< يەشايا 44 >

بىراق ھازىر، ئى ياقۇپ مېنىڭ قۇلۇم، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم ئىسرائىل، ئاڭلا! ــ 1
سېنى ياسىغان، بالىياتقۇدىن تارتىپلا سېنى شەكىللەندۈرگەن، ساڭا ياردەمدە بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما، ئى مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپ، ئى مېنىڭ تاللىغىنىم «يەشۇرۇن»، قورقما! 2
چۈنكى مەن ئۇسساپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە سۇنى، قاغجىراق يەرنىڭ ئۈستىگە كەلكۈنلەرنى قۇيۇپ بېرىمەن؛ نەسلىڭ ئۈستىگە روھىمنى، پەرزەنتلىرىڭ ئۈستىگە بەرىكىتىمنى قۇيىمەن؛ 3
ئۇلار يۇمران چۆپلەر ئارىسىدىن، ئېرىق-ئۆستەڭلەر بويىدىكى مەجنۇن تاللاردەك ئۆسىدۇ؛ 4
بىرسى: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» ــ دەيدۇ، يەنە بىرسى بولسا ياقۇپنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆزىنى ئاتايدۇ؛ يەنە باشقا بىرسى قولى بىلەن: «مەن پەرۋەردىگارغا تەۋەمەن» دەپ يازىدۇ، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىگە يانداش قوشىدۇ. 5
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بولسام تۇنجى ھەم ئاخىرىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. 6
قېنى، كىم مېنىڭ قەدىمكى خەلقىمنى تىكلەپ بېكىتكىنىمدەك بىر ئىشنى جاكارلاپ، ئالدىنئالا بايان قىلىپ، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا مەندەك تىكلەپ قويالايدۇ؟ قېنى، كىم كېيىنكى ئىشلارنى، كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىنئالا بايان قىلالىسۇن! 7
قورقماڭلار، ساراسىمىگە چۈشۈپ كەتمەڭلەر! مەن ئىلگىرى مۇشۇلارنى سىلەرگە ئاڭلىتىپ، ئالدىن بايان قىلغان ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ توغرۇلۇق سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىمدۇرسىلەر. مەندىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەرھەق، باشقا قورام تاش يوق؛ ھېچبىرىدىن خەۋىرىم يوقتۇر. 8
ئويۇلغان مەبۇدنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛ ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر؛ مۇشۇلارغا بولغان «گۇۋاھچىلار» بولسا، ئۆزلىرى قارىغۇ، ھېچنېمىنى بىلمەس؛ دەرۋەقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەرمەندىلىكتۇر. 9
كىم بىر «ئىلاھ»نى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ھېچ پايدىسى يوق بىر مەبۇدنى قۇيغان، خالاس! 10
[مەبۇدنىڭ] بارلىق ھەمراھلىرى شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغۇچىلار بولسا ئادەمدۇر، خالاس؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرسۇن، ئۇلار قورقۇشۇپ، شەرمەندىچىلىكتە قالىدۇ. 11
مانا تۆمۈرچى سايمانلىرىنى [قولىغا ئېلىپ]، چوغلار ئۈستىدە [مۇشۇ نەرسىنى] بازغانلىرى بىلەن سوقۇپ شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرىدىن قالىدۇ؛ سۇ ئىچمەي ئۇ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ. 12
ياغاچچى بولسا ياغاچ ئۈستىگە ئۆلچەش يىپىنى تارتىدۇ؛ ئۇ قەلەم بىلەن ئۈستىگە ئەندىزە سىزىدۇ؛ ئۇنى رەندە بىلەن رەندىلەيدۇ؛ ئۇ يەنە پەركا بىلەن سىزىپ جىجايدۇ؛ ئاخىردا ئۇ ئۇنى ئادەمنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشىتىپ ئىنسان تەقى-تۇرقىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشقا تەييار قىلىنىدۇ. 13
مانا ئۇ بىر كۈنى ئۆزى ئۈچۈن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىشكە چىقىدۇ! (ئۇ ئەسلىدە ئارچا ۋە دۇب دەرەخلىرىنى ئېلىپ ئۆزى ئۈچۈن ئورمانلىق ئارىسىغا تىكىپ چوڭ قىلغانىدى؛ ئۇ قارىغايمۇ تىككەنىدى، يامغۇر ئۇنى ئۈندۈردى). 14
