< يەشايا 58 >

ــ نىدا قىلىپ جاكارلىغىن، ئاۋازىڭنى قويۇپ بېرىپ بولۇشىچە توۋلا، ئاۋازىڭنى كانايدەك كۆتۈر، مېنىڭ خەلقىمگە ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقىنى، ياقۇپنىڭ جەمەتىگە گۇناھلىرىنى بايان قىلغىن. 1
"Cry aloud, do not spare, lift up your voice like a trumpet, and declare to my people their disobedience, and to the house of Jacob their sins.
بىراق ئۇلار مېنى ھەر كۈنى ئىزدەيدىغان، ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزىدىغان، مېنىڭ يوللىرىمنى بىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-پەرمانلىرىنى تاشلىۋەتمەيدىغان بىر ئەلگە ئوخشايدۇ؛ ئۇلار مەندىن ھەققانىيلىقنى بېكىتىدىغان ھۆكۈم-پەرمانلارنى سورايدۇ؛ ئۇلار خۇداغا يېقىنلىشىشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ. 2
Yet they seek me daily, and delight to know my ways: as a nation that did righteousness, and did not forsake the ordinance of their God, they ask of me righteous judgments; they delight to draw near to God.
[ئاندىن ئۇلار]: ــ «بىز روزا تۇتتۇق، ئەمدى نېمىشقا سەن كۆزۈڭگە ئىلمىدىڭ؟ بىز جېنىمىزنى قىينىدۇق، ئەمدى نېمىشقا بۇنىڭدىن خەۋىرىڭ يوق؟» ــ [دەپ سورايدۇ]. ــ قاراڭلار، روزا كۈنى ئۆز كۆڭلۈڭلاردىكىنى قىلىۋېرىسىلەر، خىزمەتچىلىرىڭلارنى قاتتىق ئىشلىتىسىلەر؛ 3
'Why have we fasted,' say they, 'and you do not see? Why have we afflicted our soul, and you take no knowledge?' "Look, in the day of your fast you find pleasure, and exact all your labors.
سىلەرنىڭ روزا تۇتۇشلىرىڭلار جەڭگى-جېدەل چىقىرىش ئۈچۈنمۇ؟ قەبىھ قوللىرىڭلار مۇشت بىلەن ئادەم ئۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ ھازىرقى روزا تۇتۇشلىرىڭلارنىڭ مەقسىتى ئاۋازىڭلارنى ئەرشلەردە ئاڭلىتىش ئەمەستۇر! 4
Look, you fast for strife and contention, and to strike with the fist of wickedness: you do not fast this day so as to make your voice to be heard on high.
مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ــ ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟ بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ، ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟ سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»، «پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟ 5
Is such the fast that I have chosen? the day for a man to afflict his soul? Is it to bow down his head as a rush, and to spread sackcloth and ashes under him? Will you call this a fast, and an acceptable day to the LORD?
مانا، مەن تاللىغان روزا مۇشۇكى: ــ رەزىللىك-زۇلۇمنىڭ ئاسارەتلىرىنى بوشىتىش، بويۇنتۇرۇقنىڭ تاسمىلىرىنى يېشىش، ئېزىلگەنلەرنى بوشىتىپ ھۆر قىلىش، ھەرقانداق بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟ 6
"Isn't this the fast that I have chosen: to release the bonds of wickedness, to undo the bands of the yoke, and to let the oppressed go free, and that you break every yoke?
ئاش-نېنىڭنى ئاچلارغا ئۈلەشتۈرۈشۈڭ، ھاجەتمەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىپ ئۆيۈڭگە ئاپىرىشىڭ، يالىڭاچلارنى كۆرگىنىڭدە، ئۇنى كىيدۈرۈشۈڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر جان بىر تەن بولغانلاردىن قاچۇرماسلىقىڭدىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟ 7
Isn't it to distribute your bread to the hungry, and that you bring the poor who are cast out to your house? When you see the naked, that you cover him; and that you not hide yourself from your own flesh?
