇر؛ قەبىھلىكلىرىمىز بولسا، بىزگە روشەندۇر: ــ 12
چۈنكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلماقتىمىز، ۋاپاسىزلىق قىلماقتىمىز، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەكتىمىز، زۇلۇمنى ھەم ئاسىيلىقنى تەرغىپ قىلماقتىمىز، يالغان سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ، ئىچ-ئىچىمىزدىن سۆزلىمەكتىمىز؛ 13
ئادالەت-خالىسلىق بولسا يولدىن يېنىپ كەتتى؛ ھەققانىيلىق يىراقتا تۇرىدۇ؛ چۈنكى ھەقىقەت كوچىدا پۇتلىشىپ كېتىدۇ؛ دۇرۇس-دىيانەتنىڭمۇ كىرگۈدەك يېرى يوقتۇر. 14
شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت يوقاي دەپ قالدى؛ ئۆزۈمنى يامانلىقتىن نېرى قىلاي دېگەن ئادەم خەقنىڭ ئولجا نىشانى بولۇپ قالدى! 15
ھەم پەرۋەردىگار كۆردى؛ ھۆكۈم-ھەقىقەتنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن يامان بىلىندى. ۋە ئۇ [ئامال قىلغۇدەك] بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى؛ [گۇناھكارلارغا] ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلغۇچى ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ كۆڭلى پاراكەندە بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز بىلىكى ئۆزىگە نىجات كەلتۈردى؛ ئۇنىڭ ئۆز ھەققانىيلىقى ئۆزىنى قوللاپ چىداملىق قىلدى؛ 16
ئۇ ھەققانىيلىقنى قالقان-ساۋۇت قىلدى، بېشىغا نىجاتلىق دۇبۇلغىسىنى كىيدى؛ قىساس لىباسىنى كىيىم قىلدى، مۇھەببەتلىك قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيدى. 17
ئادەملەرنىڭ قىلغانلىرى بويىچە، ئۇ ئۇلارغا قايتۇرىدۇ؛ رەقىبلىرىگە قەھر چۈشۈرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ، چەت ئاراللاردىكىلەرگىمۇ ئۇ ئىشلىرىنى قايتۇرىدۇ. 18
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛ 19
شۇنىڭ بىلەن ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدىن ئىتائەتسىزلىكتىن يېنىپ توۋا قىلغانلارغا يېقىنلىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ 20
مەن بولسام، مانا، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئەھدەم شۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ «سېنىڭ ئۈستۈڭگە قونۇپ تۇرغان مېنىڭ روھىم، شۇنداقلا مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا قۇيغان سۆز-كالامىم بولسا، بۇنىڭدىن باشلاپ ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۆز ئاغزىڭدىن، نەسلىڭنىڭ ئاغزىدىن ياكى نەسلىڭنىڭ نەسلىنىڭ ئاغزىدىن ھەرگىز چۈشمەيدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 21

< يەشايا 59 >