< يەشايا 52 >

ــ ئويغان، ئويغان، ئى زىئون، كۈچۈڭنى كىيىۋال، ئى يېرۇسالېم، مۇقەددەس شەھەر، گۈزەل كىيىم-كېچەكلىرىڭنى كىيىۋال؛ چۈنكى بۇندىن باشلاپ سۈننەت قىلىنمىغانلار ياكى ناپاكلار ئىچىڭگە ئىككىنچى كىرمەيدۇ. 1
توپا-چاڭدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى سىلكىۋەت؛ ئورنۇڭدىن تۇر، ئولتۇرۇۋال، ئى يېرۇسالېم؛ ئۆزۈڭنى بوينۇڭدىكى زەنجىرلەردىن بوشىتىۋەتكىن، ئى تۇتقۇن بولغان زىئون قىزى! 2
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى پۇلسىز سېتىۋەتكەنسىلەر؛ پۇلسىز قايتۇرۇپ سېتىۋېلىنىسىلەر». 3
چۈنكى مۇنداق دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار: ــ خەلقىم دەسلەپتە مىسىرغا مۇساپىر سۈپىتىدە چۈشكەنىكەن، شۇنداقلا يېقىندا ئاسۇرىيە ئۇلارنى ئەزگەن يەردە، 4
(ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار) مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا، مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!» 5
شۇڭا ئۆز خەلقىم مېنىڭ نامىمنى بىلىدۇ؛ شۇڭا شۇ كۈنى ئۇلار مېنىڭ «ئۇ» ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا ئۇلارغا: «كۆر، مېنى!» دەيدىغانلىقىمنى بىلىدۇ. 6
تاغلار ئۈستىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە! ئۇ ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلايدۇ، بەختلىك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، نىجات-قۇتۇلۇشنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ زىئونغا: «خۇدايىڭ ھەممىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ!» 7
كۆزەتچىلىرىڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلا! ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرىدۇ، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ توۋلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوننى ئېلىپ قايتقاندا، ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ! 8
ئى يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، ناخشىلارنى ياڭرىتىپ تەنتەنە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەرگەن، ئۇ يېرۇسالېمنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان! 9
پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ. 10
چىقىپ كېتىڭلار، چىقىپ كېتىڭلار؛ ھېچ ناپاك نەرسىگە تەگمەي شۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كېتىڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس قاچا-قۇچىلىرىنى كۆتۈرگۈچىلەر، ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ 11
چۈنكى سىلەر ئالدىرىغان پېتى ئەمەس، پاتىپاراق قاچقان پېتى ئەمەس چىقىپ كېتىسىلەر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا ماڭىدۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئارقا مۇھاپىزەتچىڭلار بولىدۇ. 12
« ــ كۆرۈڭلاركى، مېنىڭ قۇلۇم دانالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، ئۇ [ئالەم ئالدىدا] كۆتۈرۈلىدۇ، يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىلىدۇ، ناھايىتى ئالىي ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ. 13
لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سېنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران قېلىشىدۇ، ــ چۈنكى ئۇنىڭ چىرايى باشقا ھەرقاندىقىنىڭكىدىن كۆپ زەخىملەنگەن، [قۇلنىڭ] قىياپىتى شۇ دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلگەنكى، ئۇنىڭدا ھەتتا ئادەم سىياقىمۇ قالمىغان! 14
ئۇ شۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئۈستىگە [قان] چاچىدۇ. ھەتتا شاھ-پادىشاھلارمۇ ئۇنىڭ كارامىتىدىن ئاغزىنى تۇتۇپلا قالىدۇ؛ چۈنكى ئۆزلىرىگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغاننى ئۇلار كۆرەلەيدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغاننى چۈشىنەلەيدۇ. 15

< يەشايا 52 >