< يەشايا 54 >

ــ تەنتەنە قىل، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! ناخشىلارنى ياڭرات، شادلىنىپ توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان ئايال! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ 1
چېدىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتىپ، تۇرالغۇلىرىڭنىڭ ئېتىكلىرىنى ئۇلار يايسۇن؛ كۈچۈڭنى ھېچ ئايىماي چېدىر تانىلىرىڭنى ئۇزارتقىن، قوزۇقلىرىڭنى چىڭايتقىن؛ 2
چۈنكى سەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە كېڭىيىسەن؛ سېنىڭ ئەۋلادىڭ باشقا ئەللەرنى ئىگەلەيدۇ؛ ئۇلار غېرىب شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىدۇ. 3
قورقما، چۈنكى سەن ھېچ خىجالەتتە بولمايسەن، ھېچ ئۇياتقا قالدۇرۇلمايسەن، چۈنكى يەرگە ھېچ قارىتىلىپ قالمايسەن، چۈنكى ياشلىقىڭدىكى خىجىلچانلىقنى ئۇنتۇيسەن، تۇللۇقۇڭنىڭ ئاھانىتىنى ھېچ ئېسىڭگە كەلتۈرەلمەيسەن. 4
چۈنكى سېنى يارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچىڭ بولسا سېنىڭ ئېرىڭ، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامى؛ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولسا ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، ئۇ بارلىق يەر-زېمىننىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىدۇ. 5
چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى چاقىردى، ــ خۇددى ئېرى ئۆزىدىن ۋاز كەچكەن، كۆڭلى سۇنۇق بىر ئايالدەك، ياشلىقىدا ياتلىق بولۇپ ئاندىن تاشلىۋېتىلگەن بىر ئايالنى چاقىرغاندەك چاقىردى» ــ دەيدۇ سېنىڭ خۇدايىڭ؛ 6
مەن بىر دەقىقە سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم، بىراق زور كۆيۈمچانلىق بىلەن سېنى يېنىمغا يىغىمەن؛ 7
غەزىپىمنىڭ تېشىشى بىلەن مەن بىر دەقىقىلا يۈزۈمنى سەندىن يوشۇرۇپ قويدۇم؛ بىراق مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىمەن» ــ دەيدۇ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ پەرۋەردىگار. 8
مۇشۇ ئىشلار خۇددى نۇھ [پەيغەمبەر] دەۋرىدىكى توپان سۇلىرىدەك بولىدۇ ــ مەن نۇھ دەۋرىدىكى سۇلار ئىككىنچى يەر يۈزىنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ دەپ قەسەم ئىچكىنىمدەك، ــ مەن شۇنداق قەسەم ئىچكەنمەنكى، سەندىن ئىككىنچى غەزەپلەنمەيمەن، ساڭا ئىككىنچى تەنبىھ بەرمەيمەن. 9
چۈنكى تاغلار يوقىلىدۇ، دۆڭلەرمۇ يۆتكىلىپ كېتىدۇ، بىراق مېھىر-مۇھەببىتىم سەندىن ھەرگىز كەتمەيدۇ، ساڭا ئارام-خاتىرجەملىك بەرگەن ئەھدەممۇ سەندىن نېرى بولمايدۇ» ــ دەيدۇ ساڭا كۆيۈمچانلىق قىلغۇچى پەرۋەردىگار. 10
ئى خار بولغان، بوراندا ئۇيان-بۇيان چايقالغان، ھېچ تەسەللى قىلىنمىغان [قىز]، مانا، مەن تاشلىرىڭنى رەڭدار سېمونت لاي بىلەن قىرلايمەن، كۆك ياقۇتلار بىلەن ئۇلۇڭنى سالىمەن؛ 11
پارقىراق مۇنارلىرىڭنى لەئەللەردىن، دەرۋازىلىرىڭنى چاقناق ياقۇتلاردىن، بارلىق سېپىللىرىڭنى جاۋاھىراتلاردىن قىلىپ ياسايمەن. 12
سېنىڭ بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ؛ بالىلىرىڭنىڭ ئارام-خاتىرجەملىكى زور بولىدۇ! 13
سەن ھەققانىيلىق بىلەن تىكلىنىسەن؛ سەن زۇلۇمدىن يىراق، (چۈنكى سەن ھېچ قورقمايسەن) ۋەھشەتتىنمۇ يىراق تۇرغۇچى بولىسەن، چۈنكى ئۇ ساڭا ھېچ يېقىنلاشمايدۇ. 14
مانا، بىرەرسى ھامان يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا، (بىراق بۇ ئىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا بولغان ئەمەس)، كىمكى يىغىلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلسا سېنىڭ سەۋەبىڭدىن يىقىلىدۇ. 15
مانا، كۆمۈر ئوتىنى يەلپۈتۈپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر قورالنى ياسىغۇچى تۆمۈرچىنى مەن ياراتقانمەن، ھەم خار قىلىش ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتقانمەن؛ 16
ساڭا قارشى ياسالغان ھېچقانداق قورال كارغا كەلمەيدۇ؛ ساڭا ئەرز-شىكايەت قىلغۇچى ھەربىر تىلنى سەن مات قىلىسەن. مانا شۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالىدىغان مىراسىدۇر! ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى بولسا مەندىندۇر! 17

< يەشايا 54 >

A Dove is Sent Forth from the Ark
A Dove is Sent Forth from the Ark