< يەشايا 50 >

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قويۇۋەتكەن ئاناڭلارنىڭ تالاق خېتى قېنى؟ ماڭا قەرز بەرگۈچىلەرنىڭ قايسىسىغا سىلەرنى سېتىۋەتكەنمەن؟ مانا، سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئارقىلىق ئۆز-ئۆزۈڭلارنى سېتىۋەتكەنسىلەر؛ سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئاناڭلار قويۇۋېتىلگەنىدى. 1
مەن سىلەردىنمۇ سورايمەن: مەن كەلگىنىمدە، نېمىشقا ھېچ ئادەم چىقمىدى؟ مەن چاقىرغىنىمدا، نېمىشقا ھېچكىم «مانا مەن» دەپ جاۋاب بەرمىدى؟ ھۆرلۈككە چىقىرىشقا قولۇم قىسقىلىق قىلامدۇ؟ قۇتقۇزغۇدەك كۈچۈم يوقمىدۇ؟ مانا، مەن بىر ئەيىبلەپلا دېڭىزنى قۇرۇتۇپ، دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن؛ سۇ بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى سېسىپ كېتىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدۇ؛ 2
ئاسمانلارنى قارىلىق بىلەن كىيدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى [قارا] بۆزدىن قىلىمەن». 3
«رەب پەرۋەردىگار مېنىڭ جاپا چەككەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ياساشنى بىلىشىم ئۈچۈن ماڭا تەلىم-تەربىيە ئالغۇچىلارنىڭ تىلىنى تەقدىم قىلدى؛ ئۇ مېنى ھەر سەھەر ئويغىتىپ تۇرىدۇ، تەربىيىلەنگەنلەرنىڭ قاتارىدا مېنىڭ قۇلىقىمنى ئويغىتىدۇ. 4
رەب پەرۋەردىگار قۇلىقىمنى ئاچتى؛ مەن بولسام ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ياكى يولىدىن باش تارتمىدىم. 5
دۈمبەمنى ساۋىغۇچىلارغا، مەڭزلىرىمنى تۈك يۇلغۇچىلارغا تۇتۇپ بەردىم؛ خورلۇق ھەم تۈكۈرۈشلەردىن يۈزۈمنى قاچۇرمىدىم؛ 6
بىراق رەب پەرۋەردىگار ياردىمىمدە بولىدۇ؛ شۇڭا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن؛ شۇڭا مەن [نىيىتىمنى قەتئىي قىلىپ] يۈزۈمنى ئالماستەك چىڭ قىلدىم؛ خىجىللىققا قالدۇرۇلمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن. 7
مېنى ئاقلىغۇچى يېنىمدىدۇر؛ كىم ماڭا ئەرز-شىكايەت قىلالىسۇن؟ بار بولسا بىرلىكتە دەۋالىشايلى؛ كىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەيىبلىمەكچى بولسا، ئالدىمغا كەلسۇن! 8
ماڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگاردۇر؛ ئەمدى مېنى ئەرز قىلالايدىغان كىمكەن؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تال كىيىمدەك ئەسكىرەپ كېتىدۇ؛ پەرۋانىلەر ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ». 9
ــ «ئاراڭلاردا پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان، ئۇنىڭ قۇلىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغان كىم بار؟ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، يورۇقلۇقى بولمىغان كىشى بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئىشىنىپ خاتىرجەملەنسۇن، خۇداسىغا يۆلەنسۇن! 10
مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان، ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار! قېنى، ئۆز ئوتۇڭلارنىڭ نۇرىدا، ئۆزۈڭلار ياققان مەشئەللەر ئارىسىدا مېڭىڭلار؛ بىراق سىلەر شۇنى قولۇمدىن ئالىسىلەركى: ــ «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!». 11

< يەشايا 50 >