< يەشايا 55 >

ھوي! بارلىق ئۇسساپ كەتكەنلەر، سۇغا كېلىڭلار! پۇلى يوقلار، كېلىڭلار، ئاش-نان سېتىۋېلىپ يەڭلار؛ مانا كېلىڭلار، نە پۇل نە بەدەل تۆلىمەيلا شاراب ھەم سۈت سېتىۋېلىڭلار؛ 1
نېمىشقا ھەقىقىي ئاش-نان بولمايدىغان نەرسىگە پۇل خەجلەيسىلەر؟ ئەجىرىڭلارنى ئادەمنى ھېچ قانائەتلەندۈرمەيدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىسىلەر؟ گېپىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، ياخشىسىدىن يەڭلار، كۆڭلۈڭلار مولچىلىقتىن قانائەتلىنىدۇ؛ 2
ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاڭلاڭلار، جېنىڭلار ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛ ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزۈپ بېرىمەن: ــ شۇ ئەھدە ــ داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەردۇر! 3
مانا، مەن ئۇنى ئەل-يۇرتلارغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە، ئەل-يۇرتلارغا يېتەكچى ھەم سەركەردە سۈپىتىدە تەقدىم قىلدىم ــ 4
ــ «مانا، سەن ئۆزۈڭگە يات بىر ئەلنى چاقىرىسەن، سېنى بىلمىگەن بىر ئەل يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ؛ سەۋەبى بولسا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر؛ چۈنكى ئۇ سېنى ئۇلۇغلاپ ساڭا گۈزەللىك-جۇلالىقنى يار قىلدى». 5
ــ ئىزدەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئۆزىنى تاپقۇزماقچى بولغان پەيتتە؛ ئۇ يېقىن تۇرغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىدا قىلىڭلار! 6
رەزىل ئادەم ئۆز يولىنى، ناھەق ئادەم ئۆز ئوي-خىياللىرىنى تاشلىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ ئۇنىڭغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىدۇ؛ خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ زور كەچۈرۈم قىلىدۇ. 7
چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس، مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛ 8
چۈنكى ئاسمان يەردىن قانچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مانا ئۆز يوللىرىم سىلەرنىڭ يوللىرىڭلاردىن، مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلاردىن شۇنچە يۇقىرىدۇر. 9
يامغۇر ھەم قار ئاسماندىن چۈشۈپ، يەر يۈزىنى سۇغىرىپ ئۇنى كۆكەرتىپ، چېچەكلىتىپ، تېرىغۇچىغا ئۇرۇقنى، يېگۈچىگە ئاش-ناننى تەمىنلىگۈچە قايتمايدىغاندەك، 10
مانا مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆز-كالامىم شۇنداقتۇر؛ ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە، ئۇنى ئەۋەتىش مەقسىتىمگە تولۇق يەتمىگۈچە، ئۇ ئۆزۈمگە بىكاردىن-بىكار قايتمايدۇ. 11
چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛ ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛ تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ، دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛ 12
يانتاقلىقنىڭ ئورنىدا قارىغاي، جىغانلىقنىڭ ئورنىدا خاداس دەرىخى ئۆسىدۇ؛ مۇشۇلار بولسا پەرۋەردىگارغا بىر نام كەلتۈرىدۇ، مەڭگۈگە ئۈزۈلمەس كارامەت بولىدۇ. 13

< يەشايا 55 >