شۇنداق قىلغاندا نۇرۇڭ تاڭ سەھەردەك ۋاللىدە ئېچىلىدۇ، سالامەتلىكىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىپ ياشنايسەن؛ ھەققانىيلىقىڭ ئالدىڭدا ماڭىدۇ، ئارقاڭدىكى مۇھاپىزەتچىڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى بولىدۇ. 8
Then your light shall break forth as the morning, and your healing shall spring forth speedily; and your righteousness shall go before you; the glory of the LORD shall be your rear guard.
سەن چاقىرساڭ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ؛ نىدا قىلىسەن، ئۇ: «مانا مەن!» دەيدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىن بويۇنتۇرۇقنى، تەڭلەيدىغان بارماقنى، ھەم تۆھمەت گەپلىرىنى يوق قىلساڭ، 9
Then you shall call, and the LORD will answer; you shall cry, and he will say, 'Here I am.' "If you take away from the midst of you the yoke, the putting forth of the finger, and speaking wickedly;
جېنىڭنى ئاچلار ئۈچۈن پىدا قىلساڭ، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقساڭ، شۇ چاغدا نۇرۇڭ قاراڭغۇلۇقتا كۆتۈرۈلىدۇ؛ زۇلمىتىڭ چۈشتەك بولىدۇ؛ 10
and if you draw out your soul to the hungry, and satisfy the afflicted soul: then your light shall rise in darkness, and your obscurity be as the noonday;
ھەم پەرۋەردىگار سېنىڭ دائىملىق يېتەكلىگۈچىڭ بولىدۇ، جېنىڭنى قۇرغاقچىلىق بولغان ۋاقتىدىمۇ قامدايدۇ، ئۇستىخانلىرىڭنى كۈچەيتىدۇ؛ سەن سۇغىرىلىدىغان بىر باغ، سۇلىرى ئۇرغۇپ تۈگىمەيدىغان، ئادەمنى ئالدىمايدىغان بىر بۇلاق بولىسەن؛ 11
and the LORD will guide you continually, and satisfy your soul in dry places, and make strong your bones; and you shall be like a watered garden, and like a spring of water, whose waters do not fail.
سەندىن تۆرەلگەنلەر كونا خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ؛ نۇرغۇن دەۋرلەر قالدۇرغان ئۇللارنى قايتىدىن كۆتۈرىسەن، شۇنىڭ بىلەن «بۆسۈلگەن تاملارنى قايتىدىن ياسىغۇچى، كوچا-يول ۋە تۇرالغۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى» دەپ ئاتىلىسەن. 12
Those who shall be of you shall build the old waste places; you shall raise up the foundations of many generations; and you shall be called The repairer of the breach, The restorer of paths to dwell in.
ئەگەر سەن شابات كۈنىدە قەدەملىرىڭنى ساناپ ماڭساڭ، يەنى مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆزۈڭنىڭكى كۆڭلۈڭدىكىلەرنى قىلماي، شاباتنى «خۇشاللىق»، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى «ھۆرمەتلىك كۈن» دەپ بىلسەڭ، ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۆز يوللىرىڭدا ماڭماي، ئۆز بىلگىنىڭنى ئىزدىمەي، قۇرۇق پاراڭ سالمىساڭ، 13
"If you turn away your foot from the Sabbath, from doing your pleasure on my holy day; and call the Sabbath a delight, and the holy of the LORD honorable; and shall honor it, not doing your own ways, nor finding your own pleasure, nor speaking your own words:
ئۇنداقتا پەرۋەردىگارنى كۆڭلۈڭنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىسەن، ھەم مەن سېنى يەر يۈزىدىكى يۇقىرى جايلارغا مىنگۈزۈپ ماڭدۇرىمەن؛ ئاتاڭ ياقۇپنىڭ مىراسى بىلەن سېنى ئوزۇقلاندۇرىمەن ــ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق سۆز قىلدى. 14
then you shall delight yourself in the LORD; and I will make you to ride on the high places of the earth; and I will feed you with the heritage of Jacob your father:" for the mouth of the LORD has spoken it.

< يەشايا 58 >