< يەشايا 47 >

«ئى بابىلنىڭ پاك قىزى، كېلىپ توپا-چاڭغا ئولتۇر؛ ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، تەختسىز بولۇپ يەرگە ئولتۇر! چۈنكى سەن «لاتاپەتلىك ۋە نازۇك» دەپ ئىككىنچى ئاتالمايسەن. 1
“Come down and sit in the dust, virgin daughter of Babylon. Sit on the ground without a throne, daughter of the Chaldeans. For you will no longer be called tender and delicate.
«تۈگمەن تېشىنى چۆرۈپ، ئۇن تارت ئەمدى، چۈمپەردەڭنى ئېچىپ تاشلا، كۆڭلىكىڭنى سېلىۋەت، پاچىقىڭنى يالىڭاچلا، دەريالاردىن سۇ كېچىپ ئۆت؛ 2
Take the millstones and grind flour. Remove your veil, lift up your skirt, uncover your legs, and wade through the rivers.
ئۇياتلىقىڭ ئېچىلىدۇ؛ بەرھەق، نومۇسۇڭغا تېگىلىدۇ؛ مەن ئىنتىقام ئالىمەن، ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن. 3
Your nakedness will be uncovered. Yes, your shame will be seen. I will take vengeance, and will spare no one.”
بىزنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بولسا، «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ئۇنىڭ نامى؛ ئۇ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدۇر. 4
Our Redeemer, Yahweh of Armies is his name, is the Holy One of Israel.
ئى كالدىيلەرنىڭ قىزى، سۈكۈت قېلىپ جىم ئولتۇر، قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەت؛ چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى «سەلتەنەتلەرنىڭ خانىشى» دەپ ئاتالمايسەن. 5
“Sit in silence, and go into darkness, daughter of the Chaldeans. For you shall no longer be called the mistress of kingdoms.
مەن ئۆز خەلقىمدىن غەزەپلەندىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مىراسىمنى بۇلغىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ سەن بولساڭ ئۇلارغا ھېچقانداق رەھىم كۆرسەتمىدىڭ؛ ياشانغانلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئىنتايىن ئېغىر قىلىپ سالدىڭ؛ 6
I was angry with my people. I profaned my inheritance and gave them into your hand. You showed them no mercy. You laid a very heavy yoke on the aged.
شۇنىڭ بىلەن سەن: ــ «مەن مەڭگۈگە خانىش بولىمەن» دەپ، مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈڭدىن ھېچ ئۆتكۈزمىدىڭ؛ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلاپ باقمىدىڭسەن. 7
You said, ‘I will be a princess forever,’ so that you didn’t lay these things to your heart, nor did you remember the results.
ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى، ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر، مەن ھەرگىز تۇل ئايالنىڭ جاپاسىنى ياكى بالىلاردىن مەھرۇم بولۇشنىڭ جاپاسىنى تارتمايمەن» ــ دېگۈچى، ئى سەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگۈچىسەن، شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ 8
“Now therefore hear this, you who are given to pleasures, who sit securely, who say in your heart, ‘I am, and there is no one else besides me. I won’t sit as a widow, neither will I know the loss of children.’
«دەل مۇشۇ ئىككى ئىش، ــ بالىلاردىن مەھرۇم بولۇش ۋە تۇللۇق ــ بىر دەقىقىدە، بىر كۈن ئىچىدىلا بېشىڭغا تەڭ چۈشىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن، بەك كۆپ ئەپسۇنلىرىڭ ئۈچۈن ئۇلار تولۇق بېشىڭغا كېلىدۇ. 9
But these two things will come to you in a moment in one day: the loss of children and widowhood. They will come on you in their full measure, in the multitude of your sorceries, and the great abundance of your enchantments.
چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايانغانسەن، سەن «ھېچكىم مېنى كۆرمەيدۇ» ــ دېدىڭ؛ سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ، سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ. 10
For you have trusted in your wickedness. You have said, ‘No one sees me.’ Your wisdom and your knowledge has perverted you. You have said in your heart, ‘I am, and there is no one else besides me.’
بىراق بالايىئاپەت سېنى بېسىپ كېلىدۇ؛ سەن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەيسەن؛ ھالاكەت بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ سەن ھېچقانداق «ھامىي پۇلى» بىلەن ئۇنى توسالمايسەن؛ سەن ھېچ كۈتمىگەن ۋەيرانچىلىق تۇيۇقسىز سېنى بېسىپ چۈشىدۇ. 11
Therefore disaster will come on you. You won’t know when it dawns. Mischief will fall on you. You won’t be able to put it away. Desolation will come on you suddenly, which you don’t understand.
ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛ كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟ بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟! 12
“Stand now with your enchantments and with the multitude of your sorceries, in which you have labored from your youth, as if you might profit, as if you might prevail.
سەن ئالغان مەسلىھەتلىرىڭ بىلەن ھالسىزلىنىپ كەتتىڭ؛ ئەمدى ئاسمانلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلەر، يۇلتۇزلارغا قاراپ پالچىلىق قىلغۇچىلار، يېڭى ئايلارنى كۆزىتىپ مۇنەججىملىك قىلىپ ئىشلارنى «ئالدىنئالا ئېيتقۇچىلار» ئورنىدىن تەڭ تۇرۇپ بېشىڭغا چۈشىدىغانلاردىن سېنى قۇتقۇزسۇن! 13
You are wearied in the multitude of your counsels. Now let the astrologers, the stargazers, and the monthly prognosticators stand up and save you from the things that will happen to you.
مانا، ئۇلار پاخالدەك بولۇپ كېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى يالقۇننىڭ قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؛ بىراق ئۇلاردا ئادەمنى ئىسسىتقۇدەك ھېچ كۆمۈر، ياكى ئادەم ئىسسىنغۇدەك ھېچ گۈلخان يوقتۇر! 14
Behold, they are like stubble. The fire will burn them. They won’t deliver themselves from the power of the flame. It won’t be a coal to warm at or a fire to sit by.
سېنى ئاۋارە قىلغان، ياشلىقىڭدىن تارتىپ سەندە سودا قىلغانلار ساڭا مۇشۇنداق پايدىسىز بولىدۇ؛ ھەربىرى ئۆز يولىنى ئىزدەپ كېتىپ قالىدۇ؛ سېنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم يوقتۇر. 15
The things that you labored in will be like this: those who have trafficked with you from your youth will each wander in his own way. There will be no one to save you.

< يەشايا 47 >