< يەشايا 43 >

بىراق ھازىر ئى ياقۇپ، سېنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار، ئى ئىسرائىل، سېنى شەكىللەندۈرگۈچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «قورقما؛ چۈنكى مەن ساڭا ھەمجەمەت بولۇپ سېنى قۇتقۇزغان؛ سېنى ئۆز نامىم بىلەن ئاتىغانمەن؛ سەن مېنىڭكىدۇرسەن! 1
سەن سۇلاردىن ئۆتكىنىڭدە، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ دەريالاردىن ئۆتكىنىڭدە، ئۇلار سېنى غەرق قىلمايدۇ؛ سەن ئوتتا مېڭىپ يۈرگىنىڭدە، سەن كۆيمەيسەن؛ يالقۇنلار ئۈستۈڭدە ئوت ئالمايدۇ. 2
چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، قۇتقۇزغۇچىڭدۇرمەن؛ سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مىسىرنى بەدەل قىلىپ بەردىم، ئورنۇڭغا ئېفىئوپىيە ھەم سېبانى ئالماشتۇردۇم. 3
سەن نەزىرىمدە قىممەتلىك بولغاچقا، مەن ساڭا ئىززەت-ھۆرمەت كەلتۈرگەن ھەم سېنى سۆيگەن؛ شۇڭا مەن يەنە ئورنۇڭغا ئادەملەرنى، جېنىڭغا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن؛ 4
قورقما، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن؛ مەن نەسلىڭنى شەرقتىن، سېنى غەربتىن يىغىپ ئەپكېلىمەن؛ 5
مەن شىمالغا: ــ «تاپشۇر ئۇلارنى!» ۋە جەنۇبقا: ــ «ئۇلارنى تۇتۇپ قالما! ئوغۇللىرىمنى يىراقتىن، قىزلىرىمنى جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئەپكېلىپ بەر؛ 6
مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ھەربىرسىنى، مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان ھەربىرسىنى ئەپكېلىپ بەر!» ــ دەيمەن، ــ «مەن ئۇنى شەكىللەندۈردۈم، مەن ئۇنى ئاپىرىدە قىلدىم!»». 7
ئۇ «كۆزى بار» قارىغۇ خەلقنى، يەنى «قۇلىقى بار» گاسلارنى ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 8
ــ «بارلىق ئەللەر يىغىلسۇن، خەلقلەر جەم بولسۇن! ئۇلاردىن كىممۇ مۇنداق ئىشلارنى جاكارلىيالىسۇن؟ يەنى كىم مۇشۇنداق «ئىلگىرىكى ئىشلار»نى [ئالدىنئالا] بىزگە ئاڭلىتىپ باققان؟ بار بولسا، ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاشقا گۇۋاھچىلىرىنى ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ بولمىسا، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: ــ «بۇ بولسا ھەقىقەت!» دەپ ئېتىراپ قىلسۇن! 9
سىلەر [خەلقىم] مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم، ھەم مەن تاللىغان قۇلۇم [مەن ئۈچۈن] گۇۋاھچىدۇر، شۇنداق ئىكەن، سىلەر مېنى تونۇپ، ماڭا ئىشىنىپ، ھەم چۈشىنىپ يەتكەيسىلەركى: ــ «مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مەندىن ئىلگىرى ھېچ ئىلاھ شەكىللەنمىگەن، ھەم مەندىن كېيىنمۇ ھېچ شەكىللەنمەيدۇ؛ 10
مەن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر». 11
ــ ئاراڭلاردا «يات ئىلاھ» بولمىغان ۋاقىتتا، مەن [مەقسىتىمنى] جاكارلىغان، مەن قۇتقۇزغان ھەم شۇ ئىشلارنىڭ داڭقىنى چىقارغانمەن؛ شۇڭا سىلەر مېنىڭ تەڭرى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھچىسىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 12
«بەرھەق، ئەزەلدىن بۇيان مەن دېگەن «ئۇ»دۇرمەن، مېنىڭ قولۇمدىن ھېچكىم ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ مەن ئىش قىلسام، كىم توسالىسۇن؟ 13
ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى دەپ مەن بابىلنى جازالاتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن كالدىيلەرنى، قاچقۇن سۈپىتىدە ئۆزلىرى خۇشاللىق بىلەن پەخىرلەنگەن كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا چۈشۈرىۋېتىمەن. 14
مەن بولسام پەرۋەردىگار، سىلەرگە مۇقەددەس بولغۇچى، ئىسرائىلنى ياراتقۇچى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن. 15
دېڭىزدىن يولنى چىقارغۇچى، داۋالغۇغان سۇلاردىن يول ئاچقۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ 16
(ئۇ جەڭ ھارۋىسىنى ۋە ئاتنى، قوشۇن-كۈچلەرنى چىقارغۇچىدۇر: ــ ئۇلار بىراقلا يىقىلىدۇ، تۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئۆچۈپ قالغان، چىراغ پىلىكىدەك ئۆچۈرۈلگەن) 17
ــ مۇشۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمەڭلار، قەدىمكى ئىشلار توغرۇلۇقمۇ ئويلانماڭلار؛ 18
چۈنكى مانا مەن يېڭى بىر ئىشنى قىلىمەن؛ ئۇ ھازىرلا بارلىققا كېلىدۇ؛ سىلەر ئۇنى كۆرمەي قالامسىلەر؟! مەن ھەتتا دالالاردىمۇ يول ئاچىمەن، چۆل-باياۋاندا دەريالارنى بارلىققا كەلتۈرىمەن! 19
دالادىكى ھايۋانلار، چىلبۆرىلەر ھەم ھۇۋقۇشلار مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۆز خەلقىم، يەنى ئۆز تاللىغىنىمغا ئىچىملىك تەمىنلەشكە، دالالاردا سۇلارنى، چۆل-باياۋانلاردا دەريالارنى چىقىرىپ بېرىمەن. 20
مەن مۇشۇ خەلقنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەكىللەندۈرگەنمەن؛ ئۇلار ماڭا بولغان مەدھىيىلەرنى ئېيتىپ ئايان قىلىدۇ. 21
بىراق، ئى ياقۇپ، سەن نامىمنى چاقىرغىنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى ئىزدىمىدىڭ، ئى ئىسرائىل، ئەكسىچە سەن مەندىن كۆڭلۈڭ يېنىپ ھارسىندىڭ؛ 22
سەن ئېلىپ كەلگەن «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» قويلىرىڭنى ماڭا قىلغان ئەمەس، «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭ بىلەن مېنى ھۆرمەتلىگەن ئەمەسسەن؛ مەن «ئاشلىق ھەدىيە»نى قىلىش بىلەن سېنى «قۇللۇق»قا قويماقچى ئەمەسمەن، خۇشبۇي يېقىپ سېنى ھارسىندۇرماقچى بولغان ئەمەسمەن! 23
سەن پۇلنى خەجلەپ ماڭا ھېچ ئېگىر ئېلىپ كەلمىگەنسەن، سەن «ئىناق قۇربانلىق»لىرىڭنىڭ يېغى بىلەن مېنى رازى قىلىپ قانائەتلەندۈرگەن ئەمەسسەن؛ ئەكسىچە سەن گۇناھلىرىڭ بىلەن مېنى قۇللۇققا قويماقچى بولغانسەن، ئىتائەتسىزلىكىڭ بىلەن مېنى ھارسىندۇردۇڭ. 24
مەن، مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا سېنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكۈچىمەن، مەن سېنىڭ گۇناھلىرىڭنى ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن. 25
ئەمدى ئۆتمۈشۈڭ توغرۇلۇق مېنى ئەسلىتىپ قويغىن، مۇنازىرە قىلىشايلى، ئۆزۈڭنى ئاقلىغۇدەك گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن! 26
بىرىنچى ئاتاڭ گۇناھ قىلغان؛ سېنىڭ شەرھچىلىرىڭ بولسا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. 27
شۇڭا مەن ئىبادەتخانامدىكى يېتەكلىگۈچىلەرنى ناپاك قىلىمەن، ھەمدە ياقۇپنى ھالاك لەنىتىگە ئۇچراشقا، ئىسرائىلنى رەسۋاچىلىقتا قالدۇرۇشقا بېكىتتىم. 28

< يەشايا 43 >