مۇشۇ ياغاچلاردىن ئوتۇن ئېلىنىدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئىسسىنىدۇ؛ مانا، ئۇ ئوت يېقىپ، نان يېقىۋاتىدۇ؛ ئۇ يەنە ئۇنىڭدىن ئېلىپ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇنى ئويۇلغان مەبۇد قىلىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرىدۇ. 15
دېمەك، يېرىمىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ يېرىمى بىلەن گۆش يەيدۇ؛ ئۇ كاۋاب قىلىپ قانغۇچە يەيدۇ؛ بەرھەق، ئۇ ئىسسىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ــ «ئاھ، راھەتلىنىپ ئىسسىندىممەن، ئوتنى كۆرۈۋاتىمەن!» ــ دەيدۇ. 16
بىراق قالغىنى بىلەن ئۇ بىر ئىلاھنى ياسايدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ مەبۇدى بولىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ: «مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى سەن مېنىڭ ئىلاھىمدۇرسەن» ــ دەيدۇ. 17
بۇ [كىشىلەر] ھېچ بىلمەيدۇ، ھېچ چۈشەنمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى كۆرمىسۇن دەپ كۆزلىرىنى، ئۇلارنى چۈشەنمىسۇن دەپ كۆڭلىنى سۇۋاق بىلەن سۇۋىۋەتكەن. 18
ئۇلاردىن ھېچبىرىدە مۇشۇلارنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ: ــ «ياغاچنىڭ يېرىمىنى مەن ئوتتا كۆيدۈردۈم، يېرىمىنىڭ چوغلىرى ئۈستىدە مەن نان ياقتىم؛ مەن كاۋابمۇ قىلىپ يەۋالدىم؛ قالغىنىنى بىر لەنەتلىك نەرسە قىلامتىم؟ مەن بىر پارچە ياغاچقا باش ئۇرامتىم!» ــ دېگۇدەك ھېچ بىلىم ياكى يورۇتۇلۇش يوقتۇر. 19
ئۇنىڭ يېگىنى كۈللەردۇر! ئۇنىڭ كۆڭلى ئېزىقتۇرۇلغان! ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ئازدۇردى! شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ياكى: «مېنىڭ ئوڭ قولۇمدا بىر ساختىلىق بار ئەمەسمۇ؟» ــ دېيەلمەيدۇ. 20
مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭدە تۇت، ئى ياقۇپ، ئى ئىسرائىل، چۈنكى سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن؛ مەن سېنى ياساپ شەكىللەندۈردۈم؛ سەن مېنىڭ قۇلۇمدۇرسەن، ئى ئىسرائىل، سەن مېنىڭ ئېسىمدىن ھېچ چىقمايسەن! 21
ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى بۇلۇتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، گۇناھلىرىڭنى تۇماننى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتتىم؛ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل؛ چۈنكى مەن سېنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدىم. 22
ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!». 23
«سېنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان، سېنى بالىياتقۇدا ياساپ شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بولسام ھەممىنى ياراتقۇچى، ئاسمانلارنى يالغۇز كەرگەنمەن، ئۆز-ئۆزۈمدىنلا يەر-زېمىننى يايغان پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ 24
(ئۇ بولسا يالغان [پەيغەمبەرلەرنىڭ] بېشارەتلىرىنى بىكار قىلغۇچى، پالچىلارنى قايمۇقتۇرغۇچى، دانالارنى يولىدىن ياندۇرغۇچى، ئۇلارنىڭ بىلىملىرىنى نادانلىققا ئايلاندۇرغۇچى؛ 25
ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، روسۇل-ئەلچىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇچى، يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى؛ 26
چوڭقۇر دېڭىزغا: «قۇرۇق بول، دەريالىرىڭنى قۇرۇتىمەن» ــ دېگۈچى؛ 27
ھەم قورەش توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ قوي پادىچىم، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر): ــ 28

< يەشايا 44